نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > جىنس پسىخولوگىيىسى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەر ھەمجىنىسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش ۋە ئەيدىز

  • بېشى قاتقان ئەيدىز ئەر

  • مىنىڭ ئەيدىز دادام

  • جىنسىيەتنىڭ قۇللىرى ۋە ئەيدىز

  • گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ!

  • خوتۇن بىلەن پاھىشە

ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى ئايال ھەمجىنىسلار ئارىسىدىمۇ تارقىلىۋېتىپتۇ

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-07-07كۆرۈلىشى :

جۇڭگو تورى خەۋىرى، يارپ تورى تەرجىمىسى: نۆۋەتتە، ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدىكى 46 ياشقا كىرگەن بىر ھەمجىنىس ئايالنىڭ ھەمراھىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالغان، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ كۆرسىتىلىشچە: ئايال ھەمجىنىسلارنىڭ بىر-بىرىگە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇردىغان ئەھۋال ئىنتايىن كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان مەسىلىدۇر
بۇ ئىككى ھەمجىنىسلار ئالتە ئاي جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان، بۇ ھەمجىنىس ئايالنىڭ بىرىسى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ئېلىپ بارمىغان، يەنە بىر ھەمجىنىس ئايال بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئوتكۈزگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغان، بىراق بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى كۆرۈلمىگەن ، ئۇ 10 يىلدىن بۇيان باشقىلار بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولمىغان ھەمدە زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرمىغان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشچە، ئايال ھەمجىنىسلارنىڭ بىر-بىرىگە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇردىغان ئەھۋال كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ، تەتقىقاتچىلار ئايال ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ باشقا سەۋەبلىرىنى تېپىشقا ئامال قىلالمىدى مەسىلەن: ئۇكۇل دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ يوق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلاندى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى جىنسىي يولدىن چىققان سۇيۇقلۇق بىلەن ھەيىز مەزگىلىدىكى قاننىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئايال ھەمجىنىسلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى نەزىرىيىۋى نۇقتىسىدىن قارىساق، يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىك زور.
تەتقىقاتچىلار ئالدىنقى كېسەللىك ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىككى ھەمجىنىس ئايال ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوشۇرۇن ھالەتتە ساقلاپ يۈردى ، ئېغىز سۇيۇقلۇقى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ جىنىسي يولدىن چىققان سۇيۇقلۇق ئۇچراشقاندا، ھەيىز مەزگىلىدە، قوغدىنىش ھەرىكەتلىرىنى قوللانمىغان ، بەزى ۋاقىتلاردا قاتتىق ھەرىكەتلەرنى قىلغان ۋاقىتتا قان چېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تەتقىقاتنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىچە، گەرچە بۇ خىل ئەھۋال ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، ئايال ھەمجىنىسلىقلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى يۇقىرى.
ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق داۋالىنىشنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ئېستىمال قىلىپ، تارقىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە تېرىشىشىمىز كېرەك.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】