نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ماتېرىياللار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • خىروئىن ئەيدىز ۋە ئىنسانلار پاجىئەسى

  • جۇڭگودا ئەيدىز تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولماقتا

  • ئەيدىز بىمارلىرى ئوزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  • ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئون ئاساسى بىلىم ۋەئون ئالاقىدار ئۇچۇر

  • 2015-1995 ئەيدىز رايونىمىزدا

  • زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەر يوشۇرۇش ئۈچۈن «ئىجاد قىلغان» كەشپىياتلار

يەر شارىدا قانچىلىك ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-04-05كۆرۈلىشى :

پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 60 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

 

شىنخۇا تورى شاڭخەي تېلېگراممىسى : ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى شاڭخەيدە ‹‹ 2009 – يىللىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش دوكلاتى ››نى ۋە ‹‹ 2010 – يىللىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەشنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر ›› نى ئېلان قىلغان . ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 60 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ، 25 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەل بىلەن ئۆلگەن .
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2008 – يىلى پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 33 مىليون 400 مىڭ ( 31 مىليون 100مىڭدىن 35 مىليون 800 مىڭغىچە ) ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ، 2 مىليون 700 مىڭ ( 2 مىليون 400 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ) ئادەم يېڭىدىن يۇقۇملانغان ، 2 مىليون ( 1 مىليون 700 مىڭدىن 2 مىليون 400 مىڭغىچە ) ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 430 مىڭ ( 240 مىڭدىن 610 مىڭغىچە ) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ، 15 ياشتىن تۆۋەن بولغان ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 100 مىڭ ( 1 مىليون 200 مىڭدىن 2 مىليون 900 مىڭغىچە ) غا يەتكەن ؛ ياشلار بارلىق قورامىغا يەتكەن ( 15 ياشتىن يۇقىرى بولغانلار ) يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ % 40 ىنى ئىگىلىگەن .
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش رايونىدىن قارىغاندا ، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەڭ ئېغىر بولغان رايون بولۇپ ، يەر شارىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ % 67 ۋە 15 ياشتىن تۆۋەن بولغان ، يېڭىدىن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ % 91 ى بۇ يەرگە مەركەزلەشكەن . لېكىن 2001 – يىلى ‹‹ ب د ت ئەيدىز كېسىلى ۋەدە بېرىش خىتابنامىسى ››غا ئىمزا قويغاندىن بۇيان ، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىدا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى سەككىز يىل ئىچىدە تەخمىنەن % 15 چۈشكەن ، 2008 – يىلى يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى يەنە تەخمىنەن 400 مىڭ ئادەم ئازلىغان .
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بىمارلارنىڭ ھاياتى ئۇزىرىغان ۋە نوپۇس سانىمۇ كۆپەيگەنلىكتىن ، گەرچە نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيگەن بولسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قۇتقۇزۋېلىنغان بولۇپ ، ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن قازا قىلغۇچىلار سانى ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان % 10 چۈشكەن . ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1996 – يىلىدىن باشلاپ ئۈنۈملۈك داۋالاش لايىھىسى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان ، تەخمىنەن 2 مىليون 900 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن .
ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىكى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، يېقىنقى بىر يىلدا داۋالانغانلارنىڭ سانى % 36 كۆپىيىپ ، بەش يىلدا ئون ھەسسە كۆپەيگەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، 2008 – يىلنىڭ ئاخىرى ، ئوتتۇرا ، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى تۆت مىليوندىن ئارتۇق ئەيدىز كېسلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى داۋالىنالىغان ، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردىكى تەخمىنەن 700 مىڭ ئادەم داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغان ئومۇمىي ئادەم سانى ئاز دېگەندىمۇ 4 مىليون 700 مىڭغا يەتكەن . ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، 2008 – يىلى پۈتۈن يەر شارىدا ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى داۋالاپ ئالدىنى ئېلىشنى قوبۇل قىلغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ نىسبىتى 2007 – يىلدىكى % 33 تىن % 45 كە ئۆرلىگەن .
پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن روشەنكى ، يەر شارىنىڭ داۋالاش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن . 2008 – يىلى داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە پەقەت % 42 ئادەم داۋالانغان ، ئوتتۇرا ، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بولغان بالىلار ئىچىدە پەقەت % 38 بالا داۋالىنالىغان . ئەڭ سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، % 40 دىن تۆۋەن ياش ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ، % 40 كە يەتمىگەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى چۈشىنىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى داۋالانغۇچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، ھەر ئىككى ئادەم داۋالانسا ، بەش ئادەم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن .
2008 – يىلى ، پۈتۈن يەر شارىدا 15 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن . ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى 2010 – يىلى بۇ ئېھتىياجنى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى مۆلچەرلىگەن . 

【مەسئۇل تەھرىر : 】