نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاپتونوم رايون

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • كېسەلدىن يىراق تۇراي دېسىڭىز گاندون ئىشلىتىڭ

  • گاندوننى بىر قېتىم ئىشلەتمەي قالسا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى قانچىلىك چوڭ بولىدۇ

  • شىنجاڭدا زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭدا زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى : ئۆز ماقالىمىزيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-07-02كۆرۈلىشى :

     مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى 27 - ئىيۇن خەۋىرى، 26-ئىيۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «زەھەر چەكلەش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان  «26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «زەھەر بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى» مۇھاكىمە يىغىنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 50 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

 TIM截图20180702173936.jpg

    يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ بىلەن شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن  مۇدىرى لى فەن خىزمىتى ئىچىدىكى ھەقىقىي دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسپلەشكەن ھالدا زەھەر بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى بايان قىلدى. ئەيدىز مەنىسى، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەخسۇس چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ساغلاملىققا ۋە ئائىلىگە بولغان تەسىرىنى چۈشەندۈردى.

TIM截图20180702173950.jpg

 «زەھەر چەكلەش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئوبراز ئەلچىسى گاۋ جيەنشىن سۆز قىلدى.  

TIM截图20180702173955.jpg

  مۇھاكىمە يىغىنىدا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بەس-بەستە قىزغىنلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال قوزغاپ،  ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مەنبەلەرنى تەرتىپكە سىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشتى.  ھەقىقىي زەھەرنىڭ شەخىس، ئائىلە، جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېغىر زىيىنىغا بولغان تونۇش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.

TIM截图20180702174002.jpg

​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ ۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى خۇ جىبىن، «زەھەر چەكلەش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئوبراز ئەلچىسى گاۋ جيەنشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق «زەھەر چەكلەش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەشۋىقات تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ جىجۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam