نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

ئىدىقۇت رايونى مەجبۇرىي زھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بېرىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلىدى

مەنبەسى : يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2016-12-02كۆرۈلىشى :


ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش ،خەتەرلىك كىشلەر توپنىڭ كىسەللىك نىسبىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە، تۇرپان شەھەرلىك مەجبۇرىي زھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى تىببى خادىملارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىدىقۇت رايونلۇق كىسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى2016 -يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇرپان شەھەرلىك مەجبۇرىي زھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بېرىپ جىنسىي كىسەللىكلەر ۋە  ئەيدىز كىسىىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش  بىلىملىرى بويىچە بىر سائەتلىك دەرس ئۆتتى.
دەرىسكە600 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇلۇپ، ئىدىقۇت رايونلۇق كىسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانسىدىن ئابدۇراھمان غەنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجىربىسى ۋە بىلىملىرىنى دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ،جانلىق مىساللار ۋە ئىبرەتلىك ھىكايىلەر ئارقىلىق زھەر تاشلاش ئورنىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.ئۇلارغا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلك،قالايمىقان جىنسي مۇناسۋەت ئۆتكۈزمەسلىكنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى ۋە بۇنداق قىلغاندا ئەيدىز كىسىلنى يۇقتۇرۋىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرلاپ كىتىدىغانلىقنى چۈشەندۈردى.مەھبۇسلارمۇ بۇندىن كىيىن ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەرىستىن كىين ئۇلارغا تەشۋىقات ۋارىقى ۋە ئوقۇشلۇقلار تارقىتىپ بىرىلدى.

【مەسئۇل تەھرىر : 】