نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ساغلاملىق ئۇ بىرمەسئۇلىيەت

  • ئەيدىز ۋىرۇسى قەيەردىن كەلگەن؟

  • ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى قارشىلىق كۈچى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا بىلىشكە ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  • ئەيدىز كېسەللىرى تەجرىبە بۇيۇمى ئەمەس

  • ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال كادىرلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى دەرسى ئۆتۈلدى

قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-07كۆرۈلىشى :

ئەيدىز كېسىلى يەنە ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە يۇقۇملۇق ئىكەنلىكى بايقالغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، نۆۋەتتە 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مۇشۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. جۇڭگودىمۇ تەخمىنەن 700 مىڭ يۇقۇملانغۇچى بار.
قانداق قىلغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟
سىرتقى مۇھىتتا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن نورمال تېمپىراتۇرىدا پەقەت بىر نەچچە سائەت ياكى بىر نەچچە كۈنلا ياشىيالايدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بۇ ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. مەسىلەن، %25 لىك ئېتىل ئالكاگول، %0.2لىك ناترىي گىپوخلورىت، %2.5لىك ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارغا 5 مىنۇت چىلاپ قويۇلسىلا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
غەرب تىبابىتىدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى:
(1) ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش:
1) زىدوۋۇدىندىن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ بىر كىلوگرامىغا 5 مىللىگرامدىن توغرىلاپ 4 سائەتتە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىش.
2) سۇرامىندىن كۈنىگە مىڭ مىكروگرام ئېلىپ ۋېنا تومۇرىدىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش. بۇ ئۇسۇلدا داۋالاش مۇددىتى 6 ھەپتىدىن كۆپرەك بولىدۇ.
(2) ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكنى داۋالاش:
تۆش بېزى پېپتىدىدىن ھەپتىدە بىر مىكروگرام ئېلىپ، ۋېنا تومۇرىدىن 2 قېتىم ئۇرۇش؛ كېيىنكى 3 ھەپتىدە بىر مىكروگرام دورىنى ۋېنا تومۇرىغا كۈنىگە 2 قېتىم ئۇرۇشنى 4 ھەپتە ئۇدا داۋاملاشتۇرۇش.
(3) شەرتلىك قوشۇلۇش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش:
1) كاپرىنا ئۆپكە قاپلىق قۇرت ئۆپكە ياللۇغى: بۇ كېسەلنى داۋالاشتا، ئىزېتىئونىك كىسلاتا پېنتامىدىندىن كۈنىگە بەدەن ئېغىرلىقىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا 14 كۈن ئىستېمال قىلىش ياكى مۇرەككەپ سۇلفامې−توكسازول تابلېتكىسىدىن 0.96 گىرام ئېلىپ 3-2 ھەپتە ئىستېمال قىلىش.
2) ئاددىي قوقاق ۋە بەلۋاغسىمان قوقاقنى داۋالاشتا، ئاتسىكوگۇئانوزىن كۈنىگە 3000-600 مىللىگرام ئېلىپ 5-3 قېتىمغا بۆلۈپ ۋېنادىن ئۇرۇش.
(4) ئۆسمىنى داۋالاش:
ئۆسمە شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولىدۇ.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】