نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مۇلازىمەت قىبلىنامىسى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • باي ناھىيەسىدە 2017-يىللىق دېھقان-چارۋىچىلار جىنسى ساغلاملىق تۈر قورۇلۇشى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • باي ناھىيىسىدە ئەيدىز تەشۋىقات پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى

  • پەرىشتە سۈپەت ئەيدىز پىدائىسى-پەزىلەت

  • پەزىلەت ۋە ئەيدىز

  • خوتەنلىك ئەيدىز پىدائىسى

  • ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئون ئاساسى بىلىم ۋە ئالاقىدار ئۇچۇر

باي ناھىيەسىدە 2017-يىللىق دېھقان-چارۋىچىلار جىنسى ساغلاملىق تۈر قورۇلۇشى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-04-02كۆرۈلىشى :

 باي ناھىيەسىدە 2017-يىللىق دېھقان-چارۋىچىلار جىنسى ساغلاملىق تۈر قورۇلۇشى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

4.2.jpg
دېھقان چارۋىچىلار ئاممىسىنىڭ كۆپۈيۈش سېستىمىسى ساغلاملىق تۈرى ئامېرىكا فۇت فوندى جەمىيىتى بىلەن دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت جەمىيىتى بىرلىشىپ، دېھقان چارۋىچىلار ئاممىسىغا يول قويغان پىلانلىق تۇغۇت بويىچە بىر تۈرلۈك كۆڭۈل بۆلۈش قورۇلۇشى بولۇپ، 2007-يىلى نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايۇنى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر كونا شەھەر رايۇنىدا سىناق قىلىپ يولغا قويغان. تۈرنى ئىككى يىل يولغا قۇيۇش ئارقىلىق قەشقەر كونا شەھەر رايۇنى ئوپال يېزىسدىكى دېھقان- چارۋىچى ئاممىسىنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى ئىلگىرىكى 80 نەچچە پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ %54 كە چۈشكەن. شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش نىسبىتى %100 كە يېتىپ ئۈنۈمى ناھىيىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىنىڭ كۆپۈيۈش سېستىمىسى ساغلاملىق تۈرىنى يولغا قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى.

 

4.2  2.jpg

3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باي ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت ۋە كېسەللىكنى كونتورول قىلىش مەركىزىدىن كەلگەن خادىملار چوڭ كۆۋرۈك يېزا تۈگمەنبېشى كەنتىدە 2017-يىللىق دېھقان-چارۋىچىلار جىنسى ساغلاملىق تۈر قورۇلۇشى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى. خادىملار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇش، كىيىمنى ئاپتاپقا سېلىش، ھېيىز مەزگىلىدە دىققەت قىلىش ۋە ياخشى بولغان تازلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش جەھەتتىكى بىلىملەردىن جانلىق قىلىپ لېكسىيە سۆزلىدى. نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.
باي ناھىيەلىك كېسەللىكنى كونتورول قىلىش مەركىزىدىن (قاھار ئوسمان)

 

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】