نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز بىلىملىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدىكى ئالامىتى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارلىرى قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

  • نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

  • ART دەۋرىدىكى يېڭى رىقابەت: HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  • ئەيدىزنى ئۆزى تەكشۈرگەندە شىپاخانىدا تەكشۈرتكەندەك توغرا چىقامدۇ؟

  • تىنچ مۇھىت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا پايدىلىق ئىكەن

«مۇھەببەتنىڭ تۇغۇلىشى»-ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھېكايىلىرى

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-06كۆرۈلىشى :

 

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغىنى، جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە خاتا چۈشىنىش ھەقىقەتەن مەۋجۇت. لېكىن بۇ پۈتۈنلەي سۇبىيېكتىپ دۈشمەنلىك قارىشىدىن ئەمەس، بەلكى كۆپىنچىسى ئوبىيكتىپ ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كەمسىتىش كۆز قارىشىنى قارىغۇلارچە ئويلاشمايلا قوبۇل قىلىپ، ئۆزىدە بىر خىل خەۋپ تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

بۇ كىتابتا ئەكس ئەتكىنى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھېكايىلىرى، ئۇلاردا چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك، كۆز يىشى بار، يەنە مەمنۇنلۇق، ئۈمىد، تەبەسسۇم بار، ئۇلار بىزنىڭ ئارىمىزدا ياشاۋاتىدۇ. بۇ بولسا «يېقىن ئارىلىقتا ھېس قىلىش».

بۇ خىل «ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلەش» ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ، كىشىلەردىكى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش ۋە خاتا چۈشىنىشنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدۇ، چۈشىنىش ۋە ھېسداشلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ كىتابتا شاڭخەينىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش ۋە داۋالاشتىكى 30 يىللىق كارتىنىسى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، بۇ خۇددى تېز سۈرئەتتە بۇ تارىخنى ئەسلىگەندەك، بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى، ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش جەريانىنى، بىمارلارنىڭ ھاياتلىققا بولغان ئۈمىدى ۋە مەدھىيەسىنى خاتىرىلەپ ماڭغان. جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش ۋە خاتا چۈشىنىش مەۋجۇت، بۇ خىل كۆز قاراش ئاددىي ھۆكۈم، ئورۇنسىز تەشۋىش، ئەخمىقانىلىقتىن كېلىپ چىققان.

بۇ كىتابتا ئېغىزاكى تىلدا 13 نەپەر ئەيدىز كېسىلى بىمارى، 3 نەپەر شاڭخەي ئەيدىز كېسىلىنىڭ كەسپى خادىمى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھېكايىسىنى يېزىپ چىققان، بۇ كىتاب بىز مۇلازىمەت قىلغان، يولۇققان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھېكايىسىنى يېزىش ئارقىلىق تېخىچە قىيىن ئەھۋالدىن چىقالمايۋاتقان، ئۆزىنى ئۆزى تۈگەشتۈرىۋاتقان بىمارلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ داۋالاش ۋە ساغلام تۇرمۇشىغا ئۈمىد بېغىشلاپ ھەمدە جەمئىىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرگە ئەيدىز كېسىلى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قەلبىنى ياخشى چۈشەندۈردى.

بۇ كىتاب ھازىر تارقىتىش باسقۇچىدا، سېتىۋالغان تەرتىپىگە ئاساسەن بىر-بىرلەپ تالون كەسمەكتە (شۇنفىڭ تېز يوللانمىسى)، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىتاب سېتىلىپ تاپقان پۇلنىڭ چىقىمىنى چىقىرىۋېتىپ قالغان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى شاڭخەي ئەيدىز كېسەللىكلىرى تۈرىگە ئىئانە قىلىپ، ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىغا ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن مەزگىلدىن چىقىشىغا ياردەم قىلىپ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلىمىز.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam