نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئىلى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • غۇلجا ناھىيىسى ئونيار يىزىسىدا ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى

  • غۇلجىدا زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • غۇلجا شەھەرى پەنجىم يېزىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئىلىپ باردى

غۇلجا ناھىيىسى ئۈچئون خۇيزۇ يىزىسىدا ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : يۈسۈپ قادىرۋاقتى : 2016-10-13كۆرۈلىشى :

 

غۇلجا ناھىيىسى ئۈچئون خۇيزۇ يىزىسىدا ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى 
         
    ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشىغائاساسەن، 2016-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن غۇلجا ناھىيىسى ئۈچئون خۇيزۇ يىزىسى يىغىن زالىدا ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى .     
    لىكسىيە پائالىيىتىگە يىزا-كەنىت رەھبەرلىرى ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئاياللار مۇدىرلىرى، مەھەللە باشلىقلىرى، يىزا-كەنىت دوختۇرلىرى ، دىنى زاتلار، دىخان-چارۋىچىلار بولۇپ 200نەپەر كىشى قاتناشتى، ئاپتۇنۇم رايۇن لىكسىيە ئۆمىگىنىڭ مۇتەخەسىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سابىق   مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ يۈسۇپ قادىر ھاشىم ئاممىباپ چۈشىنىشلىك تىلدا سۆزلەش   بىلەن سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئىكراندا كورسۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈپ ئەيدىز كىسەللىگى دىگەن نىمە؟ نۆۋەتتىكى كىسەللىك ۋەزىيىتى قانداق؟ قانداق يۇقۇپ تارقىلىدۇ؟ ئالدىنى ئىلىپ داۋالاش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئشلىگىلى بولىدۇ؟ پارتىيە ھۆكۆمەتنىڭ قانداق ئىتىبار سىياسەتلىرى بار؟ دىگەن مەزمۇنلاردا قايىل قىلارلىق ھالدا لىكسىيە سۆزلىدى، لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلار ئىنتايىن زور قىزىقىش ئىچىدە لىكسىيەنى ئەستايدىل ئاڭلىدى ۋە تەكرار چاۋاك سادالىرى بىلەن ئالقىش ياڭراتتى.     
       لىكسىيە پائالىيىتىگە يىزىلىق خەلىق ھۆكۆمىتىنىڭ سەھىيە خىزمىتىگە مەسسئۇل مۇئاۋىن يىزا باشلىغى رىياسەتچىلىك قىلدى، باشلاش نوتقىدا مەزكۇر يىزىنىڭ ئەيدىز كىسەللىك ئەھىۋالى، ئالدىنى ئىلىش-داۋالاش خىزمىتىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، ساقلانغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى ئومۇمى ئوختۇرۇش قىلىپ ئۆتتى، لىكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن لىكسىيە روھىنى قانداق يەتكۈزۈپ ئزچىللاشتۇرۇش، ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى قانداق ئەمىلىلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىپ باردى ۋە كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پائالىيەت ئاخىرىدا سۇئال سۇراش ۋە تالىشىپ جاۋاپ بىرىش شەكلى ئارقىلىق لىكسىيە ئۈنۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، جاۋاپ بەرگەنلەرگە مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بىرىش ھەمدە بارلىق قاتناشقۇچىلارغا ئەيدىز بىلىملىرى يىزىلغان خاتىرە بۇيۇملىرى تارقىتىپ بىرىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىغى يۇقىرق كۆتۈرۈلدى.
                                             
 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】