نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا خەۋەرلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز بىمارلىرى كېسىلىنى يوشۇرۇپ توي قىلسا قانۇن قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟

  • ئەيدىز بىلىملىرىنى قانچىلىك بىلىسىز‎؟ بالنىتسىدا يېتىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر

  • دۇنيا ئەيدىز كۈنى: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»

  • قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ زەھەر تۈردىشى ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش ھەققىدە

  • ئەيدىز ئەزەلدىن قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى بىلىمسىزلىك

  • ئۈرۈمچى ساقچىلىرى 2 كىلوگرام ناتاشانى قولغا چۈشۈردى

دۇنيا ئەيدىز كۈنى: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-01كۆرۈلىشى :

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ 30 يىللىقى.

بۇ يىلقى 31 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ باش تېمىسى« ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىش» قىلىپ بېكىتىلگەن .

ئېلىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئەيدىز تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى بولسا« تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش،  ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ».

1988 - يىلدىن بۇيان، پۈتۈن يەرشارىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلدى.   لېكىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك، بىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش يولىدا ماڭىدىغان مۇساپىمىز تېخى ئۇزۇن. بۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى تېخى بىلمەيدىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاش ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا  ئەلا بولغان ساقلىقنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشگە قارشى داۋالاشقا ۋە بارلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساغلام  باياشات، ۋە خۇشال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا  ئىنتايىن مۇھىم.

يەنە بىر تەرەپتىن،  ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش 90-90-90 نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىنى تاللاش ئىقتىدارى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم .ئۆزىنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالنى بىلىش ھەمدە ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىش، كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆزىنى  ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى 2013 - يىلى 90-90-90 نىشان ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى 2020 - يىلىغا بارغاندا ،  يۇقۇملىنىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان % 90 ئادەمگە توغرا  دىئاگنوز قويۇش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان % 90 ئادەمنى ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. زەھەر ئادەم قوبۇل قىلىدۇ،  ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلىشىگە قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان% 90 ئادەمنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولدى. تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھازىر ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلگەن؛ ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىدىغانلار ئىچىدە ، 2017 - يىلى % 79 ئادەم داۋالاشنى قوبۇل قىلغان.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،  ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدە يەنىلا نۇرغۇن توسالغۇلار مەۋجۇت.

بۇنىڭ ئىچىدە، يامان نام قويۇش ۋە كەمسىتىش كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتكىلى بېرىشىغا  توسقۇنلۇق قىلىدۇ.  شەخسىي سىرى قوغدالغان ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈشكە قانداق ئېرىشىش يەنىلا بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە.

بۇ توسالغۇ مەۋجۇت بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاغرىپ قالغاندىلا ۋە ( ياكى ) كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن  ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتكىلى بارىدۇ.

ھاقارەتلەش ۋە كەمسىتىش يەنىلا مەۋجۇت

ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى، قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار،  ئادەم ئىشلەتكۈچى خوجايىنلار، ئاتا ئانىلار، دىنىي داھىيلار ۋە مەھەللە ئەزالىرىنىڭ كەمسىتىشى ياشلارنى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋە ھالقىلىق كىشىلەر توپىنى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە باشقا جىنسىي ساغلاملىق، كۆپىيىش ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشكە ئامالسىز قالدۇرىدۇ.

19 دۆلەتتىكى، بەشتىن بىر تەكشۈرۈپ جاۋاب بېرىشكە قاتناشتۇرۇلغان بەشتىن بىر قىسىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جاۋاپ دوكلاتىدا ئاشكارلىشىچە، ئۇلار  ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلمىگەن، يەنە بەشتىن بىر قىسىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار  ئەيدىز  بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن يامان نامغا قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ ياكى كەمسىتىلشكە ئۇچراشتىن قورقۇش تۈپەيلى ساقلىنى ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋالىنالمىغان. سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن 13 دۆلەت ئىچىدە ، بەش دۆلەتتىكى 40 % دىن ئارتۇق ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇماسلىقى كېرەك دەپ قارايدىكەن.

خۇشاللىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن يېڭى ئۇسۇللار ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەسىرچانلىقى كېڭەيتمەكتە.

مەسىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى ئۆزى تەكشۈرۈش، مەھەللىنىڭ تەكشۈرۈشى شۇنىڭدەك كۆپ خىل كېسەللىك ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى  كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ.

ھازىرقى باسقۇچتا، بىز چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز قەتئىي ھالدا سىياسىي ئىستەك ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ،  يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئەيدىز ۋىرۇسى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز ۋە كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

بۇ قېتىمقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىبىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈڭ

ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ھەم ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىۋاتقان بارلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىش.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam