نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

تۇرپان شەھەر پىچان ناھىيىسى ئوتتۇا ياش ياشانغانلار ئۈچۈن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى لىكسىيەسى ئورۇنلاشتۇردى

مەنبەسى : ئۆز ماقالىمىزيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2016-12-05كۆرۈلىشى :

ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى يەنە بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىش ،شۇنداقلا ئەيدىزدىن مۇداپىئە بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئوموملاشتۇرۇش ئۈچۈن ،11-ئاينىڭ 21-كۈنى پىچان ناھىيسى كىسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئورنىدىكى يولداش يۈخۇڭ ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپتە ئوتتۇرا ياش كادىرلارغا لىكسيە سۆزلەپ ئۇلارغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئالدىنى ئىلىش بىلملىرىنى يەتكۈزدى .پارتىيە مەكتەپتە 48 نەپەر ئوتتۇرا ياش كادىر بۇ قىتمقى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتى ۋە لىكسىيەنى ئەستايدىل ئاڭلىدى .
يولداش يۈخۇڭ ئاددى چۈشنىشىلىك سۆزلەر بىلەن ،ئەيدىز كىسلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ،تەرەققى قىلىش ئەھۋالى ،ئادەم بەدىندىكى روشەن ئىپادىلىرى ،شۇنداقلا نۈۋەتتىكى ئەيدىز كىسىلىنىڭ دۆلتىمىز ،رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئەيدىزنىڭ يامراش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەمەلىي تىپىك مىساللار ئارقىلىق ئىنىق چۈشەنچە بەردى .يولداش يۈخۇڭ يەنە،ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش ،ئەيدىز كىسىلگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ،ئەيدىز كىسىلى بىمارلىرىنىڭ رىئاللىققا يۈزلىنىپ ،ھاياتنى قەدىرلەپ خۇشال –خۇرام ياشىشى ئۈمدۋار بۇلۇپ ئەيدىز كىسىلى ئۇستىدىن غالىپ كىلىشى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ بىلىمگە ئىگە قىلدى .لىكسىيە ئارسىدا بىزھەممىمىز بىرلىكتە ناملىق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش فىلىمى قۇيۇپ بىرىلىپ لىكيسىە زور ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاياقلاشتى .
ئەيدىز كىسىلىنىڭ ياشلار ئىچىدە يامرىشىغا ئەگىشىپ ،ئەيدىزدىن مۇداپىلەنىش خىزمىتى ئوخشىمغان ياشىتىكى كىشلەر ئارسىدىمۇ ئىلىپ بىرىشنىڭ زۆزۆرلىكىنى چوڭقۇر
تونۇتتى .ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۈرسى كەلگۈسىدىكى بۈلۈم دەرىجىلىك كادىرلارنى تەبىيلەشنىڭ بۈشۈكى ،شۇنداقلا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ،بۇ لىكسىيە ئارقىلىق ئوتتۇرا ياش كادىرلار ئەيدىزدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش ،ئۆزىنى قانداق قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدى
لىكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن نەق مەيداندا 100 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋاراقسى تارقىتىلدى .يولداش يۈخۇڭ كۇرسانتلارنىڭ سورىغان سۇئالىغانەق مەيداندا جاۋاب بىرىپ كۇرسانتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .
بۇ قىتىمقى ئەيدىز كىسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش لىكسىيىسى ،ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى ئەيدىز كىسىلدىن قانداق مۇداپىلەنىش ئەيدىز كىسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈتۈپلا قالماي ،دۆلتىمىزنىڭ ئەيدىز كىسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتىنى خىلمۇ –خىل ئوسۇللار بىلەن كەڭ تەشۋىق قىلدى .بۇ ئارقىلىق خەلقىمىز ئۆزىنى قانداق قوغداش ،ئەيدىز كىسىلىگە قانداق مۇئامىلىە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدى ،بۇ پائالىيەت ئەيدىز كىسىلنىڭ تارقىلىشنى كەينىگە سۈرۈشتە مۇئەييەتن دەرىجخدە رول ئوينىدى .
كىيىنكى قەدەمدە بىز پارتىيە مەكتپە بىلەن ھەمكارلىقنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ ،ئەيدىز كىسىلدىن مۇداپىئەلىنىش دائىرىسىنى پۈتۈن خەلق ئاممىسىغا يۈزلەندۈرۈپ ،ئاممىۋىى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز .
(تۇرپان شەھەر پىچان ناھىيە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەركىزى يازغۇچى : مو شىياڭ مىي ،تەھرىرلىگۈچى :ھاۋاگۈل )

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】