نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > تارقىلىشچان كېسەللىك

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • گاندۇن ۋە جىنسىيەت

  • ئەيدىز كېسىلىدىن ئاگاھ بولۇشقا تېگىشلىك 6 تۈرلۈك ئادەم

  • مەن ۋە مىنىڭ بالام

  • زەھەر ھەمجىنىس ئەيدىز

  • بىر ئەرنىڭ ئەيدىز بولۇش تارىخى

  • تايلاندنىڭ گاندۇن ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى %100 گە يەتكۈزۈش تۈرى توغرىسىدا

تېنىنى ساتقان جىنسى كېسەل گىرىپتارى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-08-29كۆرۈلىشى :

يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تېنىنى ساتقان ئايال

t015b071ba2415f74ee.jpg


جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياۋ فامىلىلىك ئ‍ۆزىنىڭ جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قايتا -قايتا تېنىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار يېقىندا ئۇنى تۇتقان. 30ياشلىق ياۋ فامىلىلىك 15ياش چېغىدا يۇرتىدىن گۇيجۇدىن فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيى شەھەرگە ئالداپ كېلىنىپ سېتىۋېتىلگەن، ئەمما ئۇ بۇلتۇر قېچىپ چىقىپ نەنجىڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئ‍ۇ ساۋاتسىز بولغاچقا خىزمەت تاپالمىغان، كېيىن ئ‍ۇ ئاياللارنى تېنىنى سېتىشقا تەشكىللەيدىغان بىر شايكىغا قوشۇلۇپ، گاۋ فامىلىك بىرەيلەننىڭ باشقۇرۇشىدا تېنىنى سېتىشقا باشلىغان. بۇ يىل بېشىدىكى بىر قېتىملىق تېنىنى سېتىشتا پاھىشىۋاز گاندون ئىشلەتمەي جىنسىي ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان، ياۋ فامىلىلىك ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئ‍ەتىسجىنسىي كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئ‍ۇ بىرەر ئايدەك داۋالانغاندىن كېيىن كېسىلىنىڭ ساقايغان -ساقايمىغانلىقىنى بىلمەيلا يەنە تېنىنى سېتىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالغان. تېنىنى سېتىش قىلمىشىغا ئ‍ەسلىدە پەقەت مەمۇرىي جازالا بېرىلەتتى. بىراق ساقچى ئۇنىڭ جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تېنىنى ساتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇنى قولغا ئېلىش تەكلىپنامىسى سۇنغان.

قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】