نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئىلى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • غۇلجا ناھىيىسى ئونيار يىزىسىدا ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى

  • غۇلجىدا زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • غۇلجا شەھەرى پەنجىم يېزىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئىلىپ باردى

ئەيدىز بىلەن يۈقۇملانغۇچىلار پەرزەنتلىك بۈلۇشقا بولامدۇ؟

مەنبەسى : http://www.haodf.com/zhuanjiaguandian/yuangang66_4462026744.يوللىغۇچى : جەزىرەۋاقتى : 2016-09-20كۆرۈلىشى :

 

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەيدىز بېمارلىرىمىز بىزدىن ‹بىز بالىلىق بولساق بولامدۇ؟› دېگەن سوئاللارنى قويماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالەمنى يېزىپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى قارار قىلدىم، ھەمدە بۇ ماقالەمنىڭ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكى سۇئالغا جاۋاپ تاپالىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن!
ئەيدىز ۋېرۇسى ئادەم بەدىنىدىن چىققاندىن كىيىن ئاسان ئۆلۈپ قالىدىغان، سىرتقى موھىتقا بولغان قارشىلىق كۇچى ناھايىتى تۆۋەن، تارقىلشچانلىقى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىنمۇ تۆۋەن ۋېرۇس ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە مەلۇم. ھازىر دۇنيا يۈزى بويىچە ‹داۋالىنىش-ئالدىنى ئېلىش› دىگەن يېڭى ئۇقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەكشۈرۈپ بايقالغان ئەيدىز بىمارىنى دەرھال داۋالاشقا كىرگۈزۈپ، بۋېرۇسقا قارشى داۋالاش بىلەن تەمىنلەشتە دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر قاتىرىغا تىزىلماقتا.
شۇنداق، بۇ مەيلى بىمارنىڭ ئىممۇنت ئەھۋالى ياكى CD4 ھۆجەيرىسى قانچە بولۇشتىن قەتئىينەزەر دەرھال ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى بالېلىق بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ياندۇردى.
نۈۋەتتە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھېچقانداق ۋاكسىنا ئوكۇللىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى ئەيدىزنىڭ يۇقىشىدىن قوغداپ قېلىش ئەڭ تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئادەملەرگە ھەر جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىپ، باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا، تۇرمۇش بېسىمىغا ئۇچرىدى. بولۇپمۇ بالا ئېلىش مەزگىلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشىدەك ئادەتتىكى ئادەملەر ئاسانلا ئېرىشەلەيدىغان ئىشلاردىن بەھرىمان بولۇش تەس ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار بۇ كېسىلىنىڭ بالىغا يۇقۇپ ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن نارىسىدە بالىسىنىڭ ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ ئازابىنى تارتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولۇپ، تۇرمۇشىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشتىن مەھرۇم قالدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە ئەيدىز بىمارلىرى پەرزەنتلىك بولۇشقا بۇلامدۇ، ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك دىگەن سۇئالغا ھازىرقى دۇنيا بويىچە ئىلغار تېببى تەتقېقات ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ماقالىمىزدە جاۋاپ بېرىمىز.
بىرىنچى، ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق باسقۇچى:
1. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولغان ئەھۋالدا:
ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ ۋېرۇسقا قارشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى HAARTياكى بىز ئالدىدا دەپ ئۆتكەن بايقالغان ۋاقىتتا دەرھال داۋالىنىش كېرەك. ئادەتتە بۇ داۋالاش ئۇسۇلىدا ئۈنۈملىك 3 ئاي داۋالانغاندىن كېيىن بەدەندىكى ۋېرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقالمايدىغان ھالەتكە كەلگەن چاغدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا يۇقتۇرۇش نىسپىتى يوققا باراۋەر بولىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ قان پلازمىسىنى(HIVRNA) تەكشۈرتۈپ بەدەندىكى ۋىرۇس سانى نۈل ھالەتكە يەتكەن ۋاقىتتا باشقا ساغلاملىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىدە مەسىلە بولمىسا خاتىرجەم پەرزەنتلىك بولۇشىغا بۇلىدۇ.
2. ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىرسى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولغان ئەھۋالدا:
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمىغان تەرەپنىڭ ئائىلە ھەم مۇھەببەت ئۈچۈن بەرگەن چوڭ بەدىلى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدا چوقۇم بېخەتەرلىك قاپچۇقىنى (گاندون) ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرتۈشى كېرەك، ھەم ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋاقتىنى ھېساپلاش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ پەرزەنتلىك بولۇش پىلانىنى تۈزۈش لازىم. پەرزەنتلىك بولۇش پىلانىنىڭ نەق جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تەرەپ ئۈچ خىل دورىدىن تەركىپ تاپقان ۋېرۇسقا قارشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى( HAART) ئارقىلىق ئەڭ ئاز بولغاندا 3 ئايدىن يۇقىرى داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ھەم قان پلازمىسى، مەنېي سۇيۇقلىقى ياكى جىنسىي يول ئاجراتمىسىنى تەكشۈرتۈش ھەم تەكشۈرتۈش نەتىجىسى مەنفىي بۇلۈش كېرەك. ئاندىن ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش مەزگىلىدە باشقا جىنسىي كېسەللەر بولمىغان ھەم ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا جاراھەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يۇقۇملانمىغان تەرەپ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن 3 كۈن بۇرۇن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن شۇفاتەي(舒发泰) ماركىلىق تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨)دورىسىنى كالېترا (克立芝) دورىسى بىلەن قوشۇپ جىنىسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن (ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش مەزگىلىدە كۆپ قېتىم جىنىسي مۇناسىۋەتتە بولسا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدىكى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ) 28-كۈنىگىچە ۋاقتىدا ئىچىشى كېرەك. ھەمدە ئەر تەرەپنىڭ مەنېي سۇيۇقلىقى چىقىشتىن بۇرۇن جىنىسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا بېخەتەرلىك قاپچۇقى(گاندون) ئىشلىتىپ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ قېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. بۇنىڭدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى دوستلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ‹بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قانچىلىك دەرىجىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ؟› دېگەن سۇئالدا بۇلۇشى مۇمكىن.
تۆۋەندە ئەڭ يىڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، شۇفاتەي(舒发泰) ماركىلىق تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨)دورىسى ئارقىلىق دۇنيادا نەچچە قېتىم ئۇچ مەزگىللىك سىلۇشتۇرما تەجىرىبە ئېلىپ باردى. تۈرلۈك تەجرىبىلەرنىڭ دوكلاتىدا نەتىجىسى تامامەن ئوخشاش چىققان. بىرىنچى قېتىمدا ئوخشاش جىنسلىقلار ئارىسىدا شۇفاتەي(舒发泰) ماركىلىق دورىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسپىتىنى %44 چۈشۈرگەن، ئەگەر دورىنى ۋاقتىدا ئىستىمال قىلسا يۇقۇملىنىش نىسپىتىنى %92 كىچە چۈرشۈرگىلى بۇلىدىكەن. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە پەقەتلا تېنوفوۋىر(替诺福韦)نى ئىستىمال قىلىش ھەم تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨) نى بىرلەشتۈرۈپ قوللانغاندا يەككە يۇقۇملىنىش پىرسەنتىنى %67تىن %75 كىچە چۈشۈرگەن. يەنە بىر ئەر ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨) يۇقۇملىنىشنى %68 چۈشۈرگىلى بۇلىدىكەن. ئافرىقا ئاياللىرىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتلىرىدا دورىنى توغرا ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا، ۋاقتىدا توغرا دورىنى ئىستىمال قىلىش نىسپىتى %30 گىمۇ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەجرىبىسىنىڭ ئېنىق ئەھۋالىنى كۈزەتكىلى بولمىغان. ھازىرقى مېدىتسىنا سان مەلۇماتىغا ئاساسەن بۇ ئۈچ خىل دورا قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقۇشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش نىسپىتى توغرىلىق تەتقىقات نەتىجە مەلۇماتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق. لېكىن يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردا يىتىشمەسلىك ئەھۋالى بار: 1. نەق كۈزىتىىلگەن تەتقىقات ئوبىكتى (ياكى ساغلام تەرەپ) نىڭ جىنسىي ھەمرايىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس، كۆپ جىنسىي ھەمرا(يۇقۇملانغان بولىشى مۇمكىن) ۋېرۇسقا قارشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقۇمچانلىقى يۇقىرى. 2. دورا بىلەن تەمىنلەنگەن داۋالاش ۋاقتى قىسقا، جىنىسىي مۇناسىۋەتتىن 1 كۈن بۇرۇن دورا ئىچكۈزۈپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كۈنى ھەم ئەتىسى دورا ئىچكۈزۈپ پەقەتلا ئۈچ كۈن دورا ئىستىمال قىلىپ، داۋالاش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى تۆۋەن. 3. پەقەت بىر تۈرلۈك دورا ياكى ئىككى خىل دورا قورۇلىمىسىنى قوللانغان. يۇقىرىقى تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلغاندا، ھازىرقى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، يۇقارقى تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن+ كالېتردىن ئىبارەت ئۇچ تۈرلۈك دورا قۇرالمىسىنى ئىستىمال قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن (28كۈن) بولغاندا، خەلىقئارادىكى ئورتاق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يۇقۇملانغۇچى تەرەپنىڭ مەنېي سۇيۇقلىقى ياكى جىنسىي يول ئاجراتمىسىدىن HIVRNA تەكشۈرۈپ چىقالمىغان ئەھۋال ئاستىدا نەزىرىيە جەھەتتىن ساغلام تەرەپنىڭ ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋىلىش مۇمكىنچىلىكى بەك تۆۋەن. مۇشۇ ئارقىلىق ساغلام تەرەپنى ئەڭ يۇقىرىقى چەكتە يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، تۇغۇتلىق مەزگىلدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر:
ئەگەر ساغلام تۈردە ھامىلدار بولغان ئەھۋالدا قەرەللىك تۇغۇت ساغلاملىقىنى تەكشۈرتۈش لازىم. يۇقۇملانمىغان تەرەپنىڭمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ساغلام ھامىلدار ئاياللار بىلەن ئوخشاش ساغلاملىق تەكشۈرىتىشى كېرەك. ئەگەر ھامىلدار ئايال يۇقۇملانغۇچى بولسا ھامىلدار مەزگىلدە HAART ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى ئىستىمال قىلىشتىن سىرت، يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىق تەكشۇرتىشىگە بەك دىققەت قىلىپ، قورساقتىكى بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ بېنورمال ئەھۋالىغا قارىتا ۋاقتىدا ئامال قوللىنىش كېرەك. ھازىرقى شارائىتتا ھەر قايسى شەھەرلەردە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارغا مەخسۇس داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار بار. نەق ئەھۋالنى يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئۇقۇشۇشقا بۇلىدۇ.
ئەيدىز ۈىرۋسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق داۋالاش كۆرسەتمىسىنىڭ 3-قېتىملىق نۇسخىسىدا دۆلىتىمىزدە ‹بالدۇر داۋالىنىپ، ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى ئارقىلىق بىخەتەر تۇغدۇرۇش ھەم تۇغۇتتىن كىيىن بالىنى توغرا ئوزۇقلاندۇرۇش قوللانمىسىنى› تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار ئايال بالدۇرلا يەڭگىيدىغان دوختۇرخانىنى بېكىتىپ، دوختۇرخانىدا يەڭگىش لازىم. تۇغۇلغان بالىغا دەرھال (6-12سائات ئىچىدە) ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى بىرىپ، 4-6 ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە بالىلارغا AZT(齐多夫定)或NVP(奈韦拉平) دورىسىنى ئىشلىتىدۇ. ھامىلدار مەزگىلدە ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش ۋاقتى 4 ھەپتىگە يەتمىگەن ھامىلدار ئايال ياكى يەڭگىگەندىن كىيىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان تۇغۇتلىق ئاياللارنىڭ بالىسىغا ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش ۋاقتىنى 6-12 ھەپتىگىچە ئۇزارتىش لازىم. بىخەتەر تۇغۇت جەريانىدا جىنسىي يولنى يانچە كېسىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا باش سۈيىنى يېرىش، ياردەملىك تۈغۈت جەريانى، بالياتقۇ ئىچىدە ھامىلىنىڭ باش تېرىسىنى تېشىپ تەكشۇرۈش قاتارلىق زەخىملىنىش خارەكتىرلىك مەشغۇلاتلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك! تۇغۇلغان بالىغا ئانا سۈتىنى ئىمىتىش ياكى ئانا سۈتى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ بېقىشقا بولمايدۇ. چوقۇم، سۈت پاراشوكى ئارقىلىق بېقىپ، بالىنىڭ ساغلاملىقىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۈزىتىش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ھەم ئۇزۇقلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاكسىنا ئەملىنىش ئەھۋالىغا دېققەت قىلىش لازىم.
ئاخىرىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان دوستلارنىڭ ساغلام پەرزەنتلىك بولۇپ ھاياتلىقنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!

【مەسئۇل تەھرىر : 】