نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

شىنجاڭ تىببىي ئۇنېۋېرسىتىتىدا « قىزىل لېنتا لېكسىيەسى» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-11-29كۆرۈلىشى :

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

19 - نويابىر كەچ سائەت سەككىزدە، 2018 ـ يىللىق «قىزىل لېنتا لېكسىيەسى»، «رەڭدار قۇتقۇزۇش» تىمىسىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى شىنجاڭ تىببىي داشۈ مەركىزىي مەكتەپ كۈتۈپخانا 6-قەۋەت يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىگە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دىلشات ياقۇپ مۇئەللىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن لېكسىيە سۆزلەندى، بۇ پائالىيەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاپتونوم رايونلۇق «زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەشۋىقات تەربىيە مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ تېببىي داشۈ ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە باشقۇرغان.

دىلشات ياقۇپ مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىگە بولغان تونۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەيدىز دېلو ئۆرنەكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ،  نەق مەيداندىكى ساۋاقداشلارغا ئەيدىزنىڭ ئالاقىدار بىلىملىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، ساۋاقداشلاردا ئەيدىزگە نىسبەتەن چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلدى، ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساۋاقداشلارغا  ئەيدىزنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى.

ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مۇنداق دېدى: دىلشات ياقۇپ مۇئەللىمنىڭ ئېسىل لىكسىيەسى  بىزنى ئەيدىزگە نىسبەتەن  تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.

لېكسىيە ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى نەق مەيداندىكى ساۋاقداشلارنى يېتەكلەپ  مۇنداق قەسەم بەردى: «مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇم. ئۆزۈمدىن باشلاپ، ھاياتنى سۈيۈپ،  ساغلاملىقنى قەدىرلەپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرىمەن. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى ئىگىلەپ ۋە  تەشۋىق قىلىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋاز كەچمەيمەن ھەم كەمسىتمەيمەن. تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈپ، ئەيدىزنى چۈشىنىمەن ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىمەن، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمەن. بىز ئورتاق ھەركەتكە كېلىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش جېڭىگە ئاتلىنىمىز.»

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam