نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانمىغان ئۇ ماڭا تۆت يىل ھەمراھ بولدى

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-06كۆرۈلىشى :

 كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ماڭا دىئاگنوز قويۇلغىلى تۆت يىل بولدى، شۇ ۋاقىتنى ئەسلىسەم خۇددى بىر چۈشتەكلا، ھازىر بولسا مەن كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنىڭ ئەيدىز بىمارى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن.

بۇ ئەسەرنى يېزىشىمدا ئىككى مەقسەت بار: بىرىنچىسى، تۆت يىل مابەينىدە مەن ئۈچۈن ئۈنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش، ئىككىنچىدىن، ئەندىكىش ۋە قورقۇنچ ئىچىدە تۇرغان ھەمراھلىرىمغا ئىلھام بېرىش.

ئالدىنقى ئايدا 22 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزدۈم، يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزدۈم، بۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن تۆتىنچى تۇغۇلغان كۈنۈم، لىكىن تۆت يىل ئاۋۋالقى تۇغۇلغان كۈنۈمدە تەقدىر ماڭا ئېغىر چاقچاق قىلدى، ئۇ مېنىڭ 18 ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. ئەمدى مەن سىلەرگە مېنىڭ ھېكايەمنى سۆزلەپ بېرەي!

مەن ۋە ئۇ

ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆگىنىش بىردىنبىر ئىشىمىز بولماي قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا تور بىلەن ئۇچرىشىشىمىز بارغانسېرى كۆپەيدى، تۇنجى قېتىم دوستلىشىش يانفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈردۈم. دەسلەپتە پەقەتلا قىزىقىپ، بەزەن-بەزەندە باشقىلار بىلەن ئانچە-مۇنچىلا پاراڭلىشىپ قويدۇم، بارا-بارا يۈرىكىم چوڭىيىپ كەتتى، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىغا كەلگەندە، شۇ بىر قەدەمنى ئاتلىدىم، مۇشۇ بىر قەدەم بىلەنلا كەينىمگە يانالمىدىم.

مەن بىرسى بىلەن ئۇچرىشىشقا دېيىشتىم، ئەسلى ياخشى بىر مۇھەببەتلىشىشنى ئويلاپ باردىم، كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇقسام، ئۇ بىر توي قىلىپ بولغان، بالىسى باركەن، ئۇ چاغدا مېنىڭ يېشىم كىچىك، ھەم جەمئىيەتمۇ كۆرمىگەن، تەجرىبەممۇ يوق، ئۇنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى يوق ئەھۋال ئاستىدا جىنسىي ئالاقە بولدى. شۇ كۈنى قايتىپ كېلىپلا ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىنى ئۈزدۈم.

تەخمىنەن يېرىم ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن، مەن قىزىشقا باشلىدىم، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى يېسەم قىزىتمام ياندى، لېكىن ئىككىنچى كۈنى يەنە قىزىشقا باشلىدىم، مۇشۇنداق ئالدى-كەينى ئىككى ئاي داۋاملاشتى. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزەمنى زۇكام بولۇپ قالدىم دەپ ئويلاپلا باشقا ئارتۇق ئويلىماپتىمەن، ھازىر ئويلىسام ئۇ زۇكامدىن ئەمەس، بەلكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يوقۇملانغاندىن كېيىنكى كېسەللىك ئەھۋالى ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇ پەيدا بولدى، ئۇ مېنىڭدىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيتتى، ئۇ ھەم كېلىشكەن ھەم ئەقىللىق ئىدى. بىز دوستلىشىش ئەپ دېتالىدىن تونۇشمىغان، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا مەكتەپنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە قاتنىشاتتىم، ئۇ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ ساۋاقدىشى ئىدى، بىر قېتىم مەكتەپتە پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە، بۆلۈم باشلىقى ئۇنى بىللە ئېلىپ كىېىپ مىنىڭ ئورۇندىغان نومۇرۇمنى كۆرۈپتىكەن. ئۇنىڭ كېيىن ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ماڭا دىققەت قىلىپتىكەن.

بىر كۈنى ئۇ ماڭا ئۇچۇر يېزىپ، تۈزلا قىلىپ: «سىز gay ئەمەسسىز؟» دەپ سورىدى، شۇ ۋاقىتتا مەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا ھەممىنى دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىز كۈندە بىللە دەرىسكە چىقىپ، بىللە تاماق يەپ، بىللە ئۆگىنىش قىلىپ ....تۇغۇلغان كۈنۈم كۈنى ئۇ ماڭا رەسمىي تەلەپ قويدى، بىز يۈردۇق.

سىناق قەغىزى ئۈستىدىكى ئىككى تال سىزىق

تۇغۇلغان كۈنۈم بولغان كۈنى بىز ئىككىمىز بىللە ئىدۇق، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ سومكىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سىناق قەغىزىگە كۆزۈم چۈشتى، ئۇ ئۇنى توردىن ئالغانلىقىنى، تېخى بۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى، شۇ چاغدا مەن قىزىقىپ: «بىز سىناپ باقامدۇق؟» دېدىم. ئۇ چاغدا كۆڭلۈمدە قىلچە ئەندىشە يوق، مەندە چاتاق يوق دەپ ئويلايتتىم. لېكىن مېنىڭ قېنىم قەغەز ئۈستىگە تامچىپ نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، مەن جايىمدا قېتىپلا قالدىم، سىناق قەغىزىنىڭ ئۈستىدە مۇسبەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدىغان ئىككى تال سىزىق تۇراتتى.

قېتىپلا قالدىم، كاللامدا پەيدا بولغان بىرىنچى ئىنكاس سىناق قەغىزىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى ياكى سۈپىتى ياخشى ئەمەس بولدى، يەنە بىر سىناق قەغىزى بىلەن تەكشۈرتتۈم، نەتىجىسى مېنى تاڭ قالدۇردى، يەنىلا ئىككى تال سىزىق تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يىغلىشىم، ئۆزەمنى قەتئىيلا كونترول قىلالمىدىم.

ئۇ ماڭا تەسەللىي بېرىپ: «سىناق قەغىزىدە چاتاق بار ئوخشايدۇ، ئەتە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقايلى، ئەنسىرمەڭ.» دىدى. شۇ كۈنى كەچتە ئىككىمىزلا ئۇخلىيالمىدۇق. مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيتتى، يېرىم ئاي بۇرۇن باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، بىر قېتىم، پەقەتلا بىر قېتىم، شۇنداقلا يۇقۇملىنىپ قالامدىم؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، قەتئىي ئىشەنگۈم كەلمەيتتى.

لېكىن كېيىنكى ئىككى كۈندە، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىككىلا قېتىمدا مۇسىبەت چىقتى، ئۇنىڭ مەنپىي چىقتى، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى خۇشال، بىر يېرى غەش ئىدى، خوشال بولغىنىم ئۇنىڭ يۇقۇملانمىغىنى بولدى. ئاخىرقى نەتىجىسىنى ناھىيەگە يوللايدىكەن. نەتىجىسىنى ساقلاپ ئولتۇرغان بۇ ۋاقىتتا، كاللامدا نۇرغۇن خىيال، مەكتەپتە ئوقىيالماي قالسام قانداق قىلارمەن؟ مۇئەللىم، ساۋاقداشلىرىم بىلسە قانداق قىلارمەن؟ يەنە قانچىلىك ياشىيالارمەن؟ مەن ئۆلسەم ئاپام-دادام قانداق قىلار؟....يەنە كۆڭلۈمدە زەررىچە ئۈمد: ناھىيەنىڭ نەتىجىسى مەنپىي بولسىچۇ؟!

مۇھەببەتتىن دوستلۇققا قايتىش

مەن بىلەتتىم، گەرچە ئۇ تېشىدا ئىپادىلىمەي، ماڭا تەسەللىي بېرىپ تۇرغان بىلەن، كۆڭلىدە چوقۇم بەك قورقىدۇ، شۇڭلاشقا دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىنى قويدۇم، ئۇ رەت قىلدى، ئۇ مېنىڭ كېسىلىمگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، توردىن تەكشۈرىشىچە، مەن ياخشى دورا يەپ داۋالانساملا، ئالدىنى ئالساقلا يۇقۇملانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم ئۇنى جاپاغا قويىمەن دەپ ئويلايمەن.

ئۇ چاغدا مەن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشنىلا ئويلايتتىم، ئاخىرى بىز پەقەت ياخشى دوستلا بولىدىغان بولدۇق، لېكىن ئۇ ئىزچىل دوستلۇق سالاھىيىتى بىلەن بىر سۆيگۈ ھەمراھى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھەمراھ بولۇشى ماڭا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەتتى، ئۇنىڭ ھەمراھ بولۇشى ماڭا دەسلەپكى ۋاقىتلارنى ئەسلەتتى، مېنىڭمۇ بۇنداق ئىللىق سۆيگۈگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈردى.

ئەمەلىيەتتە، دەسلەپتە دىئاگنوز قويۇلغاندا، نېرۋا كېسەللىك بىمارىغا ئوخشاش: ئەيدىز كېسىلى تەرەققىي قىلىپ بىر باسقۇچقا بارغاندا پۇرسەت خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىش بولىدۇ دەپ ئاڭلاپ، كۈندە 30 نەچچە قېتىم قول يۇياتتىم، ھەتتا ئاپتوبوستا ئولتۇرساممۇ، تۇتقۇچنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم، ماسكا تاقاتتىم...

ئاپام دادامدىن بەك ئەنسىرەيتتىم، ئەگەر مەن ئۇلاردىن ئايرىلسام ئۇلار قانداق قىلار؟ ئەگەر ئۇلار ئۇقۇپ قالسا مېنى تاشلىۋىتەرمۇ؟  مەندىن ۋاز كېچەرمۇ؟ ئەمما مەن پەرەز قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ بىرسىمۇ يۈز بەرمىدى، كېسەللىكلەرنى مەخپىي ساقلاش خىزمىتىنى بەك ياخشى ئىشلەيدىكەن، ئاپام-داداممۇ بىلمىدى، ئەمەلىيەتتە مەخپىي ساقلاش مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە تەس ۋە قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسكەن.

كېيىن، مېنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، باشتىكىدەك ئۇنداق بەك قورقۇپ كەتمەيدىغان بولدۇم، ئۆز-ئۆزەمنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدىم، تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىشقا باشلىدىم، ساغلام ياشاشقا باشلىدىم، ئۇمۇ يىنىمدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدىن چىقىشىمغا ياردەم بەردى.

ياردەمگە ئېرىشىشتىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئۆتتۈم.

دەسلەپتە كېسەلگە قارشى دورىلارنى يېيىشكە باشلىغان ۋاقتىمدا، دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى مىنى قىيناپ ساراڭ قىلىپ قويايلا دېدى، لېكىن دورىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ، ئەكس تەسىرى ئەڭ ئېغىر بولغان مەزگىللەرنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.

بۇ جايدا ئەسكەرتىدىغىنىم: چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا دورا يەپ، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار،  دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنساقلا، بىزنىڭ بەدىنىمىز يەنىلا نورمال ئادەملەردىن پەرقى يوق. مەن دورا يەۋاتقىلى 3 يىل بولدى، بىر قېتىممۇ ئۈزۈپ قويمىدىم، بىر قېتىممۇ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمىدىم، ھازىر مېنىڭ بەدىنىم نورمال ئادەملارنىڭكىدەكلا، كېسەلمۇ يوق.

مەن ئۆزەمنىڭ كەچۈرمىشلىرىمنىڭ يىڭىدىن يۇقۇملانغان ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدىم. دەسلەپتە مۇڭداشتىم، بارا-بارا تەربىيە قىلىپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بەردىم، بۇ جەرياننىڭ ئۇلارغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

بۇ ئىككى يىل جەريانىدا مەن نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسىلىدىن قورققۇچىلارغا ياردەم قىلدىم، يەنە سىفىلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ياردەم قىلدىم، ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاشقا قاتناشقۇزۇپ، ئۇلارغا پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارغا كەسپى بىلىملەرنى سۆزلەپ، ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردۇم. بۇ جەرياندا مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قىممىتىمنى ھېس قىلالىدىم.

گۈزەل كەلگۈسىگە بىرلىكتە ئاتلىنايلى!

ماڭا تۆت يىل ھەمدەم بولغان ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ تۆت يىل جەريانىدا ئۇمۇ ھەر ئۈچ ئايدا بىر سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ كەلدى، مېنى مەمنۇن قىلدىغىنى، ھەر قېتىملىق نەتىجىسى مەنپىي چىقتى.

ئاستا-ئاستا مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش نىيىتىدىن ياندىم: ئۇ مېنى تاللىدى، مەن نېمىشقا چوقۇم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىمەن؟ ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل ئازاب. مەن بۇنداق دەپ چىڭ تۇرۋالساممۇ بولمايدىكەن، مەن چوقۇم ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشىم كېرەك!

بۇ تۆت يىل جەريانىدا، ئۇ كۈندە ماڭا دورا يېيىشنى ئەسكەرتىدۇ، قانچىلىك ئالدىراش بولىشدىن قەتئىينەزەر بىرەر قېتىممۇ ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، بۇ خىل ھەمدەم بولۇش مېنى تەسىرلەندۈردى. مەن بىزنىڭ بەخىتلىك بولۇپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، تۆت يىللا ئەمەس، يەنە 40 يىل .... بەخت ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدا، شۇڭلاشقا كۆپچىلىك سۆيۈشنى ئۆگۈنىشى، يۈرىكىدىن سۆيۈشى كېرەك!

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا ئاز قالدى، ۋاقىت بەك قىس، شۇڭلاشقا بىر ئاخشام ۋاقتىمنى چىقىرىپ بۇ ماقالنى يېزىپ چىقتىم، چۈنكى دوستلىرىمنىڭ ئۈمىدنى كۆرەلىشىنى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالىشىنى ئۈمد قىلىمەن.

بىرلىكتە تىرىشايلى، جەمئىيەتنىڭ، تەرەققىياتىنىڭ، بىزگە غەلبىنىڭ نۇرىنى ھېس قىلدۇرالىشىغا ئىشىنىمەن، گۈزەل كەلگۈسىگە بىرلىكتە ئاتلىنايلى!

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam