نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئۈرۈمچى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

  • يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتى شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى : ئۆز ماقالىمىزيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-07-20كۆرۈلىشى :

 ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فۇندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

 TIM截图20180720114657.jpg
شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش»نى تونۇشتۇرۇش-يېتەكلەش يىغىنىنى 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاچتى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى  ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ رىياسەتچىلىك قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. دۆلەتنىڭ «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرى» پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە بىر تۇتاش يولغا قويۇلىۋاتقان زور سوممىلىق، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى بولۇپ، شىنجاڭدا بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەكسىچە مەملىكەت بويىچە ئارقىدا تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  يىغىندا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئەيدىز-جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماق مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى فەن دۆلىتىمىز بىلەن شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا كۆرۈنمە ئېكران ئارقىلىق ئومۇمىيۈزلۈك دوكلات بەردى. شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى باشقا رايونلار بىلەن بولغان پەرقى سېلىشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. ئاندىن ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئەيدىز-جىنسىي كېسەللىكلەر تارماق مەركىزىدىن گو شاۋخوڭ دۆلەتنىڭ «2019-يىللىق ھەم 2020-يىللىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىگە قاتنىشىش ئىلتىماسى»نى كۆرۈنمە ئېكران ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مالىيە بۆلۈمىدىن چېن جى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر  بىلەن ھەمكارلىشىپ يولغا قويۇۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىنىڭ ھېساۋات ئۆلچىمى-بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيدى. 
TIM截图20180720114704.jpg 
مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بېرىپ بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش» توغرىسىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىشىپ ئورتاقلىشىش ئېلىپ باردى. دىلشات ياقۇپ ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇ تۈرىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش
خىزمىتى ۋە تەشۋىقاتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچ چىقىرىشنى، تۆھپە قوشۇشنى تەۋسىيە-تەلەپ قىلدى.
TIM截图20180720114712.jpg 
 جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.  ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات-خىزمىتىگە پۈتۈن جەمئىيەتتىكلىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ داۋاملىق يامراپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. 
 

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam