نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > جىنس پسىخولوگىيىسى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەر ھەمجىنىسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش ۋە ئەيدىز

  • بېشى قاتقان ئەيدىز ئەر

  • مىنىڭ ئەيدىز دادام

  • جىنسىيەتنىڭ قۇللىرى ۋە ئەيدىز

  • گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ!

  • خوتۇن بىلەن پاھىشە

ياتاق ۋە ئەيدىز

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-08-07كۆرۈلىشى :

بۈگۈنكى يازمىمىز بىزنى ئەيدىزنىڭ ھالاكىتىگە باشلاۋاتقان يەنە بىر يول-ئەخلاقسىزلىق، ئەقىلسىزلىق، تەنتەكلىك ۋە چۈشكۈنلۈك توغرىسىدىكى بىز كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەر ئۈستىدە بولىدۇ.

بىرىنچى كۆرۈنۈش: ئىككى سېتۇدېنتنىڭ پارىڭى

1.jpg
-ئاداش قارا، ئۈندىدارىمدىكى ماۋۇ قىز بولامدىكەن؟
-پەچەتكەنغۇ، قانداق تونۇشتۇڭ؟
-دېسەم ئىشەنمەيسەن، بۇرناكۈن ئاغىينىلەر بىلەن جيۇباغا(قاۋاقخانا)بارغان، شۇ جەرياندا ئۈندىدارىمدا ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەپ قوشۇۋالدىم، تەلىيىمگە شۇ قىزمۇ نەق شۇ يەردىكەن، شۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، بىللە ئىچىپ مەست بولۇپ كېتىپتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياندىكى مېھمانخانىغىلا كىرىپ كەتتۇق……
-دىققەت قىل ئاداش، ھازىر كېسەل يامان جۇمۇ! خەقنىڭ پىشانىسىگە كېسەل دەپ يېزىقلىق ئەمەس، خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر ئەيدىز بولۇپ قالغانلار بولۇپ قالسا، بۇ خىل كېسەلنىڭ مەلۇم ۋاقىت يوشۇرۇن مەزگىلى بولىدۇ، بۇ جەرياندا تەكشۈرتمىسە بىلگىلى بولمايدۇ…ئىشقىلىپ كۆپ دىققەت قىل، بۇنداق تەنتەكلىك قىلما ئاداش…
-خاتىرجەم بول ئاداش، قارىسام خېلى تۈزۈك كۆرۈنىدىغۇ.
ئاگاھلاندۇرۇش: ستۇدېنت دوستۇم، سىز قاۋاقخانا، مېھمانخانىغا ئەمەس، كۈتۈپخانىغا كىرىشىڭىز كېرەك ئىدى. جاپاكەش ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئەجرىنى، جەمىيەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماڭ! دىققەت:ئەيدىز ئەتراپىڭىزدىلا!ە

 

ئىككىنچى كۆرۈنۈش: بىر تەنتەك ستۇدېنت قىزنىڭ ئۈندىدار پاراڭ خاتىرسى

2.jpg

-ياخشىمۇ جېنىم؟
-ياخشىمۇ خان، بۈگۈن كەيپىيات سازمۇ يە؟
-سازغۇ، قانداق دەيسىز جېنىم؟
-بۈگۈن ئىچكىرىدىن تىجارەتچى ئاغىينىلەر كەلگەن، دوستىڭىزدىن بىر نەچچىنى باشلاپ چىقىڭە، كۆڭۈل ئېچىپ كېلەيلى.
- چاتاق يوق. ئۈندىدارىمدا باشقا مەكتەپتىكى ئىككى دوستۇم بار، شۇلارنى ئېلىپ چىقاي…ەە:-چاتاق يوق، مەن ئاۋۋال ياتاق ئۇقۇشۇپ قوياي…ھېلىقىدىن بىر، ئىككى چېكىم ئالغاچ كەلگەن…ە
ئاگاھلاندۇرۇش: مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش ستۇدېنت قىز، ئىپپىتىڭىزنى قەدىرلەڭ! سىزگە «نۇزۇگۇم»،«جاللات خېنىم»،«غۇنچەم» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. دىققەت، ئەيدىز ئەتراپىڭىزدىلا!ە

 

ئۈچىنچى كۆرۈنۈش: سورۇندىكى پاراڭلار

3.jpg
-ھەي ئاغىينىلەر، ماۋۇ ئاقمۇ(ھاراق) تۈگىدى، يەنە ئىچىمىزمۇ يە؟
-قويە، ئىچىۋېرەمسەن؟ ھاراقنىڭ كۈچىنى بىر چىقىرىپ كەلمەمدۇق؟
-نەگە بېرىپ؟
- يەنە نەگە باراتتۇق؟ «شەيتانلار» كوچىسىدىكى «قىزىل چىراققا»، خاتىرجەم بول، ئۈندىدارىمغا قوشۇۋالغان بۇنداق قىزلار جىق!ە
-يۈر، كەتتۇق! ئاگاھلاندۇرۇش: قېرىندىشىم، مېھرىبان ئايالىڭىز، ئوماق بالىڭىز يولىڭىزغا تەشنا، جاپاكەش ئاتا-ئانىڭىز ئۆيدە سىزدىن ئەنسىرەپ، ئۇيقۇسىز ئولتۇرىدۇ، بارغىنىڭىز قىزىل چىراق ئەمەس، ھالاكەت ئىشىكىدۇر! دىققەت، ئەيدىز ئەتراپىڭىزدىلا!ە

تۆتىنچى كۆرۈنۈش: ئائىلىسى بار بىر ئەرنىڭ پاراڭ خاتىرسى

4.jpg
-ياخشىمۇسىز جېنىم؟
-ياخشىمۇسىز سەركەردەم؟
-يېقىندىن بۇيان يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟
-شۇ، سورۇن، چايلىرىم تۈگىمەي…
-قاچان كۆرۈشىمىز؟
-بۈگۈن بولماسمىكى، دوستلىرىم بىلەن ئويناپ كەلمەكچى بولغانتىم؟ بولمىسا، سورۇندىن يېنىپ ئۇچۇر قىلاي…
-چاتاق يوق، بىرەر يەردىن ياتاق ئۇقۇشۇپ قوياي…
-ماقۇل سەركەردەم…
ئاگاھلاندۇرۇش: مىللەتنىڭ ئاتىسى، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولمىش ئەر، «جېنىم»لىرىڭىزنىڭ يەنە قانچىلىك «سەركەردە»لىرى باردۇ؟ ھېسسىياتىڭىز ئەقلىڭىزدىن ئۈستۈن كەلگەندە، ۋاپادار ئايالىڭىز، ئوماق پەرزەنتڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ دىققەت: ئەيدىز ئىشىكىڭىزنى چېكىۋاتىدۇ، ئائىلىڭىز خەۋپ ئىچىدە! ە

 

بەشىنچى كۆرۈنۈش: نىكاھ، مۇھەببىتى ۋەيران بولغان بىر ئايالنىڭ پاراڭ خاتىرسى

5.jpg
-ئاداش، ئۇزۇن بولدى سەن بىلەن پاراڭلاشمىغىلى، يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈم بەكلا يېرىم، ئاجراشقاندىن بۇيان تۇرمۇشۇم تولىمۇ قالايمىقانچىلىشىپ كەتتى، قانداق قىلسام بۇ غەملەردىن قۇتۇلارمەن؟
-غەم قىلمىغىنە ئاداش، ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا دەپتىكەن…، مېنىڭ بىرنەچچە دوستلىرىم بار تونۇشتۇرۇپ قوياي، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش ئىدى…ئۇلار ھازىر ئىچىدۇ، چېكىدۇ، يەنە تېخى قاملاشقان «ئاشناجان»لىرى بار…غەم يەپمۇ ئىشمۇ؟ ساڭا بىر گەپنى دەي، ئۇلار يېقىندا «مۇز» دەپ بىر نەرسىگە كۆنۈۋاپتۇ، بىرلا ئىستېمال قىلساڭ، غەم دىگەنلەرنى ئۇنتۇپلا كېتىسەن، بىرە كۈنى سېنىمۇ تونۇشتۇراي ھە…
-مۇشۇ چۈشكۈنلىكتىن قۇتۇلىدىغان ئىش بولسا مەيلى جۇمۇ…ە
ئاگاھلاندۇرۇش: ئەي ئايال، نىكاھ مەغلۇبىيىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى كەيپ-ساپا ئەمەس…جەمئىيەتكە تازا سەپسلىپ بىر قاراڭ…نىكاھنىڭ تەمىنىمۇ تېتىيالمىغان ئاجىز ھەمشىرىلىرىمىز بار، ئۇلار ھەرساھەدە زور ئۇتۇقلارنى قازىنىپ خەلققە شان-شەرەپ كەلتۈرۈۋاتىدۇ…بۇنداق مىساللار كۆپتۇر. دىققەت، ئەيدىز شۇ كەيپ-ساپالىرىڭىزنىڭ ئەتراپىدىلا! ە

 

ئالتىنچى كۆرۈنۈش: ك ت ۋ دىكى سۆھبەتلەر

6.jpg
-ھەي، باللا، بايامقى سورۇنمۇ تۈگەپ، ئەمدى بۇ يەردە ناخشا ئېيتىمىز، ھاراقنىمۇ ئىچىپ خېلى تەڭشىلىپ قالدۇق، قىزلاردىن چاقىرايلى، تەلىيىڭ بولسا ئۈندىدارىنى قوشۇۋېلىپ، كەچتە بىرەر يەرگە ئېلىپ كەتسەڭ بولىدۇ…ھى ھى ھى…ە
ئاگاھلاندۇرۇش: تەنتەك دوستۇم، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەشرەپتەك ئەھمىيەتلىك سورۇنىمىز تۇرغان يەردە سىزگە بۇ يەرلەر ئوشۇقچە. سەمىڭىزدە بولسۇن، نامۇۋاپىق قاراڭغۇ جايلار سىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ھالاكەت يولىغا ماڭىدىغان تۇنجى بېكىتىڭىز بولۇپ قالمىسۇن! ھېسسىيات تىزگىنىڭىزگە يۈگەن سېلىڭ! دىققەت، ئەيدىز ئەتراپىڭىزدىلا! ە

 

ئاخىرقى كۆرۈنۈش: بىر ئەيدىز بىمارىنىڭ بايانى

7.jpg
ھازىر پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. ياشلىقىم، ئائىلەم مانا مۇشۇنداقلا خازان بولدى. ئەينى چاغدا ئاتا-ئانامنىڭ، ئۇستازلىرىمنىڭ تەربىيەسىگە، ئاقكۆڭۈل دوست-يارەنلەرنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالغان بولسام، بۇ نىجىس كېسەل ماڭا يېقىن يولىمىغان بولاتتى. ۋاقتىمنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلغان بولسام مەنمۇ ھەركۈنى خوشال-خۇرام يۈرگەن بولاتتىم. ئۆلۈمگە بارا-بارا يېقىنلاپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ئويلىسام تېنىم شۈركىنىدۇ، ئەخلاقسىزلىقلىرىم، تەنتەكلىكىمنى ئويلىسام ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن…
يۇقىرقى كۆرۈنۈشلەر جەمىيىتىمىزدىكى ھەرخىل ئازدۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىرىدا ئۆزىنىمۇ، ئائىلىسىنىمۇ خاراب قىلىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ بىر قىسمى خالاس. يېقىندىن بۇيان جەمىيىتىمىزدە بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان، غەرب ئەللىرىمۇ قارشى تۇرۇۋاتقان «جىنسىي ئەركىنلىك» شۇئارىنى توۋلاپ يۈرگەن ھەمجىنىسلىق ھادىسلىرى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاكتىپ«تۆھپە» قوشماقتا. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىر دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ھەمجىنىسلار ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنىڭ يېڭى بىر يولى بولۇۋېتىپتۇ، بۇ تولىمۇ خەتەرلىك سىگنال! قېنى كىم بۇ ھادىسلەرنى جەمىيىتىمىزدە مەۋجۇت ئەمەس، دەپ كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ راست سۆزلەيلى، راست سۆزلەيدىغان يەرگىمۇ يەتتۇق!
ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەشۋىقاتىنى بەزىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئىشى، ئەيدىزگە قارشى پىدائىيلارنىڭ ئىشى، مەن «ئۆزۈمنى باشقۇرساملا» بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە، ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ئەزرائىلدىن غالىپ كېلىش ھەربىرىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى، بۇ يولدا ھەممىمىز پىدائىي!
قېرىندىشىم، ئەخلاق گۈلىستانىنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرىنى قەلبىڭىزدە، ئائىلىڭىزدە، ئەتراپىڭىزدە ئېچىلدۇرۇڭ، ھەرقەدىمىڭىزدە، ھەر سەپىرىڭىزدە ھېسسىيات تىزگنىڭىزگە يۈگەن سېلىڭ، سەگەك بولۇڭ، ئەيدىز ئەتراپىڭىزدىلا!

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】