نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جىنسىيەت > جىنس پسىخولوگىيىسى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەر ھەمجىنىسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش ۋە ئەيدىز

  • بېشى قاتقان ئەيدىز ئەر

  • مىنىڭ ئەيدىز دادام

  • جىنسىيەتنىڭ قۇللىرى ۋە ئەيدىز

  • گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ!

  • خوتۇن بىلەن پاھىشە

دوستلار ئارىسىدىكى ئەيدىز

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-08-27كۆرۈلىشى :

 دوستلار ئارىسىدىكى ئەيدىز

ec55f9c0c40f136a845c5c.jpg


ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ۋە ئەيدىزنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىشى خەتەرلىك قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىشى ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى خەتەرلىك قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ قارىلىدىغان كىشىلەر توپىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئادەتتىكى ئامما ئارىسىدا تارقىلىشى نۇرمالنى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ، ۋاقىتلىق دوستلاشقان ئەر-ئاياللار (قىز-يىگىتلەر) ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن گەۋدىلىك ھالەتكە يېتىپ، ئادەملەر ئارىسىدىكى نۇرمال ھەم مۇقىم جىنسى ئالاقىگە نىكاھ مۇناسىۋىتى كاپالەتلىك قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتى نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي، نىكاھ سىرتىدا دوستلاشقان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىش يۈزلىنىش ئادىتى كېلىپ چىقتى. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نىكاھ ئائىلىدە بار بولسىمۇ، ئەمما سىرتتا يوق ھىسابىدىكى ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئەسلىدە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتى نىكاھ مەدەنىيىتى ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللارنىڭ بېرىسىدىن ھەرقانداق مەدەنىيەت، مىللەت، دۆلەت،  تېرە-ئىرقى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانۇنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن قېلىپ-ئۆلچەمگە سالىدىغان ئۆرۈپ-ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. ئەمما، نۆۋەتتە نىكاھنىڭ ئىچى-تېشىدا قالايمىقان جىنسى ئالاقە ئېلىپ بېرىش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش "دوستانە" مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بولغاچقا، نىكاھ بىلەن نىكاھسىز دوستلۇق ئارىلىشىپ كېتىۋاتقان ئەھۋال كۆرىلىۋاتىدۇ. دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى نىكاھسىز دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە "نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك" دېگەندەك ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىپ، دوستلار ئارىسىدا ئەيدىز يامراۋاتىدۇ.
مۇشۇنداق نىكاھ سىرتىدا دوستلاشقان ئەر-ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭ %80 كە، ئاياللارنىڭ %85 كە يەتكەن بولۇپ، ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ سىرتىدىكى ئاشنىدارچىلىقى، ۋاقىتلىق ياكى بىر قېتىملىق مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشقا دۇچار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەرسىز قېلىش سەۋەبىدىن، قانۇنلۇق ھالەتتىكى سەمىمى-سادىق ھەمرالىرىغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇپ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئەھۋالى توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ.
ئەسلىدە دوستلاشقان ئەر-ئاياللار (قىز-يىگىتلەر) ئارىسىدا ئۆزئارا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش يۈز بەرمىسە بولاتتى. چۈنكى، دوستلار دېگەن بىر-بىرىسىگە زىيانكەشلىك قىلمايدىغان، بەلكى ئۆزئارا بىر-بىرسىنى قوغدايدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ھېساپلىناتتى. ئەمما، ئەيدىزدىن يۇقۇملاندۇرۇش يولىدا كېتىۋاتقان بۇ "دوستلار" ھەقىقى دوستلار ئەمەس بولۇپ، مەنپەئەت، ئويۇن-تاماشا، ئاچكۆز نەپسى ئۈچۈن ۋاقىتلىق "دوستلاشقان" ساختا دوستلار بولۇپ، "يولدىن چىقما، خاندىن قورقما" دېگەننىڭ ئەكسىچە، يولدىن چىقىپ جاندىن قورقۇشقا يۈزلەنگەن كىشىلەرگە ئايلانغان ئىدى.
نىكاھ سىرتىدا ئاتالمىش دوستلاشقان ئەر-ئاياللار (قىز-يىگىتلەر) ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدىغان ھەم بىلمەيدىغانلارمۇ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدىغانلار قەستەن باشقىلارغا يۇقۇتۇرۇش غەرىزىدىكىلەر بولسا، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ئەيدىزدىنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايدىغان كىشىلەردۇر. شۇنداقلا، ئەيدىزدىن تېخى يۇقۇملانمىغانلار بولسا، نىكاھ سىرتىدىكى پۇرسەتپەرەس "دوستلىشىش"نىڭ ئەيدىزدەك جىنسى يۇقۇملۇق كېسەل "سوۋغا" قىلىدىغانلىقى ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيدىغان بىغەم، ھاڭۋاقتى كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر.
نىكاھ سىرتىدىكى دوستلىشىش ئەر-ئاياللارنىڭ يولدىن چىقىش قىلمىشىدۇر. چۈنكى، نىكاھ ئەر-ئاياللارنىڭ (قىز-يىگىتلەرنىڭ) قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋىتىنى چەكلەيدۇ، ئالدىنى ئالىدۇ، يەنى جىنسى ئالاقە قالايمىقانچىلىقىغا يول قويمايدۇ. چۈنكى، نىكاھ ئىچىدە ئەر-خوتۇنغا ئايلانغۇچىلار جىنسى مۇناسىۋىتى مۇقىم بولىدۇ، يەنى بىر ئەر بىر ئايال بىلەنلا مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، نىكاھ ئەر-ئاياللاردىن مۇشۇنى تەلەپ قىلىدۇ. نىكاھنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيىتى ئەر-ئاياللارنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا يول قويمايدۇ. شۇڭا، نىكاھ ئىچىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم، پاكىز بولۇپ، قالايمىقان بولمىغاچقا، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى تۇرمۇشىدا يۇقۇملۇق كېسەللەردىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ. مانا بۇ نىكاھنىڭ سەۋەپ-مەقسىدىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلىدۇر.
دوستلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغان بىر ئەرنىڭ كۆپلىگەن ئاياللار بىلەن بىللە بولۇشى ھەم نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمەيدىغان بىر ئايالنىڭ كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇش ھالىتىدە بولۇپ، بۇنداق دوستلۇق ۋاقىتلىق بولغاچقا، خۇددى سېغىزخاندەك شاختىن-شاخقا قۇنۇپ يۈرىشىدۇ. بۇنداق پەقەتلە جىنسى نەپسىنى كۆزلىگەن دوستلۇق نىكاھتا بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە ۋەدىلەشكەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنداق بىر-بىرىسىدىن پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە نىكاھ ئوقۇش كەتمەيدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ بولمىغان جىنسى مۇناسىۋىتىدە پاكىزلىق، لەۋزى ھالاللىق بولمايدۇ، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش-ئاسراش بولمايدۇ، "ئىشىگىم كۆۋرۈكتىن ئۆتسىلا بولدى" ھالىتىدە باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزلىرىنىڭ نېمە بولۇشلىرى بىلەن كارى بولمايدۇ.
نىكاھنى كېرەك قىلمايدىغان ئاتالمىش دوستلار ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەت ئېغىر ئەخلاقسىزلىق ھالىتىدە بولغاچقا، مەينەتچىلىك، پاسكىنچىلىق، بۇزۇقچىلىق يولىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن باشقىلاردىن ئاشقان-تاشقانلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئاتالمىش دوستلىشىپ بىر ئەرنىڭ كۆپلىگەن ئاياللار بىلەن بىللە بولۇشى شۇ ئەرنىڭ ئەنە شۇ كۆپلىگەن ئاياللاردىن ھەر خىل يۇقۇملىنىشقا ئۇچرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا، بىر ئايالنىڭمۇ كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇشى شۇ ئايالنىڭ ئەنە شۇ كۆپلىگەن ئەرلەردىن ھەرخىل يۇقۇملىنىشقا ئۇچرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نىكاھ سىرتىدىكى دوستلىشىشنى ئەخلاق ۋە قانۇن قوللىمايدۇ، مۇقىم بولمايدۇ، يۇشۇرۇن بولىدۇ، بۇنداق دوستلۇقنى تۇتۇپ تۇرىدىغان نىكاھ، باغلاپ تۇرىدىغان بالا بولمايدۇ. بىر مەزگىلدىن كىيىن كۆڭلى سوۋىغاندا پەشنى قېقىپ كېتىۋېرىدۇ. نىكاھلانماي تۇرۇپ ياكى نىكاھ سىرتىدا باشقىلار بىلەن بىللە بولۇپ يۈرىشىدىغان ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنى ئاتالمىش "دوستلاشتۇق" دىيىشىپ بىر-بىرىسىگە جىنسى ھەمرا بولۇپ يۈرىشىۋېرىدۇ. ئەمما، بۇ دوستلۇق كىشىلەرنىڭ بىر-بىرسىگە يار-يۆلەك بولىدىغان ھەقىقى دوستلۇقىغا ئوخشىمايدۇ، بەلكى نىيىتى يامانلىقنىڭ يولىنى تاللىغانلارنىڭ دوستلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتە، دوستلۇق دېگەن بۇنداق بولمايدۇ.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】