نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

بۇ يىل شاڭخەيدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ % 90ى ئەرلەر ئىكەن

مەنبەسى : https://mp.weixin.qq.com/s/dqZNnD0nRd9Fcos6n1n9Sgيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-02كۆرۈلىشى :

بۈگۈن  31-قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى .

1987 - يىلى تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى بېكتىلگەننىڭ تۇنجى يىلى، شۇنداقلا شاڭخەي شەھىرى  تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغۇچىنى دوكلات قىلغىنىغا بىر يىل بولغان يىل.

تۇنجى قېتىملىق دوكلاتتىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرىنىڭ  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ يىغىندا دوكلاتى 22047گە يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللىك دوكلاتى 7416، كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلىك دوكلاتى 1678.

شاڭخەي شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە،  پۈتۈن شەھەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 2050 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.7 كېمەيگەن. ئەيدىز بىمارلىرى 751 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.8 % ئاشقان؛ ئەيدىز بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 200 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 18.3 ئاشقان؛  ئانىدىن بالىغا يۇقۇش دوكلاتى يوق.

2018 - يىلى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1.ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئۆرلەش ھالىتى داۋاملىق ئاستىلاش

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، يىللىق مەلۇماتتىكى ئادەم سانى داۋالغۇش ھالىتىنى ساقلاپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 4.6 بولۇپ، ئېشىشى سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلىماقتا، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتىنى كونتىرول قىلىش  ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن.

2.ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئاساسلىقى ئەرلەر

بۇ يىل  دوكلات قىلىنغان ئەر يۇقۇملانغۇچىلار 1867 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ91.1 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭ سەۋىيەدە تۇرغان.

3.جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش يەنىلا ئاساسلىقى يۇقۇملىنىش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دوكلاتتا بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا جىنسىي ئالاقىدىن يۇقتۇرغانلار 94.7 % بولۇپ،  ئوخشاش جىنسلىقلار ئارقىلىق يۇقتۇرغانلار % 59.4 نى ئىگلىگەن. 

4.ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇللار 

بۇ يىل دوكلات قىلىنغان ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 63 كە يەتكەن بولۇپ، ھەممىسى ئوغۇللار، بۇنىڭ ئىچىدە% 82.5 يۇقۇملانغۇچى  ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش  ئارقىلىق يۇقۇملانغان. 

5.بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىدىكى  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق  دوكىلاتى يوق 

2009 - يىلدىن بۇيان بۇ شەھەردە ئۇدا 10 يىل بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىدىكى  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق دوكلاتى يوق.

ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدا تەدرىجىي ھالدا ئاسان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدىغان خەۋپ - خەتەر قىلمىشى بار كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا كېڭىيىش  يۈزلىنىشى كۆرۈلمەكتە !

مەزكۇر شەھەردە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللار كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : ئىجتىمائىي ئالاقە يېڭى ئاخبارات ۋاستىلىرى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى، كۆچمە نوپۇسلارنىڭ كۆپىيىشى، نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ئارقىلىق  ئەيدىز كېسىلىنى قەستەن تارقىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار.

سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدا  پەقەت % 54 ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىدىكەن؛ دۆلىتىمىزدە،  ئۈچتىن بىر قىسىم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار يەنىلا ئۆزىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى بىلمەيدىكەن.

 

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam