نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاپتونوم رايون

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • كېسەلدىن يىراق تۇراي دېسىڭىز گاندون ئىشلىتىڭ

  • گاندوننى بىر قېتىم ئىشلەتمەي قالسا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى قانچىلىك چوڭ بولىدۇ

  • شىنجاڭدا زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

كېسەلدىن يىراق تۇراي دېسىڭىز گاندون ئىشلىتىڭ

مەنبەسى : 世界卫生组织يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-07-20كۆرۈلىشى :

 

ئەتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى». ئېھتىمال سىز ئېسىل رېستوراندا شام يېقىپ ئولتۇرۇپ ئوخشىغان تائاملاردىن ھوزۇرلىنىشنى ۋە نۇرغۇن ئەتىرگۈللەرگە ئېرىشىشنى ئويلاۋاتقانسىز. بىز ئاۋۋال بۇنى قويۇپ تۇرۇپ، «خەلقئارالىق گاندون كۈنى»نى تەبرىكلەيلى. ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلقئارالىق گاندون كۈنى، شۇنداقلا ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھارپىسى. بۇ كۈندە «جىنسىيەت» بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر تەشۋىق قىلىنىدۇ.

بىلەمسىز؟ 

24-15 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرى تۇنجى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمايدۇ. كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان 5 ئايالنىڭ بىرى ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ ھەمدە بۇ بالىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دوكتۇر بېرنارد سىچۋارتلەندېر: «جۇڭگودا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ياشلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا. بىراق، كۆپىنچىسىدە خەتەردىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى بىلىم ۋە ئۇچۇر كەمچىل. تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قېلىش، يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەر بەزىدە تولىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

گاندون ئەر-ئايال ھەر ئىككىلى تەرەپنى قوغدايدۇ!

گاندوننى توغرا ئىشلەتكەندە ھامىلىدارلىقتىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

مەزكۇر تېما خەنزۇچە ماتېرىيالدىن تەرجىمە قىلىنغان، ئاساسلىق مەقسەت يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ساۋاتلىرىنى تورداشلارغا يەتكۈزۈش. 

【مەسئۇل تەھرىر : 】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam