نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 5 سېكۇنتتىلا زەھەر چەككەن-چەكمىگەنلىكىنى بىلەلەيدىغان بارماق ئىزى ئەسۋابى

  • ئالىملار ئادەم تېرىسىگە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

  • ھىندىستاندا 43 مىڭ بىمارنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ قالدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

  • دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  • بىمارنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئازايتالايدىغان دورا ياساپ چىقىلدى

  • ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ ئۈمۈد نۇرى ئېھتىمال پات ئارىدا يىتىپ كېلىدۇ

5 سېكۇنتتىلا زەھەر چەككەن-چەكمىگەنلىكىنى بىلەلەيدىغان بارماق ئىزى ئەسۋابى

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-09-07كۆرۈلىشى :

1.jpg

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ زەھەر چەككەن چەكمىگەنلىكى ئۇنىڭ شۆلگىيى، سۈيدۈكى ياكى چېچى ئارقىلىق تەكشۈرۈلەتتى، ئەمما ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى كۆپ ھاللاردا ئاسانغا توختىمايتى. يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى بىر شىركەت بارماق ئىزى ئارقىلىق زەھەر چەككەن ياكى چەكمىگەننى تېز تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقىپ، بۇ ئىشقا بىر خىل قولاي تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى تەمىنلىگەن.

4.jpg

بارماق ئىزى توپلاش ئەسۋابى ۋە ئوقۇش قۇرۇلمىسى 
پۈتكۈل تەكشۈرۈش جەريانى ناھايىتى ئاددىي. كىشىلەر پەقەت قولىنى بۇ بەش بارماق ئىزىنى توپلاش ئۈسكۈنىسىگە بەش سېكۇنت قويسىلا، تەكشۈرۈش خادىملىرى بارماق ئىزىنى ئوقۇش قۇرۇلمىسىغا قويۇپ ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 10 مىنۇتتىلا بۇ ئادەم يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە زەھەر چەككەن چەكمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ. 
تەتقىقاتچىلار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئادەم زەھەر چەككەندىن كېيىن زەھەر تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار تەر ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ، بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بارماق ئىزىدىكى ئاز مىقداردىكى تەرنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، زەھەر چەككەن چەكمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.»
تەتقىقات شىركىتىگە نىسبەتەن، ئەنئەنىۋىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تېخنىكىنىڭ سېلىشتۇرغۇسىز ئۈستۈنلۈكى بار ئىكەن.
3.jpg
شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋالكېر 
شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋالكېر: «بىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ بارماق ئىزىدىن زەھەرنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئۇنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي. ئۇندىن باشقا ئەنئەنىۋى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى، مەسىلەن شۆلگەي ۋە سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بارماق ئىزىدىن تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ھەم نەپىس ھەم تەڭداشسىز» دېدى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تېخنىكا قوللىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ئىكەن.

2.jpg

شىركەت تەتقىقاتچىسى ياتېس 
شىركەت تەتقىقاتچىسى ياتېس: «بۇ تېخنىكا ئەسكەرلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە شوپۇرلارنى تەكشۈرۈشتە قوللىنىلسا بولىدۇ، شۇنىڭدەك زەھەر تاشلاتقۇزۇپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قوللايدۇ. يەنە خىزمەتچىلەرنى تەكشۈرۈش، شۇنىڭدەك ئۆلۈمنىڭ دەسلەپكى سەۋەبىنى تەكشۈرۈشتىمۇ ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تەكشۈرۈشلەر ھەر يىلى نەچچە مىليون قېتىم ئىشلىنىدۇ، شۇڭا بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ.» دېدى.

yyyyyyyyy.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】