نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئۈرۈمچى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

  • يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتى شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

زەھەردىن يىراق تۇرۇپ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرايلى

مەنبەسى : ئۆز ماقالىمىزيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-06-24كۆرۈلىشى :

 

TIM截图20180624104456.jpg微信图片_20180623174836.jpg

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى رايونى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللە كومىتېتىدا، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى 104.6 ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «زەھەردىن يىراق تۇرۇپ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرايلى» تېمىسىدا يېرىم كۈن مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.

微信图片_20180623174711.jpg

微信图片_20180623175025.jpg

بولۇپمۇ، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان–ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دىلشات ياقۇپ زەھەر چەكلەش، زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزمۇنىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن رادىيو ئىستانسىسى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە، ھەر مىللەت مەھەللە كومىتېتى ئاھالىلىرىگە زەھەر چەكلەش بىلىملىرى بىلەن زەھەر چەككەنلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈنمە ئېكرانغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا قايىل قىلغىدەك ھەم ئۇلارنى ئويلاندۇرغىدەك ھالەتتە ناھايىتى مۇھىم ساۋات-بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى.

TIM截图20180624104518.jpg微信图片_20180623174634.jpg

   زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ مېڭىسىنىڭ نورماللىقى بىلەن ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىدىغانلىقى، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ بالىلىرىغا زەھەر خۇمارىنى ئىرسىيەت قالدۇرۇپ قويىدىغانلىقى، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ ئاساسەن ئۆمۈر بويى زەھەردىن قول ئۈزەلمەي ئۆز ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ زەھەر چېكىشكە خۇمار بولغانلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم روھىي-پىسخىكا جەھەتتە ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ كېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا، ئۈرۈمچى پولات-تۆمۈر زاۋۇتى رايونىدا دەسلەپكى مەزگىلدىلا زەھەر چېكىش ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىققاچقا، زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ تالاپىتىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرمۇ بۇ رايوندا خېلى گەۋدىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا دىلشات ياقۇپ ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ناھايتى قىممەتلىك بولغان لېكسىيە سۆزلەپ بەردى، ھەم ئاخىرىدا لېكسىيە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ زەھەر بىلەن ئەيدىز توغرىسىدا بەس-بەستە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

TIM截图20180624104523.jpg微信图片_20180623175013.jpg

 شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ زەھەر چەكلەش بىلىملىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بالدۇر ئىگەللەپ، بالىلىرىنىڭ ھەم ئائىلىسىنىڭ زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇشقا ئەڭ مۇھىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. نۆۋەتتە، زەھەر چېكىش سەۋەبلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئازلىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما يات جىنىسلار بىلەن ھەمجىنىسلارنىڭ قالايمىقان جىنسى قىلمىشىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىلەش، ئۆزلىرىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

TIM截图20180624104529.jpg微信图片_20180623174950.jpg

     ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ئۈچ ئەل خىزمىتى» گۇرۇپپىسى مەزكۇر كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللە كومىتېتىغا چۈشكەن بولۇپ، شۇڭا مۇشۇ مەھەللە كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىغا «26-ئىيۇن» خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى ئالدىدا بۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

微信图片_20180623174900.jpg TIM截图20180624104535.jpg

      1987-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادا «زەھەر چەكلەش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە قارشى تۇرۇش» مەزمۇنىدا يىغىن ئاچىدۇ. 138 دۆلەتتىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىندا «ھاياتنى قەدىرلەپ زەھەر چەكمەسلىك» شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلئارا زەھەر چەكلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

 

 

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam