نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

مۇھەببەت ھېكايىسى:ئەيدىز ئۈچۈن سۆزلەش، بالىلارنى سۆيۈش

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-11-29كۆرۈلىشى :

 

ھەر بىر بالا  «دۇلدۇلغا مېنىپ كۆككە ئۇچۇش» غايىسى ئىچىدە كېچە ئاسمىنىغا قاراپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزى كۆرەلىگەن ھەر بىر يۇلتۇزنى ساناپ چىقىدۇ...بولۇپمۇ گۆدەكلىك مەزگىلدىكى بالىلار ئۆز خىيالىدىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان ئاشۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئىنتىلىدۇ!

ھازىر، بىزنىڭ سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىمىز بولسا جۇڭگودىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەيدىزگە قارشى تۇرغۇچى يۈ زىشى ۋە قىزىل لېنتا ھەققىدە ھېكايە.

يۈ زىشى قىزىل لېنتا جامائەت پاراۋانلىقى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى 2014-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاقىللار ئامبىرى تارقىتىش ۋاستىسىغا تەۋە. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى، كارتون رەسىم ، قىستۇرما رەسىم ئىجادىيەت، كۆرگەزمە، پىكىر ئالماشتۇرۇش، پىدائىي جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرى، لېكسىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىقى تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ.

يۈ زىشى، كىچىك ئىسمى كاڭ كاڭ، ئوغۇل، 2009-يىلى خاربىندا تۇغۇلغان. قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، رەسىم سىزىش، سۈرەت تارتىش، دېكلاماتسىيە قىلىش، چامباشلىق، ساياھەت قىلىش، جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى … قاتارلىق.  ھازىر خاربىن شەھىرى ، تيېلىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 3 -يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇنىڭ ئارزۇسى  تىلغا ئېلىنسا ، «قىزىل لېنتا»نى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، «جامائەت پاراۋانلىقى پىدائىيلار مۇلازىمىتى»نى دېمەي بولمايدۇ!

ئۇ 2013-يىلى بالىلار باغچىسى ئۇيۇشتۇرغان رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتقاندا، دادىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى جەريانىدا، ئىختىيارسىز دادىسى ئېلان قىلغان بىر پارچە «تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى نۇسخىسى»-ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كارتون تەشۋىقات رەسىمنى كۆرۈپ قالغان، بۇ كاڭ كاڭنىڭ ئەڭ دەسلەپتە «ئەيدىز»نى تونۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىشى» دېگەن ھېكايىنى بىلىدۇ، بۇ بىر كىشىنى ئويغا سالىدىغان ھېكايە بولۇپ، ھېكايىدە بىر ھاكاۋۇر توشقان بىلەن قەتئىي بوشاشماي تىرىشىدىغان بىر كىچىك تاشپاقانىڭ يۈگۈرۈشتە بەسلەشكەنلىك تەپسىلاتى سۆزلىنىدۇ.

بىراق، دادىسى سىزغان «تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى نۇسقىسى» ناملىق ھەجۋىي رەسىمدە بايان قىلىنغىنى بولسا، توشقان بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ھورۇنلۇق قىلىپ ئۇخلاپ قالماي، خۇددى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا ئوخشاش تىز سۈرئەتتە يۈگۈرگەن، تاشپاقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاۋاتقان، لېكىن يەنىلا توشقان تاشپاقىنى خېلى كەينىگە تاشلاپ قويغان، خۇددى بىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىگە ئوخشاش …

2014-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كاڭ كاڭ  ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى « قىزىل لېنتا » ھەجۋىي رەسىم، قىستۇرما رەسىم قاتارلىقلارنى سىزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىغان بولۇپ،  بىلىپ - بىلمەي قىزىقىش ھەۋەس ئىچىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش « ئىزدىنىش » يولىغا قەدەم قويغان، ئەيدىز زادى قانداق مەخلۇق ؟ AIDS دېگىنى قانداق نەرسە...كاڭ كاڭ بەلكىم ئەيدىزنىڭ نېمىلىكىنى تېخى ئېنىق بىلمىگەچكە قورقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئىشىنىمىزكى، ئەگەر ئەيدىز راستتىنلا بىر تاتلىق تۈرۈم بولسا، كاڭ كاڭ  چوقۇم  ئۇنى يەۋېتىپ،  پۈتۈن دۇنيادىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن دوختۇرلارنىڭ ئەيدىزنى كونترول قىلىش ياكى ساقايتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان 30 نەچچە يىل ۋاقىتنى تىجەپ قالغان بولاتتى...

2014- يىلى كاڭ كاڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى پىدائىيلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ «كىچىك پىدائىي » بولدى، يەنە تېخى يېڭى كەچلىك گېزىتىگە چىقىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ كىچىك «ئەيدىزگە قارشى تۇرغۇچى پەرىشتە»گە ئايلاندى.

11-ئاينىڭ ئاخىرىدا كاڭ كاڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇنجى قېتىم مەركىزىي كوچىغا چىقىپ، 27-قېتىملىق « دۇنيا ئەيدىز كۈنى» خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۇششاق يېغىۋاتقان قار ۋە سوغۇققا قارىماي، خاربىن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى پىدائىي تاغا ھەدىلەر بىلەن بىللە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقات قوللانمىسى تارقاتتى.

بۇ كۈنى كاڭ كاڭ تەلەيلىك ھالدا «ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات» پائالىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇن دوڭشېڭ بوۋاي بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ ئىلھام بېرىشىگە ئېرىشتى. شۇ يىلى كاڭ كاڭ  شەھەر، رايون دەرىجىلىك  كېسەللىكلەرنى  كونترول تارماقلىرى تەرىپىدىن «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پىدائىيسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

2015 ـ يىلىدىن باشلاپ كاڭ كاڭ يىغقان بايراملىق پۇللىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ «ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشنى توسۇش تۈرى»گە ئىئانە قىلغان، ئۇنىڭ بۇ جامائەت پاراۋانلىقى ئىئانىسىنى داۋاملاشتۇرۋاتقىنىغا ھازىرغىچە ئاللىقاچان ئۈچ يىل بولدى.

2016 - يىلى 29 - قېتىملىق « دۇنيا ئەيدىز كۈنى » ھارپىسىدا، كاڭ كاڭ سىزغان  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش  توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىجادىي ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە « پەرۋاز » ناملىق رەسىم دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ جىنسىي كېسەللەر ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش » ئاممىۋى تەشۋىقات ئېلانى ئىچىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تاللانغان، ھەمدە ئۇ جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزى تارقاتقان شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن.

11-ئاينىڭ 26-كۈنى كاڭ كاڭ خاربىن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئەيدىز بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش باش تېما قىلىنغان جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كاڭ كاڭ تۇنجى قېتىم ئەيدىز بىمارى  كىچىك ئاچاش بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتى، ئەيدىزنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنداق «قورقۇنۇچلۇق» ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى، كىچىك ئاچاش بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يىدى، پەن-تېخنىكا سارىيىنى ئايلاندى، كۆپچىلىك ئازادە خۇشال ھالدا  ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل بىر كۈننى ئۆتكۈزدى! بۇلارنىڭ ھەممىسى كاڭ كاڭغا ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلدۇردى، بىر نەچچە يىللىق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش جامائەت پاراۋانلىقى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەمەلىيىتىدە ئۇ يۇقۇملۇق كېسەللىككە نىسبەتەن پەقەت ئۇنى چۈشىنىش ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش بولۇپ ھېسابلىندىغانلىقىنى،  پەقەت  ئالدىنى ئېلىشنى بىلسەكلا ئۇنىڭ جىق زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

2017-يىلى ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، 4-ئايدا كاڭ كاڭ خۇشال ھالدا خاربىن تىياتىرخانىسىدا «قىزىل لېنتا ساغلاملىق ئەلچىسى» − دۆلەتلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتچىسى پۇ سۇنشىن مۇئەللىم بىلەن بىرلىكتە كىلاسسىك ئەسسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، 30-قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا  سىنىپ مەسئۇلى لى مۇئەللىمنىڭ ئىلھام بېرىشى، مەكتەپ رەھبەرلىكنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ئاستىدا كاڭ كاڭ «ئەيدىز ئۈچۈن سۆزلەش، بالىلارنى سۆيۈش» تېمىسىدىكى 2017-يىللىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» ، «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى كارتون رەسىم، قىستۇرما رەسىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزدى. بۇ سەييارە كۆرگەزمە قىلىش جامائەت پاراۋانلىق تەشۋىقات پائالىيىتى خاربىن شەھەرلىك تيېلىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. خاربىن شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى، خاربىن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، خاربىن شەھىرى نەنگاڭ رايونى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەكتەپ پۈتۈن مەكتەپتىكى 3600 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى بۇ كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، رەسىم كۆرگەزمىسى باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، خاربىن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى مېڭ چىڭ  تيېلىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بارىلىق ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن  بىر قېتىملىق جانلىق بولغان « ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش » توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى، ھەم خۇشال بولغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : «بۇ خاربىن شەھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئېلىپ كىرىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى،   ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى قانچە بالدۇر چۈشىنىپ يەتسەك، ئاندىن  يوشۇرۇن خەۋپتىن شۇنچە يىراق تۇرالايمىز. »

كىشىگە گۈل بەرسەڭ، قولۇڭدا پۇرىقى قالىدۇ. كاڭ كاڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا دائىم گاڭگىراش، خاتا چۈشىنىشلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق  سەمىمىي قەلىب ۋە تەسىرلىك ۋەقەلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنمۇ بىلىدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنياغا شۇنداق دەيدۇ: ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىزكېرەك، ئازراق بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك، ھەمبەھىرلەشكە ئەرزىگۈدەك ئىش قىلشىمىز كېرەك. بۇ بىر مەيدان «مارافونچە» مۇھەببەت يەتكۈزۈش، مۇھەببەتنى ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈش، مۇھەببەتلىك قانلارنى ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈركىدە ئاققۇزۇش! تاماـتاما كۆل تولار، مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق، كاڭ كاڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە  جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى پۇختا باستى.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam