نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 5 سېكۇنتتىلا زەھەر چەككەن-چەكمىگەنلىكىنى بىلەلەيدىغان بارماق ئىزى ئەسۋابى

  • ئالىملار ئادەم تېرىسىگە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

  • ھىندىستاندا 43 مىڭ بىمارنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ قالدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

  • دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  • بىمارنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئازايتالايدىغان دورا ياساپ چىقىلدى

  • ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ ئۈمۈد نۇرى ئېھتىمال پات ئارىدا يىتىپ كېلىدۇ

بىرمىدىكى ئەيدىز كەنتى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-08كۆرۈلىشى :

2012-يىلى 2-سېنتەبىر، بىرما رانگون ، يول بويىدىكى بىر ئەر كوچىدا ئۆزىگە خېرىدار تارتىۋاتقان جىنسىي مۇلازىمەتچىلەرگە قاراپ تۇرماقتا
   دورا باھاسىنىڭ كۈنسېرى چۈشۈشى ، ئېرىشىش يوللىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات رايونلاردىكى HIV ئەيدىز بىمارلىرىمۇ ياخشى داۋالىنىش شارائىتىگە ئېرىشتى . بىراق ، بىرما بۇنىڭ سىرتىدا .
   يېرىم ئەسىر سوزۇلغان ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا ، بىرما دۆلىتىنىڭ HIV ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇش سەۋىيەسى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلىلا ئارقىدا قالدى . غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن ئىقتىسادىي جازا بىلەن ھۆكۈمەت داۋالاش فوندىنىڭ كەملىكى ئەھۋالنى كۈنسېرى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى . شۇڭلاشقا ، بىرما دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ قالدى . ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بىرمىدا ھازىر تەخمىنەن 240 مىڭ HIV ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ ، جىددىي داۋالاشقا موھتاج نوپۇس 120 مىڭ ئىكەن ، بىراق ھازىر داۋالاش بايلىقىنىڭ كەمچىللىكىدىن ئاران 30 مىڭچە بىمار ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش داۋالىشىغا ئېرىشىۋېتىپتۇ . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ھەر يىلى 18 مىڭچە ئەيدىز بىمارى بۇ زېمىندا ئۆلۈپ كېتىۋېتىپتۇ .
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】