نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-06كۆرۈلىشى :

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى پارتكوم ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىز ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى.

جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى:

مىنىڭ مۇتەخەسىسلەردىن سورايدىغىنىم، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى توسۇشنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ، لېكىن ھازىرقىدەك بۇنداق ئەھۋالدا، يەنە جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم ناچار ئادەتلەر مەۋجۇت، شۇڭلاشقا ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى قايسىلار؟

دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ بىن:

دۆلىتىمىز ئەيدىز كېسەللىكى ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەيدىز كېسىلى، سىفىلىس، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ تۈر ئىجرا قىلىنىۋاتقىلى خېلى يىللار بولدى، 2017-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ تەكشۈرۈش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولغان، شۇڭلاشقا خىزمىتىمىزنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان بالىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى %90تىن ئاشتى، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. بىر قىسىم ئەيدىز كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان نامرات رايونلاردا، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى تىزگىنلەش خىزمىتى بىر قەدەر ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى، چۈنكى بۇنداق رايونلاردا ئۇل ئەسلىھەلىرى ناچار، ئادەتتىكى تۇغۇتلۇق-ھامىلدار ئاياللار ساغلاملىقى، بالىلار ساغلاملىقى، ساقلىق ساقلاش خادىمى، تۇغۇت دوختۇرى، بالىلار دوختۇرىمۇ كەمچىل، شۇ سەۋەبتىن ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى تىزگىنلەش خىزمىتى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى، لىكىن بۇ مەسىلە پەقەت بىر قىسىم رايونلاردىلا مەۋجۈت. شۇڭلاشقا بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىزچىللىق، ھەم مۇھىم رايونلارنى چىڭ تۇتۇش.

2017-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، بىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقىشىنى ئازايتىش سىناق نۇقتىلىرىنى ئىشقا كىرگۈزدۇق، ھازىر ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى، ھازىر بىز بۇ خىل ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، بۇ دەل بىزنىڭ يېڭى نىشانىمىز. بۇ نىشاننى بويلاپ، بىز ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاستنىڭ ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەم نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، سېستىما بويىچە ياردەم بېرىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، مۇشۇ بىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئېلىپ بارماقچى.

  

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam