نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئۈرۈمچى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

  • يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتى شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتى شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

مەنبەسى : يوللىغۇچى : ئەيدىز تورىۋاقتى : 2018-04-13كۆرۈلىشى :

 يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتى شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈكسەل پىدائىيلىرى ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنسىي كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، زىيا تەلىم-تەربىيە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش مەركىزى ۋە شىنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئاستىدا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىق-تەربىيە چوڭ تىپتىكى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

20180412231452216.jpg

پائالىيەت تېمىسى: «ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، ساغلاملىق ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش، بىرلىكتە ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش». شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەكلىپلىك زىيا تەلىم-تەربىيە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى باھارگۈل مۇئەللىم پىدائىيلارغا «ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى» تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئون يۈەن مېھىر-شەپقەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رەشىدە خانىم پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ھەمىدە خانىم خۇلاسە قىلىپ: «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ چۇقۇم بۇ خىزمەتكە قاتنىشىشى ۋە ئەيدىز كېسىلىنى توغرا تونۇشى، پىدائىيلارنىڭ چوقۇم بىرىنچى سەپتە مېڭىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى».

چۈشىتىن كېيىنكى پائالىيەت مەزمۇنى مول، نەق مەيدان كەيپىياتى ناھايىتى جۇشقۇن بولدى. پىدائىيلار ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىپ ھەرخىل نومۇر ئورۇنلىدى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋاب پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى، پىسخىكا ئويۇنى قاتارلىق ئىنتايىن ئېسىل مەزمۇنلار ئورۇندالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى: كەڭ ئاممىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى توغرا تونۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى چۈشىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە توغرا ئەخلاق قارىشى تۇرغۇزۇپ، كۆپچىلىككە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش. كەڭ ئامما ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىنى بىرلىكتە توسۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلەرنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىش كېرەك. پۇقرالار ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى كېرەك، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ۋە ئىگىلىگەن بىلىملىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش كېرەك.

ھەممە ئادەم ئۆز ساغلاملىقىنىڭ ئىگىسى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكى، يەنە پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىغا ئېھتىياجلىق، «ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، ھەممە ئادەم قاتنىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمان بولۇش»تەك ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بىز يېڭى دەۋردىكى ياش پىدائىيلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشىمىز، ساغلاملىق ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، بىرلىكتە ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

20180412210753131.jpg

پائالىيەت ئارقىلىق، ئەيدىزنى تونۇش ئېڭى ئۆستۈرۈلدى، ئەترەت ئەزالىرى ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتى. ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ۋەھىمە ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ماھارىتى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە: «ئەيدىز بىمارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك، ئاكتىپلىق بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەھەردىن يىراق تۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ بىللە يۈرۈش، ھەر ۋاقىت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئەيدىز بىلىملىرىنى چۈشۈنۈش، پائال تەشۋىق قىلىش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش، ئەيدىز مەسلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى ئالاھىدە ھېس قىلىپ قالماسلىقى كېرەك» دېدى.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam