نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتە يېڭىلىق يارىتىش: ئېكۋاتور شەھرىنىڭ تەجرىبىسى

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-11-29كۆرۈلىشى :

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئېكۋاتورنىڭ پايتەختى كىتو شەھىرىنىڭ قەدىمى ئىمارەتلىرى يۈز يىللىق تارىىخقا ئىگە، بۇ يەردە بىر توپ ئادەم ئۆزگەرتىلگەن تورلىما مۇزىكا ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ. ئۇلار  تورلىما ئىچىدىن ئاۋايلاپ بىر پارچە ياغاچ خىش ئالدى، ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان جىنسىي ساغلاملىق دەرسگە ماس كېلىدۇ. ئوخشاش ياشتىكى مۇئەللىم ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىۋاتقاندا، كۆپچىلىك پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى. بىر ئۈستەل ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان يىراقلىقتا، باشقا ياشلار يىغىلىپ ئەرلەر ئىشلىتىدىغان بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئىشلىتىش قائىدىسىنى ئۈگەندى. قان بېسىمى ياكى قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئورنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر قەدەملىرىنى توختىتىشى مۇمكىن، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇرۇپ قېلىپ نەق مەيداندا پروفېسسور سۆزلەپ بەرگەن قىلىپ بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ئاڭلىدى.

بۇ خىل ئۆزى ئەمەلىي قاتنىشىپ تەشۋىش قىلىشنى كىتو شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ۋە ئەل ئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە Kimirina شىركىتىمۇ بار.

ئىككى يىل ئىلگىرى، كىتو دۇنيادىكى تۇنجى بولۇپ «پارىژ خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغان شەھەر ئەيدىز تارقالغان ئاندېس شەھىرىگە باردى، ئۇنىڭدىن كېيىن، كىتو زور كۈچ بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش تۈرىنى يولغا قويدى.

400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۋاياكىل شەھىرى (Guayaquil) ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەھەللىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى توختىماي كېڭەيتمەكتە.

ئۆتكەن بىر  يىل ئىچىدە، ئېكۋاتور نۇقتىلىق مەھەللە تەكشۈرۈشنى تەكىتلىدى، ھەمدە كونكىرېت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر كىتودا، يىڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ نىسبىتى تۆتتىن بىر نىسبەت ئاشتى؛ گۋاياكىلدا بۇ نىسبەت  ئۈچتىن بىر نىسبەت ئاشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مىچېل سىدىبە مۇنداق دېدى:

سىلەر قەغەز ئۈستىدە ئۇرۇش قىلماڭلار، بەلكى ئەمەلىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار. بىز بارغانسېرى كۆپ ئادەمنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيىسى قوبۇل قىلىپ، مۇناسىپ مۇلازىمەت ھەمدە مۇناسىپ تەكشۈرۈشكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆردۇق. مەھەللە كومتىتىنىڭ قوللىشى بولسىلا، بىزنىڭ قىلغان ئىشمىز ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئېرىشەلەيدۇ.

جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىش بولسا ئېكۋاتوردىكى كۆپ تارماقلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئەيدىز ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدىكى (new National Plan on HIV) بىر ھالقىلىق ئالاھىدىلىك.

10-ئاينىڭ 30-كۈنى بۇ پىلان باشلاندى، ناھايىتى سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مەزگىلدە، ئېكۋاتور جامائەت سەھىيە مىنىستىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:  ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاخىرلىشىشى تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئېكۋاتور جامائەت سەھىيە مىنىستىرىنىڭ باشلىقى ۋېرنىكا: بىز ھازىر تىرىشىپ كىشىلەر ئىددىيىسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش بولمىغان جەمئىيەتتە ياشاشقا كاپالەتلىك قىلغىنىمىزدا، ھەربىر ئادەمنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولغاندا كىشىلەر ئاندىن كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ.

ئۇندىن باشقا، ئادەمنى ئاساس قىلغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى پەقەت ئېكۋاتور شەھەر ئاھالىلىرىگىلا نەپ يەتكۈزمەيدۇ. كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن، ئېكۋاتور مۇنەۋۋەر رەھبەرلىك كۈچىنى نامايان قىلىپ، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن كاپەلەتلەندۈرۈلدى.  

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مىچېل: سىلەر كۆچمەنلەرگە قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىڭلار، ئۇلارنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىڭلار كېرەك، سىلەر  ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يۇقىرى ئۆلچەم لايىھەلىۋالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىشىڭلار كېرەك.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam