نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ماتېرىياللار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنىڭ دەسلىپىدە مۇنداق ئۈچ خىل ئالامەت كۆرۈلۈشى نورمالمۇ؟

  • خىروئىن ئەيدىز ۋە ئىنسانلار پاجىئەسى

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى

  • ئەيدىزنى داۋالاشتىكى تۆت كەچۈرۈم ۋە بىر غەمخورلۇق

  • %65.3 ياشلار ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىمىز دەپ قارايدىكەن

  • ئامېرىكىدا %30 ئەيدىز بىمارىلا داۋالىنشتا چىڭ تۇرماقتا

قۇلاققا كىرىۋالىدىغان «چاقىرىلمىغان مېھمان» نى قانداق يوقىتىمىز؟

مەنبەسى : 上海疾控 يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-05-22كۆرۈلىشى :

 QQ截图20180522202518.jpg

يېقىندا جىكوڭجۈن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرگەن: 17 ياشلىق قىز يېرىم كېچىدە غەيرىي ئاۋازنى ئاڭلىغان، ئەمما ئەتراپتىكىلەر ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلىمىغان.

ئاخباراتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۇخلاپ قالغان شياۋشۆ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىر غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كەتكەن بولۇپ، «شار شار» قىلغان ئاۋاز قۇلاقتىن چىققان. شياۋشۆ ئۆزىنى تۇتالماي قۇلىقىنى كولاپ، قۇلىقى ئىچىگە بىر نەرسە كىرىپ كېتىپ بارغاندەك، ھەم قىچىشقان ھەم ئاغرىغاندەك ھېس

قىلغان. ئۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالانغان، دوختۇر تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرىدا «چاقىرىلمىغان مېھمان» نى قىسىپ الغان بولۇپ، بۇ ئەسلىدە تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان كىچىك سۈۋەرەك ئىدى.

QQ截图20180522202531.jpg

خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، جىكوڭجۈننىڭ قۇلىقى ئىختىيارسىز ھالدا ئاغرىشقا باشلىغان! ئىنچىكە ئويلىساق بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق، سۈۋەرەك نېمىشقا قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ؟ بىز ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟

سۈۋەرەكنىڭ مەيدانغا كېلىشى

سۈۋەرەك ئەڭ قەدىمىي ھاشارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 350 مىليون يىل بۇرۇنقى تاش كۆمۈر دەۋرىدىلا پەيدا بولغان، ئىلگىرى نۇرغۇن دىنوزاۋر قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا بېسىلىپ ئۆتكەن.

سۈۋەرەك تاش قاتمىسى ياكى كۆمۈر ۋە كەھرىۋا ئىچىدىكى سۈۋەرەكنى، ھازىر ئائىلە ئىشكاپلىرىدا يۈرىدىغان سۈۋەرەك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاشقى قىياپىتى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما ھاياتىي كۈچى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.

QQ截图20180522202543.jpg

قوش يۈزلۈك سۈۋەرەك

پۈتۈن دۇنيادىكى سۈۋەرەكنىڭ تۈرى تەخمىنەن 5000 خىل بولۇپ، ئىنتايىن بىر چوڭ جەمەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە %99 سۈۋەرەك ئورمان پايدىلىق ھاشارىتى بولۇپ، پور ياغاچ ۋە چۈشكەن يوپۇرماقلارنى پارچىلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈۋەرەك ساھەسىدە «كۆزگە كۆرۈنەرلىك قىممىتى» بار بولۇپ، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىنسانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالسا، ناھايىتى تېزلا ئاچلىق ۋە سۇسىزلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

يۇقىرى ئىناۋەت قىممىتى سۈۋەرەك جەمەتىنىڭ ئىنسانلار جەمىئيىتىدىكى ئىناۋىتىنى قولغا كەلتۈرەلمەيلا قالماستىن، ئەكىسچە كىشىلەرنى سۈۋەرەك تىلغا ئېلىنسىلا ئۆچلۈكى تۇتىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. چۈنكى ناھايىتى ئاز ساندىكى سۈۋەرەك كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ، مەسىلەن، گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكى، ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ سۈۋەرىكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. سۈۋەرەكنى «بىر تال ساچقان مايىقى بىر قازان ئۇماچنى بۇلغىدى» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغاندەك سۈۋەرەكنىڭ قۇلاققا كىرىۋېلىشىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك يامان ئىللەتلىرى بار:

1. سۈۋەرەك كېسەللىك تارقىتىدۇ

سۈۋەرەك تارقىتىدىغان ۋە ئېلىپ يۈرىدىغان باكتېرىيەلەر، سالمونېللا باكتېرىيىسى، ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيەسى، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، چوڭ ئۈچەي باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كېسەللىك مىكروبلىرى بولۇپ، سۈۋەرەك ئەخلەتلەر ئارىسىدىن چىقىپ، بەدىنىگە كېسەللىك باكتېرىيلىرىنى يۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكىگە يامىشىپ، كېسەللىك باكتېرىيلىرىنى ئىنسانلارغا تارقىتىپ، ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

 

QQ截图20180522202601.jpg

2. سۈۋەرەك سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

سۈۋەرەك چىقىرىندىلىرى ۋە تېرە تاشلاندىلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئانا فىلاكتوگېن بار بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەردە ئۇنىڭغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، تېرە قىچىشىش، بۇرۇن يولىغا قان تولۇش، زىققا، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار. بەزى ھۆججەتلەردە ئىسپاتلىنىشىچە سۈۋەرەكنىڭ بالىلاردىكى زىققا بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

 

3. سۈۋەرەك بەزى ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈۋەرەك ئاسانلا چوڭ تىپتىكى ئېلېكتر ئۈسكۈنلىرى، ئەسۋاب، كومپىيۇتېر قاتارلىقلارغا كىرىپ قىسقا لىنىيە تۇتىشىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، توك، خەۋەرلىشىش ۋە تىرانسپورت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

QQ截图20180522202614.jpg

زىيانداش سۈۋەرەك تىزىملىكى

ئائىلىلەردە دائىم بولىدىغان سۈۋەرەك تۈرى: گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكى، ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ سۈۋەرىكى، قارا كۆكرەكلىك چوڭ سۈۋەرەك. ئىلگىرى قارا كۆكرەكلىك چوڭ سۈۋەرەك ۋە ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ سۈۋەرىكى ئائىلە سۈۋەرىكى ئىچىدىكى «زومىگەر» ھېسابلىناتتى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گىرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى بولغان كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىگە تايىنىپ، ئائىلىدىكى «يېڭى زىيانداش» قا ئايلاندى.

ھازىرغىچە گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكىنىڭ ھېچقانداق كۈندىشى يوق، ئۇرسىمۇ تۈگىمەيدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولىدۇ.

گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكىنىڭ «پەۋقۇلئاددە ماھارىتى» قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ سۈۋەرەكتىن «زومىگەرلىك» ئورنىنى تارتىۋېلىپ، ئائىلىدىكى ئەڭ «باش ئاغرىتىدىغان» زىيانداشقا ئايلانغان ئىكەن، گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكىنىڭ چوقۇم ئالاھىدە ماھارىتى بار.

پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىدۇ

سۈۋەرەكنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇلاق ئىچىدىن چىقىدىغانلىقىنى مۇكەممەل چۈشەندۈرگەندە، گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكى يوچۇقتا ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىللىق، نەم، كۆپ يوچۇقلۇق ئۆڭكۈر ۋە يېمەكلىك يوشۇرۇنغان جايلاردا يوشۇرۇنۇشنى ۋە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئاشخانىدا سۈۋەرەك ئەڭ كۆپ، تازىلىق ئۆيى ۋە ياتاق ئۆيلەردىمۇ سۈۋەرەكنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «چاك، غار، بۇلۇڭ» ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىنھان جاي. ئاشخانا ئۆينى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە سۈۋەرەك يوشۇرۇنۇۋالىدىغان جايلار: قاچا-قۇچا ئىشكاپى، تارتما، چۈمۈچ ئاستى، ئوچاق ئەتراپىدىكى چاك ئارىلىقى، تام ئۆڭكۈر ئىچى، قاراڭغۇلۇق تام بۇلۇڭ-پۇچقىقى ۋە دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسىلەر قاتارلىقلار.

بۇ ماھارەتلەر سۈۋەرەكنىڭ يۇقىرى بەدەن قىسىش تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەڭلىكى پەقەت بەدەن ئېگىزلىكىنىڭ 1/4 قىسمىغا توغرا كېلىدىغان تار يوچۇقتىن ئاسانلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. شۇنداقلا ھەرىكىتىمۇ بەك تېز بولۇپ، كىشىلەر ھەتتا سۈۋەرەكنىڭ يۆتكىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «ماشىنا سۈۋەرەك»نى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

بېشى ئۈزۈلسىمۇ ئۆلمەيدۇ

بېشى ئۈزۈلسىمۇ ئۆلمەسلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەسلىدە سۈۋەرەك نەپەس ئېلىشتا قورساق قىسمىدىكى كلاپانغا تايىنىدۇ. بېشى بولمىسىمۇ، تېنى بىر مەزگىل ياشيالايدىغان بولۇپ، چىشى سۈۋەرەكنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتسىمۇ، گەۋدىسى تۇخۇم غىلىپىنى يەنىلا ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش كېرەك.

 
QQ截图20180522202647.jpg

بالىلىرى كۆپ

سۈۋەرەكنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، بىر تەرەپتىن، چىشى قۇرت پەقەت بىر ياكى ئىككى قېتىم چېتىشىش بىلەنلا، ئۆمۈرلۈك ھامىلىدار بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئانا سۈۋەرەك ھەر ۋاقىت غىلىپى بار تۇخۇم ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئىزچىل ئىچىدىكى لىنچىنكىنىڭ يېتىلىشىنى ساقلاپ ئاندىن تۇغۇشى، كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا نىسبەتەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا زەھەر ئۆلتۈرۈش دورىسى ئادەتتە سىڭىپ كىرەلمەيدۇ.

گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكىنى «يوقىتىش» خاتىرىسى

گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكىنىڭ تۈرلۈك قىلمىشلىرىغا قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، «مېھمان كۈتۈش يولى» دىمۇ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. سۈۋەرەك ئۆيىمىزگە كىرسە، ئەلۋەتتە «ياق» دەيمىز. «چاقىرىلمىغان مېھمان»نى رەھىمسىزلىك بىلەن يوقىتىش كېرەك.

بىرىنچى تەدبىر

«پولات ئىستىھكام» قۇرۇپ سۈۋەرەكنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى توسۇش

ئائىلىدە ھەر خىل ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۈۋەرەكنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ ئۇسۇلدا كىرىشنى توسۇش.

سۈۋەرەكنى «ئۆيسىز» قالدۇرۇش

ئالتە يوچۇقنى تىكىش

تام، پول، ئىشىك، دېرىزە، يۇيۇش كۆلچىكى، يەر ئاستى سۇ يولى قاتارلىق جايلاردىكى تۆشۈك يېرىقلارنى، زاماسكا، سېمونت قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن توسۇپ قويۇش.

ئۈچ كۆزنى توسۇش

سۇ تۇرۇبىسى، گاز تۇرۇبىسى، پار تۇرۇبىسى قاتارلىق جايلاردىكى تۆشۈكنى توسۇپ قويۇش.

8 تەكشۈرۈش ئۇسۇلى

ئۈستەل، ئىشكاپ، ئۈستەل، ئورۇندۇق، يەر ئاستى سۇ يولى ئېغىزى، يۇيۇش كۆلچىكى، ئاشخانىكى پەشخۇن، يوچۇق، دۆۋە (ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر دۆۋىسى) قاتارلىق سەككىز جاينى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش. بىرىنچىدىن، سۈۋەرەكنى «ئائىلىسىز» قويۇش، «ئۆيىڭىز»دىن سەسكەندۈرۈش، ھەر ئاماللارنى قىلىپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش؛ ئىككىنچىدىن، سىرتتىن كەلگەن سۈۋەرەكنىڭ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

«تەرمە كىرا» قىلىش

سۈۋەرەك سېتىۋالغان يېمەكلىكلەر ۋە ماللار بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىدۇ، شۇڭا سىرتتا ئورالما يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا بۇنىڭ ئىچىدە سۈۋەرەك ياكى سۈۋەرەك تۇخۇم غىلىپى بار-يوقلۇقىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

QQ截图20180522202657.jpgئىككىنچى تەدبىر

كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ سۈۋەرەكنى يوقىتىش

سۈۋەرەك ئائىلىدە «بەرگاھ قۇرۇپ جايلىشىپ» بولسىلا، «گۈل ئېچىلىپ مېۋە بېرىدۇ»، شۇڭا چوقۇم تۈرلۈك چارە-ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئائىلىدىكى سۈۋەرەكنى يوقىتىش كېرەك.

سۈۋەرەككە ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىق

ئەگەر ئۆيدە سۈۋەرەككە ئىچىدىغان يەيدىغان نەرسە بار بولسا، مۇشۇ يەردە كۈنلىرىنى بەخىرامان ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا ئاشخانا، ياتاق، ھاجەتخانا تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، ئەخلەتنى ۋاقتىدا تۆكۈش، تازلىق ئۆيىنىڭ قالدۇق سۈيىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، سۈۋەرەكنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنى يوق قىلىش كېرەك.

فىزىكىلىق ئۇسۇل بىلەن سۈۋەرەك يوقىتىش

سۈۋەرەك چاپلاشتۇرۇش قەغىزىنى ئۆيدە دائىم ئىشلىتىش كېرەك، ئىشلىتىش جايىدا بولسا سۈۋەرەكنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.

بۇ ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، سۈۋەرەك يوقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

سۈۋەرەك چاپلاشتۇرۇش قەغىزى ئۈستىگە ئازراق بولكا يېمى قويۇپ، ئىمكانقەدەر سۈۋەرەك پەيدا بولدىغان جايغا قويۇش، مەسىلەن توڭلاتقۇ ۋە يېمەكلىك ئىشكابىنىڭ ئاستى، دېگەندەك.

قۇرغاق مۇھىتقا قويۇش، نەملىكتىن ساقلاشقا دىققەت قىلىش، سۇ بىلەن چايقىلىشتىن ساقلىنىش، پەقەت يېپىشقاقلىقى بولسىلا، قەغەزنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

سۈۋەرەك يېپىشتۇرۇش قەغىزىگە بىر ئىككى تال سۈۋەرەك چاپلاشقاندىن كېيىنلا دەرھال تاشلىۋەتمەسلىك، چۈنكى سۈۋەرەك تېنى ۋە گەندىسى بىرخىل توپلاشقان ئۇچۇر ماددىسى قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ سۈۋەرەكنى يېپىشقاق قەغەزگە يامىشىپ چىقىشقا قىزىقتۇرىدۇ. سۈۋەرەك يېپىشقاق قەغەزنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەللەپ بولغاندىن كېيىن، يېپىشقاق قەغەزنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش كېرەك.

 

خىمىيىلىك دورا ئارقىلىق سۈۋەرەك يوقىتىش

شىلىملىق يەمچۈك بولسا مۇۋاپىق بولغان ئائىلىدە خىمىيىلىك سۈۋەرەك يوقىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، يوشۇرۇن قىسمى زەھەرلىك يەمچۈك بىلەن سۈۋەرەك يوقىتىدۇ. شىلىملىق يەمچۈك تەركىبىدە سۇ تەركىبى كۆپرەك بولۇپ، سۈۋەرەكنىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ھەر خىل ئازدۇرۇش تەركىبىنى ئارىلاشتۇرۇش، سۈۋەرەككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەركىبىگە قىزىقتۇرۇش شىلىملىق يەمچۈكنى تېخىمۇ تەملىك قىلىدۇ.

شىلىملىق يەمچۈك جەلپ قىلىش دورىسى پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر سۈۋەرەكنى ئالداپ، ئۇلارنى خاتا ھالدا بۇنى يېمەك-ئىچمەك دەپ قاراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. شىلىملىق يەمچۈكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، دورا ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىگە پەيدىنپەي تەسىر قىلىپ، ئاستا-ئاستا ھەزىم بولىدۇ، ھەتتا ئاخىرىدا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن ئۆلگەن سۈۋەرەك باشقا سۈۋەرەكلەرنى جەسەت يېيشىكە قىرىقتۇرىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا، دورا يەنە تارقىلىدۇ.

سۈۋەرەك ئۆلتۈرىدىغان شىلىملىق يەمچۈكنىڭ قويۇش ئورنى، «تۈرى كۆپ، مىقدارى ئاز، دائىرىسى كەڭ بولۇش» پىرىنسىپىگە ئەمەل قىلىپ، ھەر بىر نۇقتىدا قويۇپ بېرىش مىقدارى ماشنىڭ چوڭلۇقىدا، سۈۋەرەك زىچلىقى چوڭ ياكى يوچۇق كۆپ رايونغا، شىلىملىق يېلىمنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن، توڭلاتقۇنىڭ ئارقىسى، ئىشكاپ كەينى، ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئارقىسى، بۇس تارتقۇ كەينى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم رايونلار ھېسابلىنىدۇ. دورا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، شىلىملىق يەمچۈك قويغان تام ياكى يەر يۈزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى يەمچۈكنىڭ يۇيۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شىلىملىق  يەمچۈك قويغان ئورۇنغا زەھەرلىك يەمچۈك قويماسلىق كېرەك.

ئاساسلىق قويۇلىدىغان ئورۇنلار

QQ截图20180522202731.jpgخىمىيىلىك سۈۋەرەك يوقىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

سۈۋەرەك يوقىتىش مەزگىلىدە دورىنى بىر ئىككى ئاي ساقلاپ قېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىكنى ئوبدان ساقلاش، ئەخلەتلەرنى پاكىز تازىلاپ، ئۆلگەن سۈۋەرەكنى بايقىغاندا ۋاقتىدا تازىلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.

مەسىلەن، ئۆيدە بالىلار ياكى ئەرمەك ھايۋان بار بولسا، زەھەرلىك يەمچۈكنى بالىلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئاسان ئۇچراشمايدىغان يەرگە قويۇش، ھەمدە سۈۋەرەك يوقىتىش دورىلىرىنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك.

 
 
 
 
 
 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam