نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > فىلىملەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 艾滋病检测动画片

  • بىر قېتىمدىلا ئەيدىز بولۇشقا سەۋەب بولالايدىغان خەتەرلىك قىلمىش

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىلانلاش مەھكىمىسى ئەيدىزنى تېزرەك يوق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

  • ئانار پىشتى ( 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى )

  • سىرلىق تۇمان

  • چايخانا پاراڭلىرى

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىلانلاش مەھكىمىسى ئەيدىزنى تېزرەك يوق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

مەنبەسى : nur.cnيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-09-27كۆرۈلىشى :

 11.jpg

سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ دۇنيا خەلقىنىڭ ئەيدىزگە بولغان تەخىرسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىلىملىرىنى يېڭىلىدى.

ئۇگاندا زۇڭتۇڭى ئوۋېرى مۇسېۋېنى ب د ت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىلانلاش مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 6 دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى يىغىپ تەدبىر قوللىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ھەمدە ئۇ دۆلەتلەرنى «تېز سۈرئەتلىك تونېل»غا كىرىپ ئەيدىزنى تۈگىتىشكە چاقىردى. ب د ت يىغىنىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت، شەخسىي تىجارەت ئورۇنلىرى ۋە جەمئىيەتتىكىلەردىن بولۇپ 500 ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى سىياسىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىرلەشتى.

«تېز سۈرئەتلىك تونېل» ئۇسۇلى نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزماقتا. 2016-يىلى 19 مىليون 500 مىڭ ئادەم، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى داۋالىنىشنى باشلىدى. 2005-يىلىدىن بۇيان ئەيدىز ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر سەۋەبىدىن قازا قىلىدىغانلار سانى يېرىمىغا يېقىن ئازايدى؛ 2010-يىلىدىن باشلاپ دۇنيادا يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلار نىسبتى %11 ئازايدى.

22.jpg

بىراق، نۆۋەتتە ئەيدىزگە قارىتا ئېلىنىۋاتقان ھەرىكەت قەدىمى 2030-يىلىدىن ئىلگىرى ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىش پىلانىغا يېتىشىشتىن خېلىلا ئارقىدا. بۇ جەرياننى تېزلىتىش، 2016-يىلى ماقۇللانغان «ب د ت نىڭ ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىش سىياسىي خىتابنامىسى»دىكى دۇنيا خاراكتېرلىك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا «تېز سۈرئەتلىك تونېل» سىتراتېگىيەسىنى قوللىنىشى كېرەك. ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىشتا سىياسىي رەھبەرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر قوللىنىش، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ھەمدە قايتىدىن دۇنياۋىي ئىتتىپاق تۈزۈش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش بۇ «كۈرەش»تە غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتى. يامان نامنى ۋە كەمسىتىشنى يوق قىلىش، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى تولۇق ئېتىراپ قىلىش سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى.

ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى مىچېل سىدېب: «رەھبەرلەر، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ» دېدى.

33.jpg

مۇسەۋەنى زۇڭتۇڭى ئافرىقىدا تۇنجى بولۇپ زۇڭتۇڭلار «تېز سۈرئەتلىك تونېل»دا مېڭىش تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى. ئۇ: «ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشسىلا كەلگۈسىدە ئەيدىزسىز ئافرىقا بەرپا قىلالايمىز. بىز بىر ئەۋلاد بىلەن ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى ئاخىرلاشتۇرالايمىز» دېدى.

پائالىيەت جەريانىدا نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر «تېز سۈرئەتلىك تونېل» ئۇسۇلىنىڭ ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلالايدىغانلىقى، ئىنسانلار ۋە سەھىيە سىستېمسى، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ سىجىل تەرەققىيات نىشانى ئافرىقا ۋە باشقا رايونلارغا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات رامكىسى ئىچىدە ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇگاندا خەلق ۋەكىلى جەكۋىلىن (Jacquelyne Alesi): «بىز چوقۇم <تېز سۈرئەتلىك تونېل>دا مېڭىشقا ۋەدە بېرىشىمىز، ئاخىرقى نۇقتىغا بارمىغۇچە قەدىمىمىزنى توختاتماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.

سۆز قىلغۇچىلار كۆپچىلىكنى سىياسىي رەھبەرلىك، دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ھەمدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەرپا قىلىش ئارقىلىق 2030-يىلىدىن ئىلگىرى ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، سەھىيە سىستېمىلىرىنىڭ رولىنى گەۋدىلىك جارىي قىلدۇرۇشقا، بۇ يولدا ئىلگىرلەش بىلەن بىرگە يەنە، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشنى يوق قىلىشقا چاقىردى. 

ناخشىچى ۋە ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ئاكتىپ قاتناشچىسى لاين (Line Renaud): « <بىز چوقۇم ئەيدىز كېسىلىنى مەغلۇب قىلالايمىز> دېمىدىم، بەلكى <كەلگۈسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلالايمىز> دېدىم. بۇ ھەرگىزمۇ خىيالىم ئەمەس، ئۇ مېنىڭ ھەقىقىي ئارزۇيۇم» دېدى.

44.jpg

نۆۋەتتە، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل پائالىيەتلەر كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا. بىراق، تېخى يۇقىرى پەللىسىگە چىققىنى يوق. ب د ت يىغىنى 2016-يىلى «ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىش سىياسىي خىتابنامىسى»نى ماقۇللىدى، ئەزا دۆلەتلەر 2020-يىلىغا بارغاندا دۇنيا ۋە رايون دائىرىسىدە «تېز سۈرئەتلىك تونېل» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىدى.

گىۋىنىيە زۇڭتۇڭى ئالفا كانت: «مەن دۇنيا خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ، ئافرىقىدىكى ئىككى مىليون ئىجتىمائىي رايون خىزمەتچىسىنىڭ تەشەببۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، شۇنداقلا بىزنىڭ سەھىيە سىستېمىمىزنى كۈچەيتىپ، دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.

سىۋېزىلاند پادىشاھى: «بىز ھازىر يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنى كونترول قىلىش رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز چوقۇم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، سىياسىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشىمىز، شۇنداقلا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

سېيشېل زۇڭتۇڭى دەننىي: «ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يوق» دېدى.

بوتسۋانا زۇڭتۇڭى MokgweetsiMasisi: «مەن ناھايىتى خۇشال ھالدا بوتسۋانانىڭ <90-90-90> نىشانىدا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلايمەن. چۈنكى بىز كۈچلۈك رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋەدىمىز بويىچە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى.

مالاۋى زۇڭتۇڭى ئارتور پېتېر مۇتارىكا: «بىز ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىش كۈرىشىگە بىرلىكتە قاتنىشىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق مەغلۇب بولىمىز. پەقەت ئورتاق بىر نىشاندا چىڭ تۇرساق، قەتئىي ئىرادىگە ئىگە بولساق ئەيدىزنى چوقۇم يوقىتالايمىز» دېدى.

55.jpg

زامبىيە زۇڭتۇڭى ئېدگار: «زامبىيەنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسى ئۇزۇن مۇددەتلىك» دېدى.

پاناما 1-خانىمى، ب د ت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسى لاتىن ئامېرىكىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە ئەلچىسى لورېنا كاستىللو: «بىز چوقۇم كەمسىتىشكە تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى قوللىنىشىمىز كېرەك. بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز لازىم» دېدى.

نامبىيە 1-خانىمى، ب د ت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسى ياش ئاياللار ۋە بالىلار ئالاھىدە تەشەببۇسچىسى مونىكا: «ياشلار بىزگە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ گېپىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئانا بىلەن دادىنىڭ مۇناسىۋىتى. چۈنكى بۇنداق مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى قوغداپ قالالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى قوغداپ قالالمايدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن جەمئىيىتىمىز مەغلۇب بولىدۇ» دېدى.

كوتى دى ئىۋۇئېر 1-خانىمى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىلانلاش مەھكىمىسى ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باش ئەلچىسى دومىنىك ئوتتارا: «تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرگە ئىلھام بېرىمەن. ھۆكۈمەت ۋە بىزنىڭ بارلىق شېرىكلىرىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك ھەمكارلىشىشى كېرەك. چۈنكى بىز بۇ كېسەلنى ھەمكارلىشىپ مەغلۇب قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

نىگېرىيە دۆلەتلىك ئەيدىزنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سانى: «نىگېرىيە 2030-يىلىدىن ئىلگىرى ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىش <تېز سۈرئەتلىك تونېل> نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ» دېدى.

جۇڭگو-ئافرىقا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ شياۋيوڭ: «بىز <تېز سۈرئەتلىك تونېل> ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئۇزۇن مۇددەت قوللاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

Yarp.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : 】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam