نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > جىنس پسىخولوگىيىسى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەر ھەمجىنىسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش ۋە ئەيدىز

  • بېشى قاتقان ئەيدىز ئەر

  • مىنىڭ ئەيدىز دادام

  • جىنسىيەتنىڭ قۇللىرى ۋە ئەيدىز

  • گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ!

  • خوتۇن بىلەن پاھىشە

تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنىڭ جىنسى كېسەللىكلەرگە بولغان ئەھمىيىتى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-07-09كۆرۈلىشى :

تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنىڭ كۆرسىتىدىغىنى، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ تويدىن بۇرۇن بەدەن ساپاسى ۋە كۆپىيىش ئەزاسىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشتۇر. تويدىن بۇرۇنقى بارلىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈش بولسا، جىنسى كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىغا بولغان ئىنتايىن ياخشى ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۇسۇلىدۇر.
تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئادەتتە تۆت تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. ئومۇمىيۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتۈش.
جنسى ئەزا ۋە مۇھىم بولغان رەئىسى ئەزالارنىڭ تەرەققىياتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا بولغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئەگەردە ئەر-ئايالنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىدا مەسىلە بولسا، ئۇنداقتا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ تويدىن بۇرۇن داۋلىنىشى زۆرۈرلۈكى نەسىھەت قىلىنىدۇ. ئەگەر داۋالانمايدىغانلار تويدىن كېيىن بايقىلىپ ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق بولمىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
2. سالامەتلىكتىن سوئال سوراش
ئىككى تەرەپنىڭ ئىلگىرىكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش، مەسىلەن: ئىرسىيەت كېسىلى تارىخى، روھى كېسەل تارىخى ۋە ياكى باشقا ئېغىر كېسەللىكلەر بارمۇ-يوقمۇ دېگەندەك.
3. تويدىن كېيىنكى جىنسى تۇرمۇش، جىنسى تازىلىق بىلىملىرىنىڭ تەشۋىقاتى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە تاللىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ سۆزلىنىشى.
كۆپۈيۈش ئەزاسى يولى بولسا چوقۇم تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك تۈر. لېكىن بالاياتقۇنى تەكشۈرۈش تۈرىدە، ئەگەر تەكشۈرگۈچىنىڭ تويدىن بۇرۇن جىنسى تۇرمۇشى بولسا، ئۇنداقتا تەكشۈرمىسىمۇ بولىدۇ.
ھەممە ئادەم بىلىدۇ، جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ئائىلىلەرگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، سۆزنەك، كۆپ ئەھۋالدا، ئەر-ئايال بىر تەرەپ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى جىنسى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئاندىن جىنسى تۇرمۇشى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قۇيىدۇ، ياكى قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇش جەريانىدا بالىغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ، ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئالاقىلەردە يۇقۇپ قېلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىسى ئېغىر دەرىجىدە كېسەلنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ۋەزىيەتكە باقمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر، بولۇپمۇ ئۆزىدە خەتەرلىك قىلمىشلار بولغان ئادەم، چوقۇم ئۆزىدە يوشۇرۇن كېسەللىكلەر بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا باشقىلارنىمۇ، بىر ئائىلىدىكى قارشى تەرەپنىمۇ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراتمايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ، تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈش بولسا ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشكە ئوخشىمايدۇ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە تارقىلىشچان كېسەللەر، كۆپۈيۈش سىستېمىسىدىكى كېسەللەر، روھى كېسەل ۋە ئىرسىيەت كېسەللىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش تۈرىگە بەكرەك ئېتىبار بېرىدۇ. تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بەلكىم تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ۋە جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. جىگەر ياللۇغى، تۈبۈركىلىيوز كېسىلى، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك سىفلىس، ئەيدىز قاتارلىق كېسەللىكلەر بىمارنىڭ ئۆزىنى ۋە ئايالى ياكى ئېرىنىڭ تەن-سالامەتلىكىگە تەھدىت بولۇپلا قالماي، يەنە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خەتىرىمۇ بار.
شۇڭا، بىر گۈزەل كەلگۈسىنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، بىز چوقۇم تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرتىشى قىلىشىمىز كېرەك!

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】