نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > تارقىلىشچان كېسەللىك

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • گاندۇن ۋە جىنسىيەت

  • ئەيدىز كېسىلىدىن ئاگاھ بولۇشقا تېگىشلىك 6 تۈرلۈك ئادەم

  • مەن ۋە مىنىڭ بالام

  • زەھەر ھەمجىنىس ئەيدىز

  • بىر ئەرنىڭ ئەيدىز بولۇش تارىخى

  • تايلاندنىڭ گاندۇن ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى %100 گە يەتكۈزۈش تۈرى توغرىسىدا

گاندۇن ۋە جىنسىيەت

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-08-29كۆرۈلىشى :

گاندۇن ۋە جىنسىيەت

9f20590bd74bc4cac441b6dfe323dbcf.jpg


گاندۇن بىلەن جىنسىيەت ئاڭلىماققا بىر-بىرسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم بولسىمۇ، ئەمما جىنسىيەت بىلەن گاندۇننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسۈتىۋاتقان بولغاچقا، گاندۇن بىلەن
جىنسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.
چۈنكى، جەمىيىتىمىزدە، خەلقىمىز ئارىسىدا مۇشۇ دەۋىردىمۇ گاندۇننىڭ رولىنى چۈشەنمەيدىغان، ئۇنى ئىشلىتىشتىن نومۇس قىلىدىغان-خىجىل بولىدىغان، نەدە ساتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان، گاندۇننى پەقەت ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇغى دەپلا چۈشىنىپ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئويلىيالمايدىغان، تېخى گاندۇن سۇلياۋدىن ياسالغاچقا، ئايال كىشىگە سوغاق كېلىدۇ دەپ نادانلارچە قارايدىغان، ئەركىشى گاندۇن ئىشلەتسە، پەلەي كىيىپ پولا يىگەندەك بولىدىكەن دەپ ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىدىغان، گاندۇن ئىشلەتمەي ئايالىنىڭ قورسىقىدا قالدۇرۇپ قۇيۇپ ئايالىنى بالىنى چۈشۈرىۋېتىشكە مەجبۇر قىلىپ قۇيىدىغان... دېگەندەك گاندۇن بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۈشەنمەي، جىنسى يۇقۇملۇق كېسەللەرگە پۇتلىشىپ يۈرىۋاتقانلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئەيدىزنىڭ جىنسى ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئاساسى ئامىلغا ئايلىنىپ قېلىشى ئەيدىزنى كىشىلەرنىڭ خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل ھالىتىدە تۇنۇيالمايۋاتقانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا قالايمىقان جىنسى ئالاقىدە گاندۇن ئىشلەتمەسلىك، كىشىلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
نىكاھ كىشىلەرنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋىتىنى چەكلەپ، بىر ئەر بىلەن بىر ئايال بىللە بولىدىغان قائىدە-يۇسۇننى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەمما، ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالاشقان ئەركىنلىكى سەۋەپلىك نىكاھنىڭ ئىچى-سىرتى بىلەن ئالدى-كەينىدە ئەر-ئاياللارنىڭ قالايمىقان مۇناسىۋىتى-بىر ئەر كۆپلىگەن ئاياللار بىلەن بىللە بولىدىغان ھەم بىر ئايال كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن بىللە بولىدىغان قىلمىش خۇددى نۇرمال ئىشتەك مەۋجۇت بولىۋاتقان بولغاچقا، قىز-يىگىتلەرنىڭ نىكاھلانماي تۇرۇپ بىللە بولىدىغان، ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ سىرتىدا كۆڭۈل ئېچىپ ئاشنا ئوينايدىغان ئەھۋاللىرىغا قارىتا، نىكاھنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ نۇرمالنى مۇناسىۋىتىنى قېلىپقا سېلىپ تۇرىدىغان نوپۇزى ئاجىزلاپ كەتكەن ئەھۋالدا، نىكاھنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىنى ئالالمايۋاتقانلىقى بىلەن جىنسى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئارا تۇرالمايۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن، گاندۇن ئارقىلىق جىنسى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم تەدبىر دەپ قارىشىمىز كېرەك.
چۈنكى، ئىنسانلار جەمىيىتىدە نىكاھنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئىچى-سىرتىدا ئەر-ئاياللارنىڭ (قىز-يىگىتلەرنىڭ) ئۆزلىرى خالاشقان ئەركىن ھەم قالايمىقان ھالەتتىكى جىنسى مۇناسىۋىتىنى دەۋرىمىزدە توسىۋالغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئەرلەرنىڭ بىر يەرلىرىنى كېسىۋېتىپ، ئاياللارنىڭ بىر يەرلىرىنى ئېتىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆز نەپسى-ئېھتىياجى ئالدىدا ئۆزلىرىنى باشقۇرالمايۋاتقان ئەھۋالىدا، ئۇلارنىڭ نىكاھ مەدەنىيىتىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي قالايمىقان شۇغۇللىنىۋاتقان جىنسى مۇناسىۋىتى جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گاندۇن ئىشلىتىپ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولۇشىنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك. جىنسى نەپسىنى باشقۇرالماي ئۆزلىرىنى قوغدىيالمىغان ئەر-ئاياللارنى گاندۇن قوغداپ ئەيدىزگە پۇتلىشىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتىدە بىر تۆرەلمىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى توسۇپ قالالىغان گاندۇن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەر-ئاياللارنى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن قوغداپ قالالايدۇ. شۇڭا،جىنسىيەتبىلەنگاندۇننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەيدىزگە قانداق تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدۇق.
OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】