نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > جىنس پسىخولوگىيىسى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەر ھەمجىنىسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش ۋە ئەيدىز

  • بېشى قاتقان ئەيدىز ئەر

  • مىنىڭ ئەيدىز دادام

  • جىنسىيەتنىڭ قۇللىرى ۋە ئەيدىز

  • گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ!

  • خوتۇن بىلەن پاھىشە

«ئەيدىز» دېگەن بەلگىنى ھوقۇققا دەخلى-تەررۇز قىلىش دېسەك بولامدۇ؟

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-06-09كۆرۈلىشى :

مەخسۇس ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتەپ قۇرۇش، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش گەرچە ئادىمىيلىك تەربىيەسىنى ئىپادىلەپ بەرسىمۇ، لېكىن ئەڭ ياخشى چارە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ ئىش-ھەرىكەت ئەيدىز بىمارىغا بولغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئايرىشنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ئايرىپ تەربىيەلەش ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، جەمئىيەتكە قەدەم ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئاسان ئەمەس. شۇڭا ئايرىپ تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن، كەمسىتمەسلىك تەشۋىقاتىنى چىڭىتىش ھەممىدىن مۇھىم. بۇنداق قىلغاندا كىشىلەرگە بولغان كەمسىتىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىش گەرچە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. يۈزەكى قارىغاندا كۆيۈنگەنلىك ئىپادىلەنگەندەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بەلگە قويۇلۇپ، باشقىلارنى ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۇلارنى يالغۇز قويۇشقا، باشقا بىر كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قاراشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدىكەن، بۇ باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان بىلەن باراۋەر.
ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەسىلە. جەمئىيەتتە بىمارلارنىڭ مەخپىيتىنى ساقلاش بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭ نۇقتىنى قوغداش كېرەك، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە جەمئىيەتنىڭ خەتىرىگە ئۇچراپ، مېھىر-مۇھەببەتنى ئازار بېرىشكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق لازىم. ئەگەر بۇ قىلمىشلارنى تىزگىنلىمىگەندە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا بەلگە قويۇلسا، قوبۇل قىلغاندا بەلگە قويۇلسا، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئالغاندا بەلگە قويۇلسا، جەمئىيەتكە چىققاندىمۇ بەلگە قويۇلسا ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ؟
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】