نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ساغلاملىق ئۇ بىرمەسئۇلىيەت

  • ئەيدىز ۋىرۇسى قەيەردىن كەلگەن؟

  • ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى قارشىلىق كۈچى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا بىلىشكە ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  • ئەيدىز كېسەللىرى تەجرىبە بۇيۇمى ئەمەس

  • ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال كادىرلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى دەرسى ئۆتۈلدى

ئېغىز جىماسىدىن ئەيدىز يۇقامدۇ؟

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-08-28كۆرۈلىشى :

ئەيدىزنىڭ قان، جىنسىي ئالاقە، ئېمىتىش ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىلىدۇ. توردىكى تولۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى نۇرغۇنلىغان ياشلار ھاۋايى  نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئەخلاقتىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپ، ئېغىز جىماسىنى سادىر قىلغان ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە سىفلىس، سۆزنەك، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، جىنسىي يول قوقىقى قاتارلىق ھەرخىل جىنسىي كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇۋالغان. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ پۇشايمانغا قالغان.
ئېغىز جىماسى (ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئەزانى، مەقئەتنى يالاش ياكى شوراش) تېبابەتتە ئۈچ خىل ئۇسۇلدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ، يەنى زەكەرنى شوراش، ئايالنىڭ ئەۋرىتىنى يالاش، مەقئەتنى يالاش. نەزەرىيە جەھەتتىن بۇ ئۈچ خىل قىلمىشتا ئەيدىز يۇقىدۇ دەپ قارىلىدۇ؛ بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە زەكەرنى شوراش ئەڭ خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، زەكەرنى شوراشتىن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى شورىغۇچىدا 10000/1 نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. زەكەر ئىگىسىدە بولسا يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن.
گەرچە ئېغىز جىماسى بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىلىم - پەن تەتقىقات ساھەسىدە كۆپ تالاش - تارتىش بولسىمۇ (مەسىلەن: كېسەللىك مىسالى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى كىشىنى قايىل قىلالماسلىق، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ نوقۇل ئېغىز جىماسى قىلمىشى بار - يوقلۇقى، بەزى بىمارلارنىڭ كېسەللىك تارىخى بايانلىرىنىڭ راست - يالغانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىق جەزملەش جەھەتتە) بۇ ھەقتىكى ماقالىلەرنىڭ كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىشى ئېغىز جىماسى بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى يېتەرلىك مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسى ھەم تېببىي تەتقىقاتچىلارغا ئېغىز جىماسىنىڭ ئەيدىزنى تارقىتىدىغان يۇقىرى خەۋپلىك بىر خىل قىلمىش ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا ئەسكەرتىدۇ، ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى سىياسەت - پەرمانلارنى توغرا تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
جۇڭگو ئەيدىز ژۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 5 - سانىدا مۇنداق بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئوقۇرمەنلەر بۇنى ئوقۇپ ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولسا ئەجەب ئەمەس (ئەسلىي ماقالە مەزمۇنى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى).
ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ توڭلىن شەھىرىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ 21 ياشلىق ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئالامەتسىز (ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق دېمەكچى) ئەيدىز بولۇپ چىققان. دوختۇر ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ قىز دوستىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەزەلدىن ئوپېراتسىيەگە چۈشمىگەنلىكىنى، قان سالدۇرمىغانلىقىنى، پەقەت بىر قانچە ئوغۇللار بىلەن ئېغىز (زەكەرنى يالاش) جىماسى قىلغانلىقىنى (ئەمما مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىپ باقمىغان) ئاشكارىلىغان. 2006 - يىلى 5 - ئايدىن 2007 - يىلى 7 - ئايغىچە ئون نەچچە قېتىم باشقا ئوغۇللار بىلەن ئېغىز جىماسى قىلغان.
ئەرلەر ئارا جىنسىي ئالاقە بولسا ئەيدىز ۋىرۇسى ھەم باشقا جىنسىي كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدىكى خەتەرلىك قىلمىش، جۇڭگودا ئەرلەر ئارا جىنسىي ئالاقىدىن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى %1 تىن %4 كىچە بولۇپ، بۇ نىسبەت قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر نوپۇسىنىڭ 2 −5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى تۈز ئۈچەينىڭ شىللىق پەردىسىگە ئوخشاپ كەتمىگەچكە، ئېغىز جىماسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. ۋاھالەنكى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانى خېلى يۇقىرى بولىدۇ. مۇبادا ساغلام تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا ئۇ ھالدا كېسەل كىشىنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى توسالغۇسىز ھالدا ساغلام تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ - دە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
ماقالىنىڭ يەنە بىر ئاپتورى جاڭ بېيچۈەن 2004 - يىلى جۇڭگودىكى قىسمەن  شەھەرلەردىكى 1389 نەپەر ئەرلەر ئارا جىنسىي ئالاقە قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە %92.66 ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئېغىز جىماسى قىلىپ باققانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە يەنە %62.62 بىمارلارنىڭ ئەزەلدىن گاندون ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىنى بىلگەن.
 ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىنى يالىشىمۇ ئوخشاشلا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالىدىغان يەنە بىر تارقىلىش يولىدۇر. چۈنكى ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدا ئاجراتمىلار ياكى قان ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. ئەگەر يەرلىك ئورۇندا ياللۇغ بولسا ئەيدىز ۋىرۇسى سانى شۇ ئورۇندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ناۋادا ئەۋرەت يالىغۇچى ئەرنىڭ (ئايالنىڭ) ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا بىمارنىڭ جىنسىي يولىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ناھايىتى تېزلا ساغلام كىشىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.
ئېغىز ئارقىلىق مەقئەتنى يالاش مەسىلىسىگە كەلسەك، گەرچە بۇ ئېغىز جىماسىدا بەك كۆپ ئۇچرىمىسىمۇ، يەنىلا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بار بىر قىلمىش. مۇبادا مەقئەتنى يالىغۇچى ئېغىزىدا جاراھەت ياكى قارشى تەرەپنىڭ مەقئىتىدە جاراھەت بولۇپ قاناش ئەھۋاللىرى بولسا ئوخشاشلا يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىق ئىسىتاتىستىكا يوق.
قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋالدا، ھەرقانداق ئېغىز جىماسىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، بۇنىڭدا بەزىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى، بەزىلەرنىڭ تۆۋەن ۋە ياكى ۋاقتىنچە تەلىيى ئوڭ كېلىپ يۇقۇملانماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئومۇمەن، بۇ خەتەرلىك ھەم ئەخلاققىمۇ مۇخالىپ قىلمىشتۇر.
بىز ئەخلاق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئېغىز جىماسىنى قىلماسلىق كېرەك. مۇنداق بىر ئوخشىتىش قىلىپ كۆرەيلى، قاتناش قائىدىسى بويىچە، سىز پىيادىلەر يولىدا مېڭىشىڭىز كېرەكتى، بىراق سىز بۇنىڭغا قارشى ھالدا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىغا كىرىۋالدىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۈگۈن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ ئۇزاققا قالمايلا ئۇچراپ قېلىشىڭىز تەبىئىي. بۇ ئىنتايىن ئاددىي مىسال بىزگە ئەسكەرتىش بولالايدۇ. بىلىش زۆرۈركى، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ نورمال يۇسۇنى بولىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى قىلمىش(قائىدىگە خىلاپ ئېغىز جىماسى) سىزگە ئويلىمىغان ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغاندا، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ئەيدىزدىن ساقلىنىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى سۆزلىگەندىن تاشقىرى، يەنە ئەرلەر ئارا، ئاياللار ئارا ئېغىز جىماسى قىلىشنىڭ خەتىرىنىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش تېخىمۇ زۆرۈر.
خۇلاسە، ھەممە كىشىلەر قولمۇ قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەۋاتقان بۇ دەۋردە، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىشى بىلەن بىرگە، ئېزىپ-تېزىپ ئەيدىزنىڭ خالتا كوچىسىغا كىرىپ قالماي، بۇ مەرەز كېسەللىكتىن يىراق تۇرۇشىغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇر دېگەن مەقسەتتە، كىچىككىنە بۇ ساۋاتنى سىزلەرگە ئوچۇق بايان قىلدۇق، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】