نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا خەۋەرلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز بىمارلىرى كېسىلىنى يوشۇرۇپ توي قىلسا قانۇن قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟

  • ئەيدىز بىلىملىرىنى قانچىلىك بىلىسىز‎؟ بالنىتسىدا يېتىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر

  • دۇنيا ئەيدىز كۈنى: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»

  • قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ زەھەر تۈردىشى ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش ھەققىدە

  • ئەيدىز ئەزەلدىن قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى بىلىمسىزلىك

  • ئۈرۈمچى ساقچىلىرى 2 كىلوگرام ناتاشانى قولغا چۈشۈردى

قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ زەھەر تۈردىشى ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش ھەققىدە

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-01كۆرۈلىشى :

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش بولسا بىخەتەر قان سېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىمۇنېتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى (HIV) يۇقۇمىنىڭ يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەردىن نورمال كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قان پونكىتلىرىدا ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلىرىنىڭ HIVدىن يۇقۇملىنىشى يېلسىرى ئۆرلىمەكتە. گەرچە قان تەكشۈرۈش تېخنىكىلىرى ئۈزۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان، قان بىخەتەرلىكى ئومۇمىي سەۋىيەسىدە ئۆرلەش كۆرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ۋىرۇس يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى «دېرىزىلىك مەزگىل»دۇنيادىكى قېيىن مەسىلىگە ئايلانماقتا. قان سېلىش ئارقىلىق ۋىرۇس تارقىلىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇد بولماقتا.

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا قارىتا ئالتە يىلغا يېقىن (2009-2014) 236 نەپەر قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ HIV مۇسبەت ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى كىشىلەرنىڭ HIV دىن يۇقۇملىنىشى ئامېرىكىنىڭ باشقا جايلىرىدىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەر يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇملىنىش يولى ھەر ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بولغان. داۋاملىشىشچان قان تەكشۈرۈش ھەمدە يۇقۇملانغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش يەنىلا قان بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر ھېسابلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزمۇ HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان، يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر بارغانسېرى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان باسقۇچتا تۇرماقتا. كىلىنىكىنى بىخەتەر قان بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ HIV يۇقۇم ئەھۋالى، كەنجى گۇرۇپپا تارقىلىشى ۋە ئېرسىيەت ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر. مەزكۇر رايوندىكى تارقىلىشچان زەھەر تۈردەشلىرى، مەنبەسى ۋە كىشىلەر توپىنىڭ تارقىلىشىنى ئىگەللەش كېرەك. تەتقىقات نەتىجىسى قان تەقسىم قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى HIV  يۇقۇملانغۇچىلىرى HIVنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى ۋە يۈزلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەنئەنىۋى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەكشۈرۈشى دۆلەت ئىچىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ HIVيۇقۇملىنىش تەتقىقاتىدا قوللىنىلدى. بىراق بۇ پەقەت ماكرو سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەزكۈر كىشىلەر توپىدىكى HIVيۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلالايدۇ.

1. كەنجى گۇرۇپپاCRF01-AE يەككە تارماقلارغا بۆلۈنۈشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسلىقى Cluster4, Cluster5 بار. بۇ MSM  كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش تۈپى ھېسابلىنىدۇ.

2.كەنجى گۇرۇپپا CRF07-BC يەككە تارماقلارغا بۆلۈنۈشنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپلىگەن كەنجى تىپ توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەمجىنسلار توپى بىلەن زەھەر چەككۈچىلەر توپى بىلەن باراۋەر مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭدەك msm يەككىسىنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتى %90.9 نى ئىگەللەيدۇ.

3.دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭى خەۋەرلىرىدە ھەمجىنىسلاردىكى CRF5-01B, CRF59-07B, CRF65-01B, CRF65-VPX قاتارلىق يېڭى تىپتا قايتا گۇرۇپپىلانغان زەھەر تۈردىشى مەزكۇر تەتقىقاتتا ئاساسەن بايقالدى.

ئاساسىي يەكۈن:

1. قان تەقدىم قىلغۇچىلاردىكى HIV تارقىلىشچان زەھەر تۈردىشىنىڭ كۆرۈلۈشى كۆپ خىللىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. يېقىندىن بۇيان خەۋەر قىلىنىۋاتقان يېڭى تىپتىكى قايتا گۇرۇپپىلانغان زەھەر تۈردەشلىرى بايقىلىپ، قان تەكشۈرۈش تېخنىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلدى.

2.ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاساسلىق تارقىلىش Cluster4  بىلەن  Cluster5 توپى بولسا قان تەقدىم قىلغۇچىلاردىكى HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۈچ زەھەر تۈردىشى بولىدۇ.

3.تارقىلىشچان زەھەر تۈردىشىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى MSM كىشىلىرى توپىدىن كېلىدۇ. شۇڭا قان ئالغۇچى خادىملار خىزمەت جەريانىدا بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىش، شۇنىڭدەك قان تەقدىم قىلىش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيە خىزمىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam