نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

توقسۇن ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

مەنبەسى : يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2016-12-09كۆرۈلىشى :

ناھىيمىزنىڭ  ئەيدىز كېسىلى ھەم جېنسىي كېسەللەر بىلىمىنى ئاشۇرۇپ ،ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش،خەلق ئاممىسىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ خەتىرىنى تۇنىشى،ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش  مەقسىتىدە ،ھەريىلى 12- ئاينىڭ 1-كۈنىنى ئەيدىزنى ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۈنى قىلىپ بېكىتتى،توقسۇن ناھىيىسى مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانىدا ‹قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا،ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيىت بېرىش كېرەك›دىگەن تېمىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلد ى .پائالىيەتكە ناھىيدىكى ئەزا ئىدارە-ئورۇنلار،يېزا-بازالار،سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى،ناھىيلىك ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتى،قىزىل كىرىست جەمئىيىتى،دائىمى ئىشلار ھەيئىتى ۋە مەركىزىمىزدىكى بارلىق خادىملار قاتناشتى.تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى باھارگۈل مايىت مۇھىم سۆز قىلدى،ھەمدە ئىدارە-ئورۇنلار،يېزا-بازالار ھەم ئامما ئاكتىپ ھەركەتكە كېلىپ قول تۇتۇشۇپ ،بىرلىكتە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.پائالىيەتتە تەشۋىقات كالىندارىدىن 500 پارچە،500دانە تەشۋىقات سومكىسى ،300پارچە تەشۋىقات قونلانمىسى تارقىتىلدى.12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى پائالىيەت ئارقىلىق ناھىيمىزدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ۋەئىككىلا تەرەپ ئەيدىز بىمارى بولغان 16 نەپەر بىماردىن بىرخالتىدىن ئۇن، بىر خالتىدىن گۈرۈچ،بىر تۇڭدىن ماي ئېلىپ بېرىپ ھال سورىدى.بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ،تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى،ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋەياردەم بېرىشكە چاقىرىشنى مەقسەت قىلغان .      
(توقسۇن ناھىيسى كىسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش كونتىرول مەركىزى، تەھرىر:ئىرشات ئوسمان،تەكشۈرگۈچى:رەيھانگۈل توختى

【مەسئۇل تەھرىر : 】