نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاپتونوم رايون

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • كېسەلدىن يىراق تۇراي دېسىڭىز گاندون ئىشلىتىڭ

  • گاندوننى بىر قېتىم ئىشلەتمەي قالسا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى قانچىلىك چوڭ بولىدۇ

  • شىنجاڭدا زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

گاندوننى بىر قېتىم ئىشلەتمەي قالسا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى قانچىلىك چوڭ بولىدۇ

مەنبەسى : ئەيدىز تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-07-20كۆرۈلىشى :

ئەگەردە بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھالەتتە ياكى جىنسىي كېسەل بار بولسا، يۇقۇملىنىشنىڭ نىسپىتى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

سان-سىفىرلارغا ئاساسلانغاندا، مەيلى قانداق بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت بولسۇن، يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرى بەك يۇقىرى ئەمەس، لېكىن ئەيدىز كېسىلى باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشىمايدۇ، ھازىرغىچە ئېيتقاندا، پەقەت يۇقۇملىنىپ قالسىلا، ئۆمۈرلۈك يۇقۇملىنىدۇ. بۇ سىزنىڭ كىملىكىڭىز ياكى سىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان خەتەرلىك قىلمىشنى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىغا دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ ۋە ئەيدىزدىن قورقۇشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.


ئەگەر قوغدىنىش بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت بولسا، ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ۋاقتىدا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تۇرۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ تەلەي سىناش ئىدىيەسىدە بولۇشقا بولمايدۇ، خالىغان چوڭ دوختۇرخانىلار ياكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن

باشقا، يەنە مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ.
قۇچاقلىشىش ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقۇملاندۇرالامدۇ؟
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەتتە يۇقۇملانغۇچىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرما، جىنسىي يول ئاجىراتمىسى، باش سۈيى، ئاياللارنىڭ سۈتى، قاتارلىقلاردا بولىدۇ. شۆلگەي، تەر سۇيۇقلۇقى، كۆز ياش، سۈيدۈك، چوڭ تەرەت قاتارلىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بولمايدۇ ياكى ناھايىتى ئاز نىسپەتتە بولىدۇ، نۆۋەتتە ھازىرغىچە شۆلگەي، تەر سۇيۇقلۇقى، كۆز ياش، سۈيدۈك ياكى چوڭ تەرەت قاتارلىقلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش كېسەللىك مىسالى كۆرۈلۈپ باقمىدى، يەنە پاشا قاتارلىق ھاشارەتلەردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملىنىش مىسالىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىدى، شۇڭلاشقا، قۇچاقلىشىش ھەرگىزمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويمايدۇ، ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن قۇچاقلىشىش ئىنتايىن بىخەتەر.

【مەسئۇل تەھرىر : 】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam