نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاپتونوم رايون

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • غۇلجا ناھىيىسدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى

  • ئەيدىزنى ئەزرائىل ئەمەس، بىپەرۋالىق چاقىرىۋاتىدۇ

  • شىنجاڭ ئەيدىز-جىنسىي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاشقا يىتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تۈرىنىڭ مالىيەسىنى باشقۇرۇش تەربىيلەش كۇرسى ئىچىلدى

ئەيدىزنى ئەزرائىل ئەمەس، بىپەرۋالىق چاقىرىۋاتىدۇ

مەنبەسى : شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىيوللىغۇچى : سۇلتان مەقسەتۋاقتى : 2016-06-08كۆرۈلىشى :

ئەيدىزنى ئەزرائىل ئەمەس، بىپەرۋالىق چاقىرىۋاتىدۇ

 


 قەيسەر ساۋۇت، شادىيە ئامانۇللا

    قانداق كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟ ئېھتىمال، كىشىلەر بۇ سوئالغا ھەر خىل نۇقتىلاردىن جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپنىڭ 25 ـ ماي بىزگە بەرگەن جاۋابى مۇنداق: «بىپەرۋا كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ.» گەرچە، بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز بەكمۇ ئاددىي جاۋاب بولسىمۇ، بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كېسەل داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش. ئۇنداقتا، بىپەرۋالىقنىڭ يىلتىزى زادى نەدە؟ قانداق قىلغاندا بىپەرۋالىقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتقىلى بولىدۇ؟ بىز مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، زىيارىتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

 


                                                                         خەتەرلىك سىگنال
ئەيدىز ئىنسانىيەت ساغلاملىقىدىكى يوشۇرۇن ئاپەت، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۇڭا، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ مەمەتئېلى ئوبۇل ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئەڭ بالدۇر داۋالاشقا باشلىغان دوختۇرلارنىڭ بىرى.
ـــ مەن 2001 – يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشتىم ھەم ئۇلارنى داۋالاشقا كىرىشتىم، ئەينى چاغدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئاز ھەم ھەقلىق ئىدى، شۇنداقتىمۇ مەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىن دورا ئەكەلدۈرۈپ داۋالىدىم، شۇ چاغدا بىزنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي تەجرىبىمىز بولمىغاچقا، ئاساسلىقى، كىتابقا تايىناتتۇق، شۇ چاغدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن بەك ئۆكۈندۇق. 2004 – يىلىدىن باشلاپ، بۇ جەھەتتىكى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتىم، 2005 – يىلى ياپونىيەدە بىر يىل بىلىم ئاشۇردۇم. ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى زور ھەجىمدە تۆۋەنلىدى، ـــ دېدى مەمەتئېلى ئوبۇل.
ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يولى بولغان بولسا، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش ئاساسلىق يول بولۇپ قالغان. دىلشات ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا نۇرغۇن زەھەر چەككۈچى ياشلار ناھايىتى ساددا بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەردىن دوستلار ئارا ئورتاق بەھرىلەنگەندەك، ئوكۇل ئىشپىرىسىدىنمۇ ئورتاق بەھرىلەنگەن، نەتىجىدە زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالغان. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يولىنى توسۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار زەھەر چەككۈچىلەرنى ئىشپىرىس بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن، ج خ تارماقلىرىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، زەھەر چەككۈچىلەرنى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەقسىز داۋالاش تۈرلىرى يولغا قويۇلغاچقا، ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ دەپ قارالغان غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا، بولۇپمۇ دېھقانلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش بارغانسېرى ئېغىرلاشقان.
ئەيدىز نېمىشقا شەھەرلەردىن يېزىلارغا كۆچتى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى خېلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى، نادانلىقى ئەيدىزنىڭ بۇ رايونلاردا يامرىشىغا سەۋەب بولغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بويىچە مۇدىر ۋىراچ يۈسۈپ قادىرنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، نادانلىق، بولۇپمۇ بىپەرۋالىق قىلمىشلىرى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن.
خوتەن ۋىلايىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشكە ئائىت تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىكەن. كېرىيە ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى غەيرەت قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئاڭلىق ھالدا داۋالىنىدىغان بولغان، ناھىيە بازارلىرىدىن يىراقراق يېزا – قىشلاقلاردا قالاقلىق، خۇراپاتلىق ئىللەتلىرى ئېغىر بولغاچقا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىش تەس بولۇۋېتىپتۇ.
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى گۈلمىرە خۇدابەردىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2015 ـ يىلى 31 ـ دېكابىرغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستى بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 486 گە يەتكەن، 2015 ـ يىلىلا يېڭىدىن 80 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. گۈلمىرە خۇدابەردى مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنىڭ چەكلىك بولۇشى، يىراق، چەت يېزا – قىشلاقلارغا يېتىپ بارالماسلىقى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش، ئاسراش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋالاشقا ماسلاشماسلىقىمۇ يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىۋەتتى.
تەشۋىق ـ تەربىيە ۋە كونكرېت چارىلەر ئوخشاشلا مۇھىم
ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىمىز ئىچىدە، توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىدى. بۇ يىل يانۋاردىن مايغىچە بولغان بەش ئايلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، يېڭىدىن 28 ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. توقسۇن ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى رەيھانگۈل توختى مۇنداق دېدى: يېقىندىلا ناھىيەمىزدىكى 15 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان 108 مىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى مەخسۇس تەكشۈردۇق. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى ئايدا ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان تۇغۇلغان 30 بوۋاقنىڭ ھېچقايسىسى يۇقۇملانمىدى. ناھىيەمىزدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىقىدەك خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئەھۋاللار يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. جىنسىي يولدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، دېھقانلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مېنىڭچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىدا باسقۇچلۇق تەشۋىقات بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تەشۋىقاتنىڭ ئىزچىللىقىغا، شەكىلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋېتىپتۇ. مانا شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 6600 دىن ئاشقان بولۇپ، جىنسىي يولدىن يۇقۇملانغانلار %80 نى ئىگىلىگەن. كۇچا ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدىن رەيھانگۈل ئېلى مۇنداق دېدى: بىزمۇ ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ھېس قىلىپ، تەشۋىقاتنى يېزىلارغىچە، ھەر بىر ئائىلىگىچە ئېلىپ بارغاندىن باشقا، يەنە ئاياللارغا، ياشلارغا قارىتا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئالاھىدە تەربىيە بېرىۋاتىمىز. ھەتتا قەرەللىك ھالدا ھەر قايسى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، تەشۋىق قىلغاچ، ئۇلارغا ئىشپىرىس، گاندوننى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىۋاتىمىز.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدىن مۇبارەك ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاددىي ساۋاتلارنىڭ %90 ىنى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئادەمدىن سورىسىڭىز دەپ بېرەلەيدۇ، ئەمما شۇ بويىچە ئىش قىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %10 كىمۇ يەتمەيدۇ. مانا بۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش.
غۇلجا شەھىرىدىكى ئا XX نىڭ ئېرى 1995 – يىلى زەھەر چېكىش سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى قوبۇل قىلالمىغاچقا، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۆزىنى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن، قوشنىلىرىدىن قاچۇرۇپ، ھېچكىم بىلەن باردى – كەلدى قىلماي يۈرگەنىدى. غۇلجا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ قايتا – قايتا تەربىيە بېرىشى نەتىجىسىدە، ئۇ ئاخىرى بۇ رېئاللىققا يۈزلىنىپ داۋالاشقا ماسلاشتى. بۇ مەركەزدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇ مۇھىت ئىشچىسى بولدى، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى بالىنى بېقىۋالدى. ئۇنىڭ ھازىر قولۇم – قوشنا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ نورماللاشتى.
غۇلجا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى جەزىلە پەرھات ئا XX نىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى باشقا يۇقۇملانغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراشقا، بالدۇرراق داۋالىنىشقا يېتەكلەشتە رول ئويناۋاتىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق پىدائىيلارغا موھتاج. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ جىنسىي يولدىن يۇقۇشقا يۈزلىنىشى بىلەن، تېخىمۇ ئېغىر سىناقلار بىزنى كۈتىۋاتىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يالغۇز سەھىيە تارماقلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارىماي، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئىشنى ئۆزىدىن ھەم ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىشى كېرەك.
                                                              ئەيدىز ئەڭ ئېغىر راكمۇ
ھېچكىمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇسى يوق، مۇبادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ئۈمىدسىزلىنىپ ھەممىدىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ ياكى دوختۇرغا ماسلىشىپ، ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟
مەمەتئېلى ئوبۇلنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، B تىپلىق، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوز قاتارلىقلاردەك ئاسان يۇقمايدىكەن. ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئېنىق بولغاچقا، دىققەت قىلىنسىلا، يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھەقسىز تەمىنلىنىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دورا ئىچىپ بەرسىلا، نورمال كىشىلەردەك ياشاۋېرىدىكەن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۆزئارا توي قىلغان تەقدىردىمۇ، ۋىرۇس تىزگىنلەش دورىلىرىنى ئىچىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىلا، ھامىلە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدىكەن.
دىلشات ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا، تۇغما ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاقلارنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەن.
ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى، ئەكس تەسىرى تۆۋەن تۇرسا، نېمىشقا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاقلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ؟ مەمەتئېلى ئوبۇلنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋىرۇس تىزگىنلەش دورىلىرىنى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دوختۇرغا ئىشەنمەي ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا ئىچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. ئادەمنى ھەممىدىن بەك ئېچىندۇرىدىغىنى، دۆلەتنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئايدا ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان 10 مىڭ يۈەنلىك دورىلىرىنى دوختۇرخانىدىن ئالغان بىلەن ئىچمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىگەچكە، ھاياتى خەۋپتە قالغاندىن باشقا، جورىسى ۋە ھامىلىگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىدىكەن. شۇڭا، تەشۋىقات يەنىلا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
                                                               تېۋىپلىرىمىز ئەيدىزنى داۋالىيالامدۇ
ـــ نەدە قالاقلىق ئېغىر بولسا، شۇ يەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، ــ دېدى دىلشات ياقۇپ بىزگە كەسكىنلىك بىلەن.
دىلشات ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە، بىر خەلقئارالىق تەشكىلات خوتەن ۋىلايىتىدە گاندون تارقىتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تۈرىنى يولغا قويغان. تۆت يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن ئەللەردە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بۇ تۈرنىڭ رايونىمىزدا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جايدىكىلەرنىڭ گاندون سوغۇق كېلىدۇ دەپ، ئىشلىتىشنى خالىمىغانلىقى ئېنىقلانغان. تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ئىشتىن بەك ئەپسۇسلانغان.
دىلشات ياقۇپ شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتىكى، ھازىرغىچە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكتە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش جەھەتتە ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى. جەمىئىيەتتىكى بەزى «ياۋا تېۋىپ» لارنىڭ «ئەيدىزنى داۋالاشنىڭ رېتسېپىنى تاپتىم، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن نەچچىنى داۋالاپ ساقايتتىم» دېگەندەك گەپلىرى پۈتۈنلەي يالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بەزى ئاچچىق ساۋاقلارمۇ بار. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇشۇنداق ئاساسسىز گەپلەرگە ئىشىنىپ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنمەي، «ياۋا تېۋىپ» لارغا كۆرۈنگەنلىكتىن، داۋالىنىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتتى، ھەتتا بىر قىسىملىرى شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتتى.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى تا ھازىرغىچە دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بولسىمۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئائىت ئىلمىي ساۋاتلارنى شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەردىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش ھازىرقى ئەڭ ئۈنۈملۈك «ۋاكسىنا» ئىكەن، خېلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى بىخۇدلۇق، بىپەرۋالىق ئىللەتلىرى بۇ «ۋاكسىنا» نىڭ «ئەملىنىشى» دىكى ئېغىر توسالغۇ بولۇپ قالغان.

                                                   ئەيدىز ساۋاتلىرى

                        يەر شارى ئەيدىزنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كەلدى
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1981 ـ يىلى ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن تارتىپ، دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەر جەمئىي 34 مىليوندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 2014 – يىلى يەر شارىدا 12 مىليون ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلگەن، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 36 مىليون 900 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، شۇ يىلى 2 مىليون ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغان.
2015 ـ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 575 مىڭغا، ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەر 177 مىڭغا يەتكەن. دۆلىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ياشلارغا قارىتىلغان بولۇپ، 2011 ـ يىلىدىن 2015 ـ يىلىغىچە 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يىلىغا %35 لىك سۈرئەتتە ئاشقان، جىنسىي يول بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ %96 ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلىقلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %57 نى ئىگىلىگەن؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا 1995 – يىلى قۇمۇل شەھىرىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن بۇيانقى 21 يىلدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 46 مىڭدىن ئاشقان.
                                                       ئەيدىز ۋىرۇسى قايسى يوللار بىلەن يۇقىدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى، ئاساسلىقى، جىنسىي يولدىن، قاندىن ، ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ، دۇنيادا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %75 ىنى ئىگىلىگەن. ئەيدىز قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، ئەمگەك قوراللىرىنى، ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، بىللە سۇ ئۈزۈش، بىللە چېنىقىش، بىللە تاماقلىنىش، پاشا چېقىش، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا ئۇچرىشىشتىن يۇقمايدۇ. ئەمما، شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ساقال – بۇرۇت ياسىتىش، پۇت – قوللارنىڭ تىرنىقىنى ئالدۇرۇش، بەدەنگە گۈل چەكتۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
                                              قانداق قىلغاندا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلارغىلا كۆڭۈل بۆلۈش كۇپايە قىلمايدۇ. يۇقۇملىنىشنىڭ خەتەرلىك يوللىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاجىز نۇقتىلارنى تەكىتلەش تېخىمۇ مۇھىم؛ پەقەت يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا ئۆزئارا چۈشىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. گاندوننى توغرا ۋە ئىزچىل ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش نىسبىتىنى %98 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
                                             دۆلەتنىڭ «تۆت ھەقسىز» سىياسىتى قايسى؟
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش؛ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش؛ ھامىلىدار ئاياللارنى ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى ئۈزۈپ تاشلاشتىكى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ۋە بوۋاقلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش؛ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ يېتىم قالغان پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش.
(قەيسەر ساۋۇت، شادىيە ئامانۇللا ماتېرىياللاردىن رەتلىگەن)
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】