نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

بۇ، كىشىنى يىغلىتىدىغان ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ھېكايىسى

مەنبەسى : https://mp.weixin.qq.com/s/oo75C4w4DFD1N3Rx-Hja3wيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-02كۆرۈلىشى :

 ئەگەر بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈندىن باشلاپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بولسىڭىز قانداق ياشاشنى تاللايتتىڭىز؟

ياخشىمۇسىز، مېنىڭ ئىسمىم ئىنكوسى جانسون، بۇ يىل 11 ياشقا كىردىم، مەن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم، تۇغۇلۇپلا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەنمەن.

جەنۇبىي ئافرىقىلىق بىر ئوغۇل بالا تۇغۇلۇپلا بەختكە قارشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، بىراق ئۇنىڭ ۋىجىك، ئاجىز تاشقى قىياپىتىنىڭ ئىچىدە ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردا يوق قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بار.

سىز ئۇنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئوقۇشى ئۈچۈن قانداق ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئۇ يەنە قانداق قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەڭ كىچىك ئەيدىزگە قارشى جەڭچىگە ئايلىنالىدى؟

ئەيدىزنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان بالىلارنى قانداق قىلغاندا تولۇق قوغدىغىلى بولىدۇ؟

ھازىر داۋالاش ۋاسىتىلىرى كۈنسېرى تەرەققىي قىلماقتا، كىشىلەر بۇ بالىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە داۋالاشقا موھتاج بولۇپلا قالماستىن، باشقا بالىلارغا ئوخشاش مېھىرلىك قۇچاقلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلماقتا.


ئەسلى مەنبەسى: https://v.qq.com/x/page/t0803vaxyql.html

中国维吾尔语广播CNR سالونىدىن ئېلىندى

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam