نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى پىلانلىرى

مەنبەسى : https://mp.weixin.qq.com/s/kahkNL6YJElm4jZdilfI7Qيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-05كۆرۈلىشى :

دۆلىتىمىز كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى، ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەركىزى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ باھالىشىغا ئاساسەن، 2018-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 1 مىليون 250 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەت دوكلاتىدا ھايات قالغان يۇقۇملانغۇچىلار 850 مىڭ ئادەم، ئۆلۈپ كەتكۈچىلەر 262 مىڭ ئادەم بولغان. پەرەزگە ئاساسلانغاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 80 مىڭ ئادەم ئەتراپىدا، يۇقۇملىنىش نىسبىتى بولسا ھەر يۈز مىڭ ئادەمدە 9 ئادەم بولغان، خەلقئارا ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىز ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن سەۋىيەدە، لىكىن تارقىلىش دائىرىسى مۇقۇم ئەمەس، ئاساسلىق تارقىلىش يولى-جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇش، 2017-يىلى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا يۇقۇملانغۇچىلاردىن يات جىنىستىن يۇقۇملانغانغىنى %69.6نى، ئەرلەر ئوخشاش جىنىستىن يۇقۇملانغىنى %25.5نى ئىگىلىگەن.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولسا جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش، بۇ خىل تارقىلىشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا: تارقىلىش دائىرىسى كەڭرى، تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللىرى كۆپ خىل ھەم مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى كەسكىن، ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى جاپالىق. 2017-يىلى گوۋۇيۇەن «جۇڭگو ئەيدىز كېسىلىنىڭ

ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش پىلانى»نى بېسىپ چىقاردى، كېيىنكى قەدەمدە بىز زىچ چۆرىدەپ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە «جۇڭگو ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، بۈلۈملەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىش، ئىزچىل ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوموميۈزلۈك ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەر نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىنىدۇ:

1. تەشۋىقات تەربىيىسىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش

ھەر كىم ئۆز ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىسى بولۇشتەك ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئوموميۈزلۈك ئەيدىز كېسەللىكى بىلىملىرىنى ئوموملاشتۇرۇپ، تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنىڭ قاراتمىلىقىنى ۋە قوبۇل قىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى كەمسىتىشىگە قارشى تۇرۇش.

2. ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

نۇقتىلىق رايونلارنى، ئاسانلا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدىغان خەتەرلىك قىلمىشى بار كىشىلەر توپىنى ۋە مۇھىم ئادەملەر توپىنى گەۋدىلىك تۇتۇپ، ئەيدىزنىڭ زىيىنى بىلدۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرلىك مائارىپنى كۈچەيتىپ، گاندون ئىشلىتىشنى تەشۋىق قىلىپ، «ئۇنۋىرسال ئالاقە تورى+ئۇنىۋېرسال ئارىلىشىش» ئەندىزىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىش.

3. مەسلىھەت بېرىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمچانلىقىنى ئاشۇرۇش

مەسلىھەت بېرىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمچانلىقىنى ئاشۇرۇش. تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرتۈش ئويى بار كىشىلەرگە تەكشۈرۈشتە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، دۆلەتلىك ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتۈپ -مەسلىھەت سوراش پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ تەكشۈرتىشنى كۈچەيتىش، بالدۇر تەكشۈرۈپ بالدۇر دىئاگنوز قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ چوڭ دائىرىدە يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاش.

4. ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشنىڭ ئۆلچەملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ئۇقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زىيارەت خىزمىتى سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يۇقۇملانغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ياردەم بىرىش، غەمخورلۇق قىلىش. تۈزەشكە تىگىشلىكىنى تۈزەپ، تەكشۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش، داۋالاشنى بىرگەۋدە قىلغان مۇلازىمەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

5.جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ، كارخانا فوند جەمئىيەت، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە پىدائىيلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئەيدىز كېسىلىنى ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam