نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ماتېرىياللار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • خىروئىن ئەيدىز ۋە ئىنسانلار پاجىئەسى

  • جۇڭگودا ئەيدىز تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولماقتا

  • ئەيدىز بىمارلىرى ئوزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  • ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئون ئاساسى بىلىم ۋەئون ئالاقىدار ئۇچۇر

  • 2015-1995 ئەيدىز رايونىمىزدا

  • زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەر يوشۇرۇش ئۈچۈن «ئىجاد قىلغان» كەشپىياتلار

خىروئىن ئەيدىز ۋە ئىنسانلار پاجىئەسى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-04-05كۆرۈلىشى :


زەھەر مەسىلىسى يەرشارى خاراكتېرلىك مەسلە. ھەر يىلى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبى بىلەن دۇنيادا نەچچە يۈزمىڭ «بەڭگى» ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ. يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چاڭگىلدا جان تالىشىۋاتقانلا نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ. زەھەر ئەتكەسچىلىكى سودىسى نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا نېفىت سودىسىدىن ئېشىپ، قۇرال- ياراغ سودىسىدىن قىلىشمايدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. 1991- يىلدىن 2000 يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا « بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى» زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كۈرىشىدە ناھايىتى چوڭ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ھەمدە بۇجەرياندا چوڭ بەدەل تۆلىدى. نەتىجىدە ناھايىتى ئۇلۇغ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن بۇ بىر مەيدان كۈرەش يەنىلا ئۇزۇن ۋە جاپالىق. بۈگۈنكى كۈندە زەھەرلىك چېكىملىك ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان زورئىجتىمائىي ئاپەت. زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلدىغان تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. زەھەرلىك چېكىملىك نۆۋەتتە يەرشارى خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلىنىپ، زامان، ماكان، دىن ۋە مىللەت ئايرىماستىن ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، كىشلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، روھىي ساغلاملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلشىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. ئىگىلەنگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى زەھەر ئاپىتى ئېغىر چوڭ رايوننىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئاق ئالۋاستىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئاۋال ئۇچرىغۇچىلار ياش- ئۆسمۈرلەر بولۇپ، سىتاتىسىتكىلق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە 35 ياشتىن تۆۋەنلىرى زەھەر چېكىدىغانلار ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ %62.1 تىنى تەشكىل قىلغان. نۆۋەتتە زەھەر دۇنيا مىقياسىدا كەڭ- كۆلەمدە يامراپ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ خاتىرجەملىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئېغىر خەلقئارالىق ئاپەتكە ئايلاندى. گۈل- گىياھلار ئىنسانلارغا خۇش پۇراق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. لېكىن بارلىق گۈل- گىياھلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، ئەپيۈنگۈل(كۆكنار) ئەسلى ئاجايىپ چىرايلىق گۈل. لېكىن ئۇنىڭغا رەزىللىك ۋە ئۆلۈم يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەپيۈنگۈل توزۇغاندىن كېيىن قالغان كۆك قاپاقتەك غوزىسىنى پىچاقتا ئاستا تىلغاندا زەھەرلىك شەربەت ئېقىپ تۈگەپ پوستى قورۇلۇپ سارغىيىپ خۇددى ئالۋاستىنىڭ ئىسكىلىتىغا ئوخشاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. لېكىن خىروئىن پايدا- مەنپەئەت ئۈچۈن كۆڭلى قارىداپ كەتكەن رەزىل كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بۇ ئۆسۈملۈك بالايى-ئاپەتنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ بالايى-ئاپەت ئۇنىڭ شىرنىسىدىن ياسالغان ئەپيۈن، خىروئىندىن ئىبارەت زەھەرلىك چېكىملىكتۇر. شۇڭلاشقا، زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەشكە ئائىت بىلىملەرنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش پۈتۈن مىللەتىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، زەھەرنىڭ زىينىنى تونۇپ ۋە ئۇنى تازلاپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە بەختلىك ياشىشىغا، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈللەپ روناق تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنتايىن مۇھىم ئىش. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتەسىدىكى دۆلەتلەردە غەلىتە بىرخىل كېسەللىك تارقىلىشقا باشلىدى. بۇخىل كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ زوركۆپچىلكىدە ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەت قىزىش، يۆتىلىش، سوزۇلۇشچان ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش، ئارقا پېشابتىن زەمبۇرۇغسىمان يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدى. غەلىتە ئەھۋال شۇكى، ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ خىل كېسەللىككە ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارتۆت- بەش يىلدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنداق قورقۇنۇشلۇق غەلىتە كېسەلنىڭ ئىچكى سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن تېببىي پەن ئالىملىرى ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ خىل غەلىتە كېسەلنىڭ مەنبەسىنىڭ بىرخىل كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇخىل كېسەل ۋاباغا ئوخشاش يەر شارى مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە تارقىدى. بۇ غەلىتە كېسەللىك ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنتېت كەمچىلىك كېسىلى دەپ ئاتىلىپ، ئىنگىلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى بويىچە AIDS- ئەيدىز دەپ ئاتالدى. ئۇيغۇرتىلدىمۇ ئىنگلىزچە نامى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، ئەيدىز دېگەن بۇغەلىتە كېسەل ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىشقا باشلىدى. ئەيدىز كېسىلى قىسقىغىنە بىرقانچە يىل ئىچىدە پۈتۈن يەرشارىنى قاپلاپ، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت بۇ غەلىتە كېسەلنىڭ بالاسىدىن قۇتلالمىدى. ئەيدىزنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ساغلام ياشىشىغا ۋە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ ئاپەتكە ئايلاندى. تېببىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسلىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش مەنبەسى قان، مەنىي سۇيۇقلۇقى ۋە باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقى (ئانا سۈتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدۇ) . ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي ئالاقىسى، قان سېلىش، ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق يۇقىدۇ، ھاۋادىن ، پاشا، چىۋىن، ھاشارەتلەردىن يۇقمايدۇ. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ساغلام بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىشىدىن ئۆزىنى ساقلىشى، زەھەر چەكمەسلىكى، قان ۋە قان ياسالمىلىرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەتسىلا ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولدۇ. 

【مەسئۇل تەھرىر : 】