نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاپتونوم رايون

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • كېسەلدىن يىراق تۇراي دېسىڭىز گاندون ئىشلىتىڭ

  • گاندوننى بىر قېتىم ئىشلەتمەي قالسا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى قانچىلىك چوڭ بولىدۇ

  • شىنجاڭدا زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

مەنبەسى : يوللىغۇچى : ئەيدىز تورىۋاقتى : 2018-06-09كۆرۈلىشى :

TIM截图20180609191811.jpg

  ئاپتونوم رايون ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بويىچە «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانى تەربيەلەش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى

TIM截图20180609191904.jpg
 
دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بويىچە «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇش-ئەمەلىلەشتۈرۈش، «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانىنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىششىغىچە بولغان ۋاقىتتا  ئەيدىزنى تىزگىنلەشنى تۆۋەن تارقىلىش ھالىتىدە داۋاملاشتۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىلەشتۈرۈش تەربىيەلەش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. 
TIM截图20180609191911.jpg 
ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل رەھبەرلىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل رەھبەرلىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش تارماقلىرى بىلەن ۋىرۇسقا داۋالاشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىنىڭ  مەسئۇل رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقىنى سالاش دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق جوڭيى-مىللى تىبابەت دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى باشقارمىسى، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش باشقارمىسى، ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسى، تەشۋىقات باشقارمىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، 110 كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. 
  تەربىيەلەش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كۈزەتكۈچىسى چېن جىڭچۈن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭخۈي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسلىق قىلىپ، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت  دوكلاتى بەردى. ئۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش «13-بەش يىللىق » ھەرىكەت پىلانى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى بۇرچ، يېڭى تەلەپ، يېڭى تەدبىرلەرنى  چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.  ھەمدە 2018 - يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىدىكى ئالتە جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى : بىرىنچى، پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق - تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش، ئاممىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئەيدىز كېسىلى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تۆتىنچى، «مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش»نى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ۋە كۈچىنى  يېتىشتۈرۈش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى يۆلەپ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ تىرىشىپ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن  ياشانغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ھەم ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەش كېرەك.  ئالتىنچى، نازارەتنى كۈچەيتىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش،  تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش  كېرەك. 
   بۈگۈنكى تەربىيەلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندا، يىغىن رىياسەتچىسى چېن جىڭچۈن مۇئاۋىن كۈزەتكۈچى ھەرقايسى رايونلاردىن «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش توغرىسىدا ۋە ما مىڭخۇي مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ سوزىنىڭ روھىدىن تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.  بىرىنچى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانىنىڭ ۋە ما مىڭخۇي مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى تونۇشنى ئۆگىنىپ، «13-بەش يىللىق» مەزگىلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يېڭى سىياسەت، يېڭى تەلەپ، يېڭى بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، ھەم ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش قارىشى بىلەن ئىدىيەنى يېڭىلاپ، مۇلازىمەت قىلىش ھەم باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، خىزمەتنى تۈزەش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆز جايىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ ھەرقايسى رايۇنلارىدىن چوڭقۇر، ئوبيىكتىپ تەھلىل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شۇ جايغا بىرلەشتۈرۈپ ھەقىقى يولغا قويغىلى بولىدىغان خىزمەتنى بىكىتىپ، خىزمەت پىلانى بىلەن لاھىيەنى ياخشىلاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن كۈچلۈك ئەمەلىلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچۈنچى، ھەرقايسى رايۇنلاردىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان «تۆتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تۆتنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلشىمىز؛ ما مىڭخۇي مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بويىچە، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش» خىزمەت تەلىپىنى ئالتە جەھەتتىن ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ «ئۈچ % 90 ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى %4 تىن تۆۋەن» بولۇشتىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.  تۆتىنچى، ئالدىنى ئېلىش خىراجىتىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، جامائەت پىكرى ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقسىزلىق بىلەن تۇراقسىز ئامىلنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.  
TIM截图20180609215922.jpg 
تەربىيەلەش يىغىنىدا يەنە،  ئاپتونوم رايونلۇق ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش «13-بەش يىللىق » ھەرىكەت پىلانى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 ـ يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باھالاش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى . 
   ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى  مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا،  ئەيدىز يۇقۇمى ۋە ئەيدىزنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىز قوغلاپ باشقۇرۇش، خەتەرلىك ئادەملەر توپىغا ئارىلىشىش، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ھەمدە ھەرقايسى ساھەلەر 2018 - يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەت پىكرى ۋە پىلانىنى تەپسىلى چۈشەندۈردى.  
TIM截图20180609191919.jpg 
 
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭخۇي يېتەكچىلىك دوكلاتى بەرمەكتە
    
TIM截图20180609191923.jpg
ئاپتونوم رايونلۇق ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى چۈشەندۈرمەكتە
 
TIM截图20180609191934.jpg
ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نى مىڭجەن ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.
 TIM截图20180609191943.jpg
 
ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇ جۈەن  ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى چۈشەندۈرمەكتە.
 TIM截图20180609191949.jpg

 

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam