نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ساغلاملىق ئۇ بىرمەسئۇلىيەت

  • ئەيدىز ۋىرۇسى قەيەردىن كەلگەن؟

  • ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى قارشىلىق كۈچى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا بىلىشكە ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  • ئەيدىز كېسەللىرى تەجرىبە بۇيۇمى ئەمەس

  • ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال كادىرلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى دەرسى ئۆتۈلدى

ئەيدىزنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-08-17كۆرۈلىشى :

1. ئافرىقا نۇپۇسى دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. بىراق 2003-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا ئافرىقىدىكى ئەيدىزنىڭ ئەھۋالى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولۇپ، %65 ئەيدىز بىمارى ئافرىقىدا ئىكەن. (2003-يىلىدىكى دۇنيا ئەيدىز بىمارى ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئومۇمىي سانى 26 مىليون 600 مىڭ ئادەم).
2. ئاسيا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى بويىچە  ئىنتايىن تېز ھالەتتە  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان ئىنتايىن خەتەرلىك، ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تارقىلىش سۈرئىتى تېز دۆلەتلەر بولۇپ قالدى.
جۇڭگۇدىكى تارقىلىش ئەھۋالى
جۇڭگودىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە كېسەل 700 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغىنىنى بىلمەي يۈرگىنى 440 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. (سەھىيە ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىغىنى ) بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ (يەنە بىر دوكلاتتا ئەيدىز بىمارى 450 مىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تەخمىنەن 1 مىليون. بۇ بەلكىم ئەڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇمات بولسا كېرەك.)
  تارقىلىش سۈرئىتى قاپلىنىش دائىرىسى بويىچە بۇ كېسەلنىڭ %80 تى ئالدىنقى قاتاردىكى 6 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونغا تارقالغان بولۇپ، بۇ ئالتە رايوندىكى سان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئۈز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇلار يۈننەن، خېنەن، گۇاڭشى، شىنجاڭ، گۇاڭدوڭ، سىچۈەن قاتارلىقلار ئىكەن.
ئېلىمىزدە 1985-يىلى ئەيدىز كېسىلى بايقالغاندىن تارتىپ، 1998-يىلى 6-ئايغىچە 10676ئادەمگە يەتكەن. ھازىر بۇ كېسەل دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە ئورۇننى قاپلاپ بولدى.
يۇقارقى سىتاستىكىنى كۈزەتسەك، گەرچە بۇ كېسەل دەسلەپتە تەرەققىي قىلغان رايوندا باشلانغاندەك قىلىسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇ رايوندىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كونتىرول قىلىش ھالىتىدە بولۇۋاتقان، بىراق تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلاردىكى تارقىلىش سۈرئىتى بەكلا تېز، كىشىنى قورقۇتقىدەك دەرىجىدە يامراپ كېتىۋاتىدۇ.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】