نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا خەۋەرلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز بىمارلىرى كېسىلىنى يوشۇرۇپ توي قىلسا قانۇن قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟

  • ئەيدىز بىلىملىرىنى قانچىلىك بىلىسىز‎؟ بالنىتسىدا يېتىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر

  • دۇنيا ئەيدىز كۈنى: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»

  • قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ زەھەر تۈردىشى ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش ھەققىدە

  • ئەيدىز ئەزەلدىن قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى بىلىمسىزلىك

  • ئۈرۈمچى ساقچىلىرى 2 كىلوگرام ناتاشانى قولغا چۈشۈردى

ئەيدىز بىلىملىرىنى قانچىلىك بىلىسىز‎؟ بالنىتسىدا يېتىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-01كۆرۈلىشى :

 

1. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى باققۇچىسى ئۇنىڭ  ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،  كىر قاتلىرىنى يۇيۇش،  تەرىتىنى تۆكۈش ۋە بەدىنىنى سۈرتۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاندا ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟

بىمارنىڭ تەرىتى، بۇرۇن ئاجرالمىلىرى، شۆلگەي، بەلغەم، تەر، كۆز يېشى، سۈيدۈكى ۋە قۇسۇقلىرى ئادەتتە يۇقۇمچانلىققا ئىگە ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. لېكىن بىمارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىگە بىمارنىڭ قېنى يۇقۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار بۇنىڭغا ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، مۇۋاپىق بولغان قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، بىمارلار تەرىپىدىن بۇلغانغان بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلغاندا پەلەي كىيىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

2.ئەيدىز بىمارلىرى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، بىمارنىڭ باققۇچىسى قانداق مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك‎؟

HIVنىڭ تارقىلىش يوللىرى بولسا قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىقلار. ئەگەر بىمار ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارمىغان ياكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى يۇقىرىراق بولغاندا، قارىغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا خەتىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى بىمارنىڭ قېنى، شۇڭا بىمارنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقان چاغدا قولغا رېزىنكە پەلەي كىيىش ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن : موچىن ياكى پولىئېتىلېنلىق سۇلياۋ پەلەي كىيىپ ئاندىن بىرتەرەپ قىلىش كېرەك .ئادەتتە بىمارنىڭ تەرىتى، بۇرۇن ئاجرالمىلىرى، شۆلگەي، بەلغەم، تەر، كۆز يېشى، سۈيدۈكى ۋە قۇسۇقى قاتارلىقلار يۇقۇمچانلىققا ئىگە ئەمەس دەپ قارىلىدۇ، لېكىن قارىغۇچىغا مۇۋاپىق مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، بىمارنىڭ بۇلغانغان بۇيۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا پەلەي تاقاش. بىمارلار تۇرمۇش ۋە تازىلىق لازىمەتلىكلىرىنى، مەسىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىقلارنى ئايرىم ئىشلىتىشى كېرەك. ئەگەر بىمارلاردا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى، مەسىلەن، تۇبېركۇليۇز قاتارلىقلار بولسا چوقۇم ماسكا تاقىشى كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، HIV تەرىپىدىن بۇلغانغان ئوكۇل بۇيۇملىرى سانجىلىپ  يۇقۇملىنىش نىسبىتى % 0.33 بولۇپ،   ئېچىلىپ قالغان شىللىق پەردىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى % 0.09، تېرىدە يارا بولۇش، ئېچىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا HIVدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدۇ.ئەگەر بىمارغا قارىتا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ، ۋىرۇس مىقدارى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان تەقدىردىمۇ، گەرچە ئۇنىڭ يۇقۇمچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، قارىغۇچىغا مۇۋاپىق بولغان مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. بىمار بالنىتسدا ياتقان مەزگىلىدە پىسخىكا سەۋيىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا،  بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا،  ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىش،  بىمارنىڭ پسىخىك بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، زىيادە كۆپ بولغان مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللانماسلىق كېرەك.

3.ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە باققۇچىلار ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يارا ئېغىزىنى تازىلاپ، ئاسرىغان ۋاقتىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك ؟

ئەيدىز قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ، يىڭنە قاتارلىق داۋالاش بويۇملىرى ئارقىلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرى تەخمىنەن % 0.33،  ئېچىلىپ قالغان شىللىق پەردە ئارقىلىق تارقىلىشى تەخمىنەن % 0.09، ساغلام بولمىغان تېرە ئارقىلىق يۇقۇملىنىش  نىسبىتى تېخى ئېنىق ئەمەس.  بىمارنىڭ يارىسىنى پەرۋىش قىلغاندا ئۆزىنىڭ تېرىسىنىڭ ساق بولۇشىغا، تېرىسىدە يارا بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئائىلىدە رېزىنكە پەلەي ۋە ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ( مەسىلەن ، خلورلۇق ھاك قاتارلىقلار ) قاتارلىقلارنى تەييار قىلىپ قويۇش، بىمارنىڭ بۇيۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا پەلەي كىيىش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا قوغدىنىش كۆزئەينىكىنى تاقىۋىلىش، جاراھەتنى ئوبدان تېڭىش، بۇلغانغان بۇيۇملارنى ٪ 0.1 لىك ئاقارتىش پاراشوكى ئېرىتمىسىگە 60 مىنۇت چىلاپ قويۇش كېرەك. بىمارنىڭ كىيىم - كېچەك، ئورۇن - كۆرپىلىرى، بولۇپمۇ ئاسانلا بىمارلارنىڭ قېنى ۋە ئىسپېرمىسىدىن بۇلغىنىدىغان ئىچ كىيىملىرىنى يۇغاندا، ئاۋال بىر قوشۇق ئاقارتىش پاراشوكى ئېرىتمىسىگە 30 مىنۇت چىلاپ قويۇپ ئاندىن يۇيۇش كېرەك. قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇيۇملار ئەگەر قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بۇلغانغان بولسا، ئاقارتىش پاراشوكىغا چىلاش ياكى سۈرۈتۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. بىمارنىڭ تۈكۈرۈك قاچىسى ۋە تەرەت قاچىسى قاتارلىقلارنى 500mg/Lلىق  ئاكتىپ خلور ئېرىتمىسىگە چىلاپ، چوتكىلاپ يۇيۇش؛ پول، تەكچە، تازىلىق ئۆيىنى % 0.1 لىك ئاقارتىش پاراشوكى ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇش. بەزى يارا ئېغىزىنى  قانداق پەرۋىش قىلىشنى بىلمىسە  دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

4.تېببىي خادىملار كېسەل ئۆيلىرىنى تەكشۈرگەندە ياكى مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش مەشغۇلاتى قىلغاندا نېمىشقا ماسكا، پەلەي تاقاپ قوغدىنىش كىيىمى كىيىۋالىدۇ بەزىدە ھەتتا قوغدىنىش نىقابى تاقىۋالىدۇ ؟ — بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتكەنلىكمۇ؟

تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە پىرىنسىپى بولسا، قوش يۆنىلىشلىك مۇداپئەلىنىشنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەملىك ئالدىنى ئېلىش، كىلىنىكىدا داۋالاش خادىملىرى كۆپ ھاللاردا ئوچۇق قويۇلغان جايلاردا يۇقۇملىنىشنىڭ  يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ پەلەي، ئايرىش كىيىمى، ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى ياكى قوغدىنىش نىقابى قاتارلىقلارنى تاقاپ بىخەتەر ھالدا داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ، يەنە مۇۋاپىق بولغان مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ بىمار تەرپىدىن  بۇلغانغان بۇيۇملارنى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.چۈنكى تېببىي خادىملار مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ، بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتكەنلىك ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن، تېببىي خادىملارنىڭ نەپەس يولى، خىزمەت كىيىمى، قولى قاتارلىقلاردا ئوخشاش بولمىغان كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، مۇداپىئەلىنىش بويۇملىرىنى ياخشى تاقاش بولسا ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خادىملىرىدىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ  ئەسلىدىنلا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغان ئەيدىز بىمارىلىرىغا تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. شۇڭا، ئايرىش، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى بولسا بىر خىل ئىلمىي بولغان قوش يۆنىلىشلىك مۇھاپىزەت ۋاستىسى،  كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تېببىي خادىملار بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

5.ئەيدىز بىمارلىرى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقاندا،  ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى  توختىتىپ قويسا بولامدۇ؟

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش، دورا ئەكس تەسىر قىلىش، جىگەر كېسىلى ياكى دىئابېت كېسىلى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەر ۋە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن دوختۇرخانىدا ياتىدۇ. ئەگەر بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە ئىشلەتكەن تۇبېركۇليوزغا قارشى، زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلار بىلەن ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئوتتۇرىسىدا سىغىشالماسلىق بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ ئەگەر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسى  بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشقا ئەكىس تەسىر قىلسا،  دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى ۋە داۋالاش لايىھىسىنى ئۆزگەرتىش ياكى ۋاقىتلىق توختىتىش كېرەك، كۆپىنچە ئەھۋالدا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ.  قىسقىسى دورا تەڭشەش ياكى توختىتىپ تۇرۇش – تۇرماسلىق داۋالاش چوقۇم كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بىمار ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى ئۆز ئالدىغا خالىغانچە توختاتسا بولمايدۇ.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam