نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاپتونوم رايون

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • غۇلجا ناھىيىسدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى

  • ئەيدىزنى ئەزرائىل ئەمەس، بىپەرۋالىق چاقىرىۋاتىدۇ

  • شىنجاڭ ئەيدىز-جىنسىي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاشقا يىتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تۈرىنىڭ مالىيەسىنى باشقۇرۇش تەربىيلەش كۇرسى ئىچىلدى

غۇلجا ناھىيىسدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : يۈسۈپ قادىرۋاقتى : 2016-10-21كۆرۈلىشى :

 

غۇلجا ناھىيىسدە  ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى
 
   ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمەت كومىتىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، 2016-يىلى 10  -ئاينىڭ  12-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ 18يىزا-بازار، 2 مەكتەپتە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى .  لىكسىيە پائالىيىتىگە يىزا-كەنت رەھبەرلىرى، كەنىتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئاياللار مۇدىرلىرى، مەھەللە   باشلىقلىرى، يىزا-كەنىت دوختۇرلىرى، دىنى زاتلار، دىخان-چارۋىچىلار بولۇپ جەمئى 6000نەپەر كىشى قاتناشتى، ئاپتۇنۇم رايۇن لىكسىيە ئۆمىگىنىڭ مۇتەخەسىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سابىق   مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ يۈسۇپ قادىر ھاشىم ، سۇلتان مەقسەت قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر ئاممىباپ چۈشىنىشلىك تىلدا سۆزلەش   بىلەن سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئىكراندا كورسۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈپ ئەيدىز كىسەللىگى دىگەن نىمە؟ نۆۋەتتىكى كىسەللىك ۋەزىيىتى قانداق؟ قانداق يۇقۇپ تارقىلىدۇ؟ ئالدىنى ئىلىپ داۋالاش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئشلىگىلى بولىدۇ؟ پارتىيە ھۆكۆمەتنىڭ قانداق ئىتىبار سىياسەتلىرى بار؟ دىگەن مەزمۇنلاردا قايىل قىلارلىق ھالدا لىكسىيە سۆزلىدى، لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلار ئىنتايىن زور قىزىقىش ئىچىدە لىكسىيەنى ئەستايدىل ئاڭلىدى ۋە تەكرار چاۋاك سادالىرى بىلەن ئالقىش ياڭراتتى.    
      بۇ قىتىمقى  لىكسىيە پائالىيىتىگە ناھىيىلىك پارتىكۇم ۋە خەلق ھۆكىمىتى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى، ھەر قايسى يىزا-بازارلارئەستايدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ لىكسىيە پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى . لىكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن لىكسىيە روھىنى قانداق يەتكۈزۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى قانداق ئەمىلىلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىپ باردى ۋە كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پائالىيەت ئاخىرىدا سۇئال سۇراش ۋە تالىشىپ جاۋاپ بىرىش شەكلى ئارقىلىق لىكسىيە ئۈنۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، جاۋاپ بەرگەنلەرگە مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بىرىش ھەمدە بارلىق قاتناشقۇچىلارغا ئەيدىز بىلىملىرى يىزىلغان خاتىرە بۇيۇملىرى تارقىتىپ بىرىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىغى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.                                      
                                             

 

 

  

 

 

 

 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】