نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئىلى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • غۇلجا ناھىيىسى ئونيار يىزىسىدا ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى

  • غۇلجىدا زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • غۇلجا شەھەرى پەنجىم يېزىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئىلىپ باردى

غۇلجا شەھەرى پەنجىم يېزىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئىلىپ باردى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : ئىلىۋاقتى : 2016-06-01كۆرۈلىشى :

2016-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى غۇلجا شەھەرى پەنجىم يېزىسى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە قارىتا تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تۆۋەنكى پەنجىم كەنتىدە بىر قېتىملىق «ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ،ئەيدىز كىسىلىنى كونتىرۇل قىلىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى» تېمىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئىلىپ باردى.پائالىيەتكە كەنتتىكى ئەر-ئايال بولۇپ 100گە يېقىن خەلق ئاممىسى قاتناشتى.پائالىيەتتە ئەيدىز كېسىلى،سىفلىس كېسىلى توغرىسىدا مۇھىم تەشۋىقات بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلىنىش بىلەن بىرگە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلى،سىفلىس كېسىلىگە قارىتا بىلىش دەرىجىسىنى ئىگەللەشنى مەقسەت قىلىپ سۇئال سوراش پائالىيىتىنى ئىلىپ بىرىلدى.پائالىيەت ئاخىرىدا ئىختىيارى قان ئېلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ 10 ئادەمنىڭ قېنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونتىرۇل قىلىش مەركىزىگە يوللاندى.بۇ قىتىمقى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشقان خەلق ئاممىسى ئەيدىز كېسىلى ۋە سىفلىس كېسەللىكى توغرىسىدا مۇھىم تەربىيىۋى بىلىملەرگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە،خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

【مەسئۇل تەھرىر : 】