نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

نېمىشقا ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا يېقىنلىشالمايسىز؟

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-06كۆرۈلىشى :

ئەيدىز كېسىلى ئىزچىل تۈردە كۆپچىلىكنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشمەكتە. ئەيدىز كېسىلىگە يۈزلەنگەندە، ناھايىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەردە بىلمەسلىكتىن پەيدا بولغان بىر تەرەپلىمىلىك ۋە كەمسىتىش يەنىلا بار. بۈگۈنگە قەدەر، يەنە بىر قسىم كىشىلەر ھاۋا، سۇدىن ئىبارەئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدىغان ۋاستىلەرمۇ HIVنى تارقىتىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك ئاندا-مۇندا پەيدا بولىۋاتقان «غەرەزلىك تارقىتىش» ۋەقەلىرى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا سەلبىي قالپاقنى تېخىمۇ كۆپ كىيدۈرۈپ قويماقتا.

ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانمىغانلار كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا تاشقى نۇقتىدىن ئەيدىز كېسىلىگە قارايدۇ، ھالبۇكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ھەقىقىي تۈردە يۇقۇملانغۇچىلارچۇ؟ ئەيدىز كېسىلىگە يۈزلىنىشتىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش بىلمەسلىك بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەمدە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە سەل قاراش قاتارلىقلارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش زۆرۈر.

خاتا قارىلىۋاتقان ھەقىقەت. ئەيدىز كېسىلىنىڭ بايقالغىنىغا 30 يىل بولاي دېدى. تېببىي ئىلىم ساھەسىنىڭ HIV ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز كېىسلى تەتقىقاتىنىڭ ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى دورا بىلەن ياخشى كونتىرول قىلغان ئەھۋالدا نەچچە ئون يىل نورمال تۇرمۇشىنى ساقلىغىلى بولىدىغان بولدى. ئادەتتە كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىنى تىلغا ئالغان ھامان «ئەسىر قاتىلى»، «دەرىجىدىن تاشقىرى راك كېسىلى»قاتارلىقلارنى باغلاپ ئويلىۋالىدۇ. بۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئورگان ھەمدە خەلق ئارىسىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىز كېىسلىگە بولغان نامۇۋاپىق تەشۋىقاتى ۋە زىيادە كۆپتۈرۈۋەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز كېسىلىگە بولغان بىر تەرەپلىمىلىك ۋە چۈشىنىشمەسلىك ئومۇملاشقان. ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ قوزغىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر تۈپەيلى قازا قىلماقتا. HIV ئۆزى ھېچقانداق كېسەللىكنى قوزغىيالمايدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى HIV تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمۇنېتىت كۈچى زىيادە تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپەيتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئىممۇنىتېت تەڭپۇڭلۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ۋاستىسىغا ئايلىنىپ، باشقا كېسەللىكلەرنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ھەرخىل مۇرەككەپ يۇقۇملىنىشچان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلماقتا.

HIV ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن مەزگىلى 9يىلدىن 10 يىلغىچە بولۇپ، بۇندىن بۇرۇنقى پەقەت HIVۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى نورمال بولۇپ، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش نەچچە يىل خىزمەت قىلالايدۇ ۋە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، قىسمەن ئەيدىز كېسىلى يۇقۇملانغۇچىلىرىدا دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزچىل تۆۋەن قىزىتما، يۆتەل، سەۋەبسىز ئىچى سۈرۈش، بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىراق بۇ ئەھۋاللار ناھايىتى تېزلا يوقايدۇ. بىراق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كۆپلىگەن ۋاستىلەرنىڭ تەشۋىقاتىدا ياكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ سەھىيە تارماقلىرىغا چاپلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق قىياپىتى مەسىلەن پۈتۈن بەدىنى زىيادە ئورۇق، ئاجىز، بەدىنىدىكى بارلىق ياغلار ئاساسەن يوقىغان، ئېغىز بوشلۇقىدىكى چىش مىلىكلىرىدە ھەرخىل يارىلار كۆرۈلگەن، بەدىنى ھەتتا شەخسىي ئورۇنلاردا يارا ۋە ھەرخىل غەلىتە ئۆسمىلەر بولغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر ئىپادىلىنەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىنىڭ بىۋاستە ئىپادىلىرى ئەمەس. بۇ ئادەم بەدىنى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن كۆپ يىل تىركەشكەندىن كېيىن ئىممۇنىتېت مۇداپىئە سىزىقىنى ئومۇميۈزلۈك چېكىنىشى تۈپەيلى قوزغىغان ئەگەشمە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ۋاقتىدا بايقاش ئۆزىنى داۋالاشتا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە باشقىلارغا مەقسەتسىز يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋاقتى ئالتە ھەپتە (42 كۈن) دىن كېيىن بولۇپ، بارلىق مەشغۇلات ۋاقتى 15تىن20 مىنۇت ئارىلىقىدا بولىدۇ. مەشغۇلات ئاددىي، ئىتتىك، توغرا بولۇپ، ھېچقانداق قوشۇمچە دورا ئىشلىتىش ھاجەتسىز. سىناق قەغىزىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %97تىن %99 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات 2018-يىلى گوللاندىيە دۇنيا ئەيدىز كېسىلى چوڭ يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققىتىنى تارتتى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار مەزكۇر ساھەگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات تەرەققىياتىنى دوكلات قىلدى. ئامېرىكا كوننىل تېببىي ئىلىم مەركىزى، گېئورگې ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى Brad Jones بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرغاندا، نۆۋەتتىكى تەتقىقاتتا داۋالاش ۋىرۇس ساقلىنىش ئامبىرىنى تىزگىنلەش كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئاجىزلىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، ھالبۇكى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش يەنىلا ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشچانلىققا موھتاج دېدى.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam