نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا خەۋەرلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز بىمارلىرى كېسىلىنى يوشۇرۇپ توي قىلسا قانۇن قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟

  • ئەيدىز بىلىملىرىنى قانچىلىك بىلىسىز‎؟ بالنىتسىدا يېتىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر

  • دۇنيا ئەيدىز كۈنى: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»

  • قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ زەھەر تۈردىشى ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش ھەققىدە

  • ئەيدىز ئەزەلدىن قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى بىلىمسىزلىك

  • ئۈرۈمچى ساقچىلىرى 2 كىلوگرام ناتاشانى قولغا چۈشۈردى

ئەيدىز ئەزەلدىن قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى بىلىمسىزلىك

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-01كۆرۈلىشى :

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۈ رۇيپىڭ
خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ  ناھىيىسى ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمى
«ئەيدىز كېسىلى» ۋە «پىل چىشى مۇنارى»، بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق، لېكىن ھازىر يۈز بېرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تارقىلىش تېزلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس! 
جۇڭگو كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2011 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدە 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ساپ ئوتتۇرىچە يىللىق ئېشىش نىسبىتى % 35 كە يەتكەن.
گۇاڭجۇ شەھىرى 2002 - يىلى تۇنجى قېتىم بايقالغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارى توغرىلىق دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئاللىقاچان 98 مەكتەپتە بۇ خىل كېسەللىك بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 80 پىرسەنت ئوقۇغۇچى ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق يۇقۇملانغان.  
چاڭشا يۆلۇ رايونى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2017 - يىلى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە بۇ رايوندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار 603 كىشىگە يەتكەن، بۇ رايونغا نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر توپلانغان بولۇپ، 2017 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلاردىن 106 سى بايقالغان.

ئالىي مەكتەپ ئەسلىدە ئىنتايىن پاكىزە جاي، ئۆگىنىش باغچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى، نېمە ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلى ئېغىر ئاپەت رايونى بولۇپ قالدى؟ نېمىشقا پاك پىل چىشى مۇنارى ئەيدىز كېسىلىنىڭ «ئۇۋىسى» غا ئايلىنىپ قالدى؟ قانداق كۈچ  «ئەيدىز»، «پىل چىشى مۇنارى» دىن ئىبارەت قارىماققا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىككى سۆزنى مەھكەم باغلىۋەتتى؟ ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نېمىشقا ھەممە كىشىلەر ئېنىق بىلىدىغان كېسەل ئالدىدا بۇنچە ئەقىلسىزلىق قىلىدۇ؟

بىرىنچى، ئوچۇق خاراكتېرلىك جىنسىيەت قارىشى ۋە كەمچىل بولغان جىنسىي بىلىم

ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپتە جىنسىي مۇناسىۋەتنى قوبۇل قىلالايدىغان كىشىلەر توپى %73.4 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار %90.12 نى، قىزلار %60.75 نى ئىگىلەيدىكەن.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىش ئۆلچىمى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كىشىلەرنىڭ جىنسىي تېمىدىكى  پاراڭلار بىلەن جىنسىي ھەرىكەتنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جىنسىيەت كۆز قارىشى ۋە جىنسىي ھەرىكەتنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق خاراكتېرنى ئىپادىلەپ ۋە ئومۇملىشىپ، جىنسىي تېمىدىكى  پاراڭلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئاشكارا پاراڭغا ئايلىنىپ، ياتاق پاراڭلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى، نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئاپتوماتىك بىخەتەرلىك قاپچۇقى سېتىش ماشىنىسى تەسىس قىلىندى، ھەتتا مەكتەپ ئەتراپىدىكى «كۈنلۈك ياتاق»، «سائەتلىك ياتاق» لارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى بولسا توشۇپ كېتىدىغان بولدى.

2015 - يىلى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، ۋۇخەن، شىئەن قاتارلىق 34 شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەر - ئايال، يىللىقلار بويىچە تۈرگە ئايرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە : تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا % 60.5 ى جىنسىي ئازادلىق، جىنسىي ئەركىنلىكنى قوبۇل قىلىدىكەن، % 67.1 ى تويدىن بۇرۇن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئاز كەم % 70 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نىكاھسىز بىرگە تۇرۇش قىلمىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن. دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش 13 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىغان بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 25 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، ستۇدېنتلار ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ «ئاساسى كۈچى» بولۇپ قالغان، بەزى خۇسۇسىي دوختۇرخانىلار ھەتتا «ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى» گە يېرىم باھادا ھامىلە چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چىقارغان.

ئىجتىمائىي ئىدىيە ئازاد بولدى، لېكىن جىنسىيەت تەربىيىسى بۇنىڭغا يېتىشەلمىدى، جۇڭگولۇقلار جىنسىيەت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، ھەمىشە ئېغىزىدىن چىقىرىشتىن خىجىل بولىدۇ، ئاتا - ئانىلار ۋە مەكتەپ ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنسىيەت تەربىيىسىگە سەل قارايدۇ، نۇرغۇن ياش - ئۆسمۈرلەر بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىۋالىدۇ، ئىلگىرى بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، ئالاقە تورى، كىتاب، ژۇرنال ۋە ئوخشاش ياشتىكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش جىنسىيەت جەھەتتىكى بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق يولى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇن ئوغۇللار ئالاقە تورى ئارقىلىق، شەھۋانىي ماتېرىياللار ئارقىلىق  جىنسىي بىلىملەرنى چۈشىنىدىكەن. لېكىن تورىدىكى شەھۋانى مەزمۇنلار سۇپىسى ۋە فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتىنىڭ خاتا يېتەكلىشى سەۋەبىدىن، ئۇلاردا خاتا بولغان جىنسىيەت قارىشى پەيدا بولىدىكەن، يۇقىرىقى خەۋەردىكى پاجىئەنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن، كۆپچىلىك ۋە ھەر بىر كىچىك ئائىلە ئورتاق ئەھمىيەت بېرىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تارقىلىش يولى ۋە جىنسىي جەھەتتىكى تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، بۇ خىل تىراگىدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، جىنسىي بىخەتەرلىك بىلىملىرى كەمچىل ، ئۆزىنى توغرا قوغداشنى بىلمەسلىك
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىنسىي قارىشى، جىنسىي پسىخولوگىيىسى، جىنسىي مۇناسىۋىتى ئېچىۋېتىشكە يۈزلەندى، ئەمما جىنسىي بىلىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چېڭدۇ شەھەرلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئىلگىرى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تەخمىنەن % 95 تىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئەيدىزنى ئۆزلىرىدىن ناھايىتى يىراق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، % 90  ئوقۇغۇچىنىڭ ھەتتا ئۆزىنىڭ مەكتىپىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار مەۋجۇت بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بىر ھېسسىيات ئەپ دېتالىدىكى 30 مىليون ئابونتقا ( بۇنىڭ ئىچىدىكى %36 ى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ) قارىتىلغان تەكشۈرۈش ۋە 20 مىڭ نۇسخا تور تەكشۈرۈشى ۋە تېلېفون زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە %50 ى ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمايدىكەن، %17.29 ئوغۇللار «ئىسپېرمىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش» تىن ئىبارەت ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن، 14 قىسىم كىشى بىخەتەر مەزگىلدە تەدبىر قوللانمىسىمۇ بىخەتەر بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا قارىغاندا، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە شەكىللەنگەن «پەسىل خاراكتېرلىك» ھامىلە چۈشۈرۈش يۇقىرى دولقۇنىدا، دوختۇرخانىغا كەلگەن كۆپىنچىسى گۆدەكلىكىنى يوقاتمىغان كىچىك قىزلار ئىكەن.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر توپ جۇشقۇن، ھورمونى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەر توپى، نورمال جىنسىي تۇرمۇشى بولۇشىمۇ ئەيىب ئەمەس، لېكىن ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئېچىۋېتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ جىنسىيەت قارىشى كۈنسېرى ئازاد بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك، قالايمىقان خاراكتېرلىك، ئوخشاش جىنسلىق ھەر خىل قىلمىشلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، بىراق ئۇلار بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى قوللانمىسا، HIV  بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى.
2011  ـ يىلىلا، مائارىپ مىنىستىرلىقى سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، «مەكتەپلەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقىتىپ، 2015 – يىلىغا بارغاندا، ئەيدىز بىلىملىرى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئالىي مەكتەپلەردە %100 قانات يايدۇرۇپ ، % 90 تىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. ھالبۇكى مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھازىرغىچە  نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە، بۇ سىياسەتنىڭ پەقەت قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، دەل ئالىي مائارىپنىڭ «تىلى تۇتۇلۇپ قېلىش» ى سەۋەبلىك، ئوقۇغۇچىلار چوڭلار جەمئىيىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچراشقاندا، زۆرۈر بولغان ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كەمچىل بولغاچقا، ئاخىرقى ھېسابتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
سۇنىڭ يار ئېلىشى ئاسان، توسۇش قىيىن، ھورمونى ئۇرغۇپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن توسۇيمەن دەپ ئورۇنسىز كۈچىگەندىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالىشى ئۈچۈن، بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.

ئەيدىز كېسىلى دېگەن نېمە؟

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك سىندرومى». ئۇ بولسا ئەيدىز ۋىروسى يەنى ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى ( HIV )  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، يامان خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل.
HIV بىر خىل يەككە زەنجىرلىك RNA ۋىرۇسى، ئەكسىگە قايتقۇچى ۋىروس ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، سوزۇلما زەھەر ئۇرۇقدىشى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى، ئىسپىرمىسى، جىنسى يول ئاجىرالمىلىرى، سۈتى، مېڭە - يۇلۇن سۇيۇقلۇقى، نېرۋا كېسەللىك ئالامىتى بار مېڭە توقۇلما سۇيۇقلۇقىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قان، ئىسپىرما، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدىكى قويۇقلۇقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى باشقا ھەرقانداق بىر خىل ۋىرۇسنىڭ گېنىدىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى مەخسۇس ئادەم بەدىنىنىڭ قوشۇمچە T لىمفا ھۈجەيرىسى سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھامان ۋىرۇس ھۈجەيرە بىلەن بىرلىشىپ، بىر ئۆمۈر تازىلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى قورقۇنچلۇق ھېس قىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ تارقىلىش يولى، يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقۇملانغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن، بىر قاتار كېسەللىكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ، ھەر خىل يۇقۇملىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ رىۋايەتلەردىكى «بورېننى مەن ئۆلتۈرمىدىم، لېكىن بورېن مەن سەۋەبلىك ئۆلدى» دېگەن ھېكايىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش بولۇپ، سىزگە ئۆلۈمنىڭ تەمىنى ئاستا – ئاستا تېتىتىدۇ!
نۆۋەتتە تېخى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ۋاكسىنا تېپىلمىدى، بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا ياكى ئۇسۇلمۇ يوق.
گەرچە ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بالدۇر ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بارسا، كېسەللىكنى ياخشى كونترول قىلىپ، كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ بەدەندە يامراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملۇق خۇسۇسىيىتىنى زور دەرىجىدە تۈگىتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ساغلام كىشىلەرگە ئوخشاش، جەمئىيەتكە ئەركىن ئارىلىشىپ، ئائىلىگە سىڭىپ كىرگىلى بولىدۇ.

قانداق كىشىلەر HIV نى تەكشۈرتۈشى كېرەك؟ 
1. چوقۇم تەكشۈرتۈشكە تېگشلىك ئادەملەر: دۆلىتىمىز نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن، ھامىلىدار - تۇغۇتلۇق ئاياللار، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن، جاراھەت پەيدا قىلىدىغان تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن ۋە قان تەقدىم قىلغۇچىلار، قان سالدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى  HIV  ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ بېكىتكەن.
2. HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بولغانلار.
3.HIV بىلەن ئاشكارا ئۇچراشقۇچىلار (مەسىلەن، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر، شپىرىس يىڭنىسى يارىلاندۇرغانلار).
4. قان بېرىش تارىخى بارلار، مۇنتىزىملاشمىغان داۋالاش ئورۇنلىرىدا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈشنى ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلغان تارىخى بارلار، يەنە ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىدىن يۈكسەك دەرىجىدە گۇمان قىلىدىغانلار.
5.HIV  يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
( 1 ) ئەر ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلىشىدىغانلار ياكى قوش جىنسىلىق مۇھەببەتلىشىدىغانلار.
( 2 ) باشقىلار بىلەن ئورتاق شپىرىس، ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىپ زەھەر چەككۈچىلەر.
( 3 ) ۋىرۇس تەكشۈرۈشى قىلىنمىغان قان، قان پلازمىسى ياكى قان ياسالمىسىنى سالغۇچىلار.
( 4 ) جىنسىي ھەمراھى كۆپ كىشىلەر توپى
( 5 ) جىنسىي ھەمراھىHIV  بىلەن يۇقۇملانغانلار، قوش جىنىسلىق مۇھەببەتلىشىدىغانلار ياكى زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ چېكىدىغانلار.
( 6 ) HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ھالىتى نامەلۇم بولغانلار، قوغداش تەدبىرى قوللانماي جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار.
HIV نى تەكشۈرتۈش ئۇسۇلى:
1. مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ياكى ھەر قايسى يەرلىك كېسەللىكنى تىزگىنلەش مەركىزى (يۇقۇمدىن ساقلىنىش پونكىتى) گە بېرىش كېرەك : شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈشى ھەقسىز، لېكىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىۋېلىش كېرەك، ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا نەتىجىسى چىقىدۇ.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرتۈشتە، چوقۇم دۆلەت تەستىقلىغان ئەيدىز تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرتۈش كېرەك، ئۇ يەردىكى خادىملارنىڭ ساپاسى، تېخنىكا سەۋىيىسى، ئەسۋاب - ئۈسكۈنە ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تەجرىبە دورىلىرى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەمدە قاتتىق مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى بار، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىغا ھەمدە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 
2. ئەيدىزنى تەكشۈرۈش سىناق قەغىزىنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش : تەكشۈرتۈشتىن خىجىل بولىدىغان ياكى تونۇشلارنىڭ ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقىدىغان  كىشىلەر ئۈچۈن، ئەيدىز تەكشۈرۈش سىناق قەغىزىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، HIV  كەسپىي تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىناق قەغىزى تېز دىئاگنوز قويۇش سىناق دورىسىغا تەۋە بولۇپ، ئاساسلىق ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈش سىناق قەغىزىنى توردىن سېتىۋېلىپ، ئۆيدە ئۆلچىسە بولىدۇ. ھەمدە ئەنئەنىۋى قان تەكشۈرۈشتىن باشقا، ھازىر چىش مىلىكىدىن چىققان سىرغىما سۇيۇقلۇق ۋە سۈيدۈك ئارقىلىقمۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئالاھىدە سەزگۈرلۈك ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، 15 مىنۇتتا نەتىجىسى چىقىدۇ، توغرا ئىشەنچىلىك، مەشغۇلاتى ئاددىي، ئۆزى مەشغۇلات قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ  خىل ئۇسۇل ئۆزىنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولغاچقا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى شەخسىي تەكشۈرۈش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردى.
ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى ئاددىي :
1. ئۆزىنى قەدىرلەش، ياخشى جىنسىي ئەخلاقنى ۋە جىنسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، بۇ جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر.
2. خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، شپىرىس يىڭنىسى يارىلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئارقىلىق HIV بىلەن ئاشكارا ئۇچرىشىش تارىخى  بارلار بالدۇرراق ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق  HIVبىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، ئەڭ ياخشىسى ئاشكارا ئۇچراشقاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە قانات يايدۇرۇش كېرەك، ئۈچ خىل ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش، ھەمدە ئۇدا 28 كۈن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئاشكارا ئۇچراشقاندىن كېيىن 72 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇسۇل تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
3. ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن زەھەر چېكىشتىن ئەيدىز تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، بىر تەرەپتىن زەھەر چەككۈچىلەر ئوكۇل يىڭنىسىنى دائىم تەكرار ئىشلىتىدۇ ياكى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يېڭى تىپتىكى بىرىكمە خىمىيىلىك زەھەر دەۋرىدە، ئۇنىڭ توپ چېكىش ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا، ئاسانلا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بېرىدۇ، يەنە ئاياللارنىڭ زەھەر چېكىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقاچقا، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىپ زەھەر چېكىشنى قامدايدىغان ۋە ھەمراھ بولۇپ زەھەر چېكىدىغان ھادىسىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ خىل پاكىز بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن ئەيدىز توپى بارغانسېرى زورىيىپ بېرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بەزى ئاياللار زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولسا، بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ياكى تۇغۇت ۋاقتىدا تۇغۇت يولى ئارقىلىق ۋە ياكى بالا ئېمىتىش ئارقىلىق ھامىلە ياكى بوۋاققا يۇقۇپ، ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ.
4.بىھۇدە ئوكۇل ئۇرغۇزۇش، قان سېلىش ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، مۇنتىزىم داۋالاش _ سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، ئوكۇل ئۇرغۇزۇش، قان سېلىش ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
5. باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋابلار بىلەن بەدەن چەكمىسى، قاش، قاپاق قاتارلىقلارنى چەكتۈرمەسلىك، قۇلاق تەشتۈرمەسلىك كېرەك.
6. سۈپىتى لاياقەتلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش، جىنسىي كېسەلنى بالدۇر داۋالاش ھەمدە ساقايتىش ئارقىلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىش خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
7. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش داۋالىشىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاقتىدا ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالاپ، تۇغۇتتا زەخىملىنىش خاراكتېرلىك مەشغۇلاتنى ئازايتىپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ھامىلە بىلەن بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
8. ئەيدىز ھەققىدە ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى بالدۇر بايقاشتىكى مۇھىم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.
9. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش، كەمسىتمەسلىك، ئۇلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.
10. ئەيدىز داۋالاش سەھىيە مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر بىر ئادەم ۋە ھەر بىر ئائىلىگە تەھدىت سالماقتا، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.
ئىزاھات: ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك خاتا چۈشەنچىلەرنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك

خاتا چۈشەنچە 1:
HIV  ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ
HIV  يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى، ئەيدىز كېسىلى دېگىنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى.
ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 10 – 2  يىلغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋەيران قىلىنىپ، ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىپ، يۇقۇملىنىش، ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

خاتا چۈشەنچە 2:
پاشا – قۇرۇتلار چېقىۋالسا ئەيدىز كېسىلى تارقىلىدۇ
ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەقەت ئۈچ خىل يول يۇقۇش يولى بار: جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش، قاندىن يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش. 
ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا تۆۋەندىكى كۈندىلىك ھەرىكەتلەردىن HIV يۇقمايدۇ : 
قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، سۆيۈش قاتارلىق قائىدە - يوسۇنلۇق ئۇچرىشىش؛
ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش، مەسلەن ھاجەتخانا، سۇ ئۈزۈش كۆلى، مۇنچا، كوچا ئاپتوبۇسى قاتارلىقلار؛ 
پاشا، چىۋىن، سۈۋەرەك قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ چېقىشى.

خاتا چۈشەنچە 3:
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئەيدىز ۋىرۇسىنى توسالمايدۇ
تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشچە، ئەرلەر ئېمۇلىسيەلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەتسە، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇھاپىزەت قىلىش نىسبىتى 85 % تىن ئاشىدىكەن. سۈپىتى ياخشى، مۇنتىزىم زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ۋىرۇسنى پۈتۈنلەي ئۈنۈملۈك توسۇپ، جىنسىي ھەرىكەتنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

خاتا چۈشەنچە 4:
ئىككى تەرەپلا HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىسىمۇ بولىدۇ
ئەگەر ئىككى تەرەپلا HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىخەتەرلىك قاپچۇقى تاقاش ئارقىلىق باشقا يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە باشقا تىپتىكى HIV ۋىرۇسى بىلەن  يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەگەر ۋىرۇس بىلەن ۋىرۇس ئوتتۇرىسىدا قايتا تەشكىللەش يۈز بەرسە، بەلكىم تېخىمۇ زور خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

خاتا چۈشەنچە 5:
HIV  بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالىلىق بولسا بولمايدۇ 
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش تەدبىرى ئارقىلىق،  ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتىنى % 5 تىن تۆۋەن قىلغىلى بولىدىكەن. بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا تارقىلىش نىسبىتى 2 % تىنمۇ تۆۋەنرەك سەۋىيىگە يەتكەن.
HIV بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر دوختۇر بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، توغرا بولغان دورا ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلسا، ھامىلىنىڭ HIV غا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالىنى ئانا سۈتى بىلەن باقسا ئەيدىز ۋىرۇسىنى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن.

خاتا چۈشەنچە 6:
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامان ئۆلۈمگە ئاز قالغان بولىدۇ
ئوخشاش بولمىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرىدە قىسقىغىنە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە كېسەللىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بەزى كىشىلەر بولسا HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرۈپمۇ نەچچە ئون يىل تۇرمۇش كەچۈرەلىشى، ھەتتا كۆزلىگەن ئۆمرىگىچە ياشىيالىشى مۇمكىن.
دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك داۋالاتسا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەندىكى تەرەققىياتىنى تىزگىنلەپ، كېسەل قوزغىلىش  ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

خاتا چۈشەنچە 7:
ئوخشاش جىنىسلىقلار = ئەيدىز
ئەيدىز ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئەر ئەر ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەر ئەر ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنىڭ  جىنسىي مۇناسىۋەت ئالاھىدىلىكى ئاسانلا شىللىق پەردىسىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
لېكىن بۇ ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر چوقۇم ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەمما ھەمجىنىسلارغا نىسبەتەن زىيادە تەشۋىشلىنىش ۋە چەتكە قېقىش قوش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنىڭ يوشۇرۇن خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

خاتا چۈشەنچە 8:
خەتەرلىك ھەرىكەتتىن كېيىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ
HIV تەتۈر كۆچۈرۈلگەن ۋىرۇسقا تەۋە، شىللىق پەردە، جاراھەت قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ ئادەمنىڭ قېنىغا كىرىپ، HIV دىن يۇقۇملىنىشقا يەتتە باسقۇچ كېتىدۇ، بۇ يەتتە باسقۇچتىكى مەلۇم بىر باسقۇچنى توختاتسىلا، HIV  بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن VIH بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلار ياكى ئۇلار بىلەن ئورتاق شپىرىس، ئوكۇل يىڭنىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەنلەر، ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئىشلىتىپ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، ئۈنۈملۈك توسۇش ۋاقتى خەتەلىك جىنسىي ئالاقە قىلغاندىن كېيىنكى 72 سائەت، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى «ئىشتىن كېيىنكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى» قىلىۋالماسلىق كېرەك.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam