نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ماتېرىياللار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • خىروئىن ئەيدىز ۋە ئىنسانلار پاجىئەسى

  • جۇڭگودا ئەيدىز تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولماقتا

  • ئەيدىز بىمارلىرى ئوزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  • ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئون ئاساسى بىلىم ۋەئون ئالاقىدار ئۇچۇر

  • 2015-1995 ئەيدىز رايونىمىزدا

  • زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەر يوشۇرۇش ئۈچۈن «ئىجاد قىلغان» كەشپىياتلار

ئەيدىز ۋە توي

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-05-28كۆرۈلىشى :

   مەنمۇ بىر يۇقۇملانغۇچى، ئەزەلدىن زەھەر چېكىش قان سالدۇرۇش جىنسى مۇناسىۋەت دېگەندەكلەرنى قىلىپمۇ باقمىغان، بۇنداق بولۇپ قىلىشىم چۈشۈمگە كىرىپ چىقمايتتى. پەقەت ئەڭ گۇمانلىنىدىغان تەرىپىم شەخسى چىش دوختۇرخانىسىدا چىش زاماسكىلاتقان شۇ يەردىن يۇققانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىسپات كېتىدىكەن، بېشىم بەك قاتتى. ئەڭ ئۇۋال بولغىنى بىچارە ئاتا-ئانام، ھازىرغىچە ھېچكىمگە تىنمىدىم. ئۇلار مىنىڭ توي قىلىشىمنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. ئاھ…نېمە كەلگۈلۈك بۇ ئەمدى، ئۆلۈپلا تۈگىشەي دېسە ئۆيدىكىلەر، يېقىنلارنىڭ تېخىمۇ ئازابلىنىشىغا چىدىمىسا يا بۇ گەپلەرنى دېيەلمىسە ئادەم ……

مانا مۇشۇنداق ئازاب-ھەسرەتكە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، چىش داۋالاش ئورۇنلىرىنى تاللاپ كىرىشىمىز كېرەك. پاكىز، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان، دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان، قانۇنلۇق، لاياقەتلىك، ئۆلچەملىك چىش داۋالاش ئورۇنلىرىنى تاللىساق، يۇقىرىقىدەك ئامالسىز قالىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمايمىز. يەنى «بېشىمغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈمنىڭ شورى» دېگەن گەپ بار. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مەنبەلىرىنى ئوبدان ئىگىلەپ، ئۆزىمىزنى ئەيدىزدىن ساقلىشىمىز كېرەك. «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن» دېگەندەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن چۆچۈپ ئويغىنىپ ئەقلىمىزنى تېپىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئويلانغانلىرىمىز بىلەن، ئۇنىڭ ئازاب-ئەلەمگىلا پاتقۇزۇپ روھى بېسىمغا چۆكتۈرۈپ، بىر ئۆمۈر توي قىلالماي ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ دېگەن دەردلىرى يېتىپ-ئېشىپ تۇرۇۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كىيىن توي قىلىش مانا مۇشۇنداق ھەقىقەتەن تەس توختاپ قالىدۇ. قانۇندا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلار توي قىلسا بولمايدۇ دېگەن چەكلىمە يوق. پەقەت، يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلسا قارشى ھەمراھىغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشتىن قورقىدۇ، يۇقۇملانمىغۇچىلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن توي قىلىشىمۇ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇر. چۈنكى، ساق ئادەم بىلىپ تۇرۇپ ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتىدىن يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسىلى بار ئادەم بىلەن توي قىلىشتىن قورقىدۇ، شۇڭا ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ، تويلىشىشنى خالىمايدۇ. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ توي قىلماقچى بولسا، توي خېتى ئېلىش ئالدىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلار توي قىلىشتا مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئەمما، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭمۇ باشقىلاردەك توي قىلىپ بالىلىق بولغۇسى كېلىدۇ. بىر ئۆمۈر تەنھالىقتا يالغۇزلۇق ئىچىدە ئەۋلاد قالدۇرالماي ئۆتۈپ كەتكىسى كەلمەيدۇ.
دېمەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلماقچى بولسا، ئۆزىگە ئوخشاش يۇقۇملانغۇچىلارنى تېپىشى كېرەك. ئەمما، يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىيەتتىكى بىنورمال كەمسىتىش سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ، شۇڭا كىمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مانا بۇ ئەھۋال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا تېپىشىشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر مەسىلىدۇر. شۇنداقتىمۇ، يۇقۇملانغۇچىلار دوختۇر-دوختۇرخانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغان تونۇش-بىلىشلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، ھەم ھەر خىل ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆزئارا تېپىشىپ تونۇشۇپ چىقىپ، مۇۋاپىق كۆرۈشكەنلىرى توي قىلىشسىمۇ، ئەمما، جەمئىيەتتە يۇقۇملۇق كېسىلى يوق ساغلام كىشىلەرنىڭ ئائىلە زىددىيەت-توقۇنۇشلىرى سەۋەبلىك ئۆيىنى ئۆي قىلىشالماي كېتىۋاتقانلىقىنىڭ يوق ئەمەسلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، پەقەت ئەيدىز سەۋەپلىكلا توي قىلىپ قالغانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ مىجەز-خاراكتېرى ماس كېلىشەلمەي تېخىمۇ بەختسىز بولۇپ قالىدىغانلىرى بولماي قالماسلىقى مۇمكىن.
قىسقىسى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ پىسخىك بەرداشلىق بېرىش كۈچى يۇقىرى بولمىسا، توي قىلىشى ۋە ئائىلىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئوبدان ئىگىلەپ، «سۇ كەلگىچە تۇغان سېلىپ» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】