نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > تارقىلىشچان كېسەللىك

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • جىنسىي كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

جىنسىي كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

مەنبەسى : http://www.nur.cn/index.shtmlيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-10-25كۆرۈلىشى :

                                       

خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ كېڭىيىشى ۋە ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جىنسىي كېسەللىكلەرمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ خىل كېسەللىكلەر ئاساسەن جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق بىۋاسىتە يۇققاندىن سىرت، باشقا يوللار ئارقىلىق ۋاستىلىقمۇ يۇقىدۇ. چۈنكى، جىنسىي كېسەللىكلەرنى قوزغاتقۇچىلارنىڭ خىللىرى كۆپ بولۇپ، باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ، خىلامىدىئا، مىكروپلازما ، پروتوزوئا ۋە پارازىت قۇرت قاتارلىق يىگىرمە خىلغا؛ ئۇلار قوزغىتىدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر سىفلىس،  سۆزنەك، يۇمشاق شانكىر، جىنسىي خاراكتېرلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى، يىرىق لىمفا تۈگۈنى بىخلىما گۆش ئىششىقى، سۆزنەك باكتېرىيەسىدىن بولمىغان سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، جىنسىي ئەزا قوقىقى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل، يوتا تەمرەتكىسى، ئاق تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسىلى، جىنسىي ئالاقىدىن تارقالغان تامچە قۇرۇت كېسىلى ۋە ئەيدىز قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بۇ خىل جىنسىي كېسەللىكلەر پەقەت جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىپ قالماستىن، ۋاسىتە ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار جەمىيەتتە بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالى بولالمايدۇ، مەسىلەن بايراملاردا قول ئېلىشىپ ياكى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ، بىر ئائىلىدىكىلەر تېخىمۇ زىچ ئالاقىلىشىدۇ،  مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلار جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كېسەل ئىشلەتكەن ئورۇن-كۆرپە ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، بىمار ئاجرىتىپ چىقارغان باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملانغاندا، ساق ئادەملەر ئۇنى دېزىنفېكسىيە قىلماستىنلا ئىشلەتكەندىمۇ، ئۆزىگە جىنسىي كېسەللىكنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قان بېرىش ۋە قان سېلىش ئارقىلىق ۋە كېسەلگە ئىشلەتكەن ئەسۋابلارنى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلماسلىقتىن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ، غەيرىي ئالاقە ئارقىلىق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇشى ئاز كۆرۈلسىمۇ ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماي، ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.

شەخسى تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئىچ كىيىملەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كىيمەسلىك كېرەك.
داۋالاش ئورۇنلىرى قان بەرگۈچىلەرنىڭ قېنىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈش ھەم دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى لازىم.
جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئاياللار تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشلەرنى تولۇق ئىشلىتىش لازىم.
جىنسىي كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار بولسا جاھانكېزەر، ئالدامچى دوختۇرلارغا ياكى ئادەتتىكى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كېسەلنى داۋالاش پۇرسىتى ئۆتكۈزۈۋېتىش ياكى كېسەل باكتېرىيىلىرىنىڭ دورىغا كۆنۈۋېلىپ، داۋالاشقا قولايسىزلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس جىنسىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىغا داۋالىنىشى لازىم.

ساغلاملىق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam