نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

مەنبەسى : تۇرپانيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-27كۆرۈلىشى :

ئاپتۇنۇم رايون مۇتەخەسىسى توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

 

 

    ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەيدىز كىسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتىتىنىڭ تۇپان شەھىرىدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىۋى بويىچە، ئاپتۇنۇم رايونلۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول مەركىزىدىن يولداش زوھرە تۇردى 2016-يىلى9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ناھىيىمىزدىكى ھەر قايسى يېزا بازارلاردا ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىتى ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدىن بۇرۇن، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ پائالىيەتكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ناھىيمىزدىكى ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلار، يېزا بازارلار، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، بۇ قېتىمقى لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
1-مەيدان لىكسىيىگە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتىتىنىڭ ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلىرىدىكى مەسئول رەھبەرلىرى، توقسۇن بازىرىنىڭ ئورگان كادىرلىرى، ئاھالىلەر كومىتىتى كادىرلىرى، ئاھالىلار كومىتىتى ئاھالىلىرى، ناھىيە دىرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىدىكى خادىملار قاتناشتى. ناھىيىلىك قىزىل كىرست جەمئىيىتى پائالىيەتتە تەشۋىقات ماتىرىياللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتتى.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردا لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى. پائالىيەتكە يېزا-بازالىق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگان كادىرلىرى، كەنت كادىرلىرى، دىنى زاتلار، ئاياللار ۋەكىللىرى، كەنت ئاممىسى قاتناشتى. ھەر قېتىملىق لىكسىيە سۆزلەش پائاليىتىگە يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەھمىيەت بىرىپ، ياخشى تەشكىللەپ، يىغىن مەيدانىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ياىشى تەييارلاپ، پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەر قېتىمقى لىكسىيە ئاخىرىسدا ناھىيىلىك كىسەللىكلەر كونرىرول مەركىزىدىن رەيھانگۈل موكسۈم سىفىلىس قاتارلىق جىنسى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا قىسقىچە لىكسىيە سۆزلىدى.
9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە جەمئى 8 مەيدان لىكسىيە سۆزلەندى. قاتناشقان ئادەم 1500 دىن ئارتۇق.

زۆھرە تۈدى ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىغىن ئىشلىرى مەركىزىدە ئەزا ئورۇنلار، توقسۇن بازىرىدىكى ئامما، ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلاردىكى خادىملارغا لىكسىيە سۆزلىمەكتە.

 


غولبويى يېزىسىدا

 


ئىلانلىق بازىرىدا
 



بوستان يېزىسىدا


 

 

 


شاھ يېزىسىدا

 


ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى، تۇلۇق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بۇلۇپ ئىككى مەيدان سۆزلەندى


 

【مەسئۇل تەھرىر : 】