نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

فىلىم «بىر پىرسەنت»-ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنىگە بېغىشلايمىز

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-01كۆرۈلىشى :

 

ئەيدىز كېسىلى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا، شۇنداقلا ھاياتىغا بىۋاسىتە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەيدىزنىڭ خەۋپىگە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى. مۇخبىرىمىزنىڭ شىنجاڭ ئەيدىز-جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 47 مىڭ 480 گە يەتكەن، بۇنىڭ يۇقۇش ئامىللىرى ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت، زەھەر چېكىش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىقلار بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئەيدىزنىڭ قارا قولى بىلەن خانىۋەيران بولغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكتىن، يىلدا ئۆرلەپ مېڭىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئاستا نىسبەتتە ئازىيىپ، 2018-يىلى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن %4.7 تۆۋەن بولدى.

ھەر بىر ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى- جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ بەخت-سائادىتى. ئائىلىدە ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە ۋاپادار، سادىق بولۇش، نامۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش- ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ئەقەللىي تەلىپى. شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار.

بۇ فىلىم 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا مىكرو فىلىم فېستىۋالىدا ياخشى ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شىنجاڭ داسېن مەدەنىيەت تارقىتىش پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئالتۇن گۆھەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن.

فىلىم چىقارغۇچى: دۈەن يۆخاۋ

سېنارىست: قاھار نىياز

رېژىسسور: جۈرئەت ۋاھىت

ئوپېراتور: ئەكرەم ئەركىن

فىلىم ئىشلىگۈچى: نۇرسىمان ئابدۇكېرەم

ئاساسلىق رولدا: ئابلىكىم ئابلا

 

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam